大数跨境

پۇت قولى ئىسسىمايدىغانلار، بۇ شورپىنى ئىچىپ كۆرۈپ بېقىڭ

پۇت قولى ئىسسىمايدىغانلار، بۇ شورپىنى ئىچىپ كۆرۈپ بېقىڭ dastur
2019-01-17
0



ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ

بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە پىچەكگۈل كەپتەر شورپىسى تۇنۇشتۇرىمىز. پىچەكگۈل بىلەن كەپتەرنى قوشۇپ شورپا قايناتساق قاننى قۇۋۋەتلەپ ماغدۇر تۇلۇقلاش، سۇغۇق يەل ھەيدەش ئۈنۈمى بار بولۇپ، كۈز ۋە قىش پەسىللىرىدە قۇۋۋەت تۇلۇقلاش ئۈچۈن ئىچىشكە ماس كىلىدۇ. بۇندىن باشقا پىچەكگۈل كەپتەر شورپىسى تۇغۇتتىن كىيىن ۋە ئوپراتسىيىدىن كىيىنكى ئەسلىگە كىلىشتە قۇۋۋەت تۇلۇقلاشقىمۇ ماس كىلىدىغان بولۇپ، دائىم ئىچىپ بەرگەندە تەن ساغلاملىقىغا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ.

كىتەرلىك ماتىريال
    كەپتەر، پىچەكگۈل، چىلان، ئالقات، زەنجىۋىل
كىتەرلىك خۇرۇچ ماتىريالى
    تۇز، قارىمۇچ تالقىنى

 

تەييارلاش ئۇسۇلى

 

Step 1

     كەپتەرنى يۇڭداپ ئىچ-قارنىنى ئېلىۋەتكەندىن كىيىن يۇيۇپ پاكىزلاپ، قۇيرۇق قىسمىنى كىسىپ ئېلىۋىتىمىز.


Step 2

    پىچەكگۈلنىڭ پوستىنى سويۇۋەتكەندىن كىيىن، بۆلەك ھالىتىدە توغرايمىز.

    توغراپ تەييارلىغان پىچەكگۈلنىڭ ھاۋادا ئوكسىدلىنىپ قارىداپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇنى سۇغا چىلاپ قويىمىز.

 

Step 3

    قازانغا سۇ قۇيۇپ، ئوت يېقىشتىن ئاۋال كەپتەرنى ۋە زەنجىۋىل پارچىسىنى سالىمىز.

    كەپتەر گۆشىنىڭ غەلىتە پۇراقلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن، سۇدا بىر قاينىتىۋالىمىز

    چوڭ ئوتتا قايناپ چىققاندىن كىيىن، كەپتەر گۆشىنى سۈزۈۋالىمىز.


 

    شورپا قازىنى تەييارلاپ، چىلان بىلەن زەنجىۋىلنى سالىمىز    ئالدىدا قازاندىن سۈزۈۋالغان كەپتەر گۆشىنى سۇدا بىر چايقىۋەتكەندىن كىيىن، ئۇنىمۇ شورپا قايناتماقچى بولغان قازانغا سېلىپ، قازانغا ئىسسىق سۇ قۇيىمىز.

    قازاننىڭ تۇۋىقىنى يېپىپ، چوڭ ئوتتا قايناپ چىققاندىن كىيىن، كىچىك ئوتقا ئالماشتۇرۇپ، 30 مىنۇت قاينىتىپ پىشۇرۇمىز.

 

Step 5

    30 مىنۇتقا توشقاندا، قازانغا پىچەكگۈلنى سالىمىز    تۇۋاقنى يېپىپ كىچىك ئوتتا 90 مىنۇت قاينىتىمىز.

    ئوتنى ئۆچۈرۈشنىڭ بەش مىنۇت ئالدىدا، ئالقاتنى سالىمىز؛ بۇنىڭدا ئالقاتنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ.

    ۋاقىت توشقاندىن كىيىن، بىر قوشۇق تۇز، يېرىم قۇشۇق قارىمۇچ تالقىنى قوشۇپ تەم تەڭشىگەندىن كىيىن ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

 

Step 6

    كەپتەر گۆشى تەركىبىدە ئاقسىل ۋە مىكرو ئىلمىنتلار ئىنتايىن مول، ئەكسىچە ياغ تەركىبى نىسبەتەن تۆۋەن؛ شۇڭلاشقا شورپا قاينىتىپ ئىچىشتە كەپتەر گۆشىنى كۆپرەك تاللىساق، ساغلاملىققا بەلگىلىك دەرىجىدە پايدىسى بار.







新疆代斯图尔国际贸易有限公司          شىنجاڭ دەستۇر خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى .




【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读530
粉丝0
内容662