

ئەگەر كىشىنىڭ غايىسى بولمىسا ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ. ئەگەر ئۇ ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە ئازراقمۇ پايدا يەتكۈزەلمىسە ئۇنىڭ يەنە بۇ دۇنيادا ياشىغىنىنىڭ يەنە نېمە ئەھمىيىتى بولسۇن. لېكىن ئاشۇ كۆڭلىڭىزگە پۈتكەن ئارزۇلارغا يېتىش ھەرگىزمۇ بىز ئويلىغاندەك ئاسان ئىش ئەمەس. بۇ يولدا بىزنى كۈتىۋاتقىنى بولسا كۈرمىڭلىغان مۈشكىلاتلار ۋە توساقلار

بۈگۈن سىزگە تەييارلىغان بۇ بەش فىلىم، سىزنىڭ ئۆز غايىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا سىزگە توغرا يول، غەيرەت-شىجائەت ۋە تىز پۈكمەس ئىرادە ئاتا قىلغۇسى. غايىگە يېتىش يولى بىر ئۇزۇن جەريان. سىز پەقەت فىلىمدىكى باش پېرسۇناژتەك چىشىڭىزنى چىشلەپ، بۇ ئۇزۇن جەرياندىكى جاپا-مۇشەققەت ۋە يالغۇزلۇقلارغا چىدىسىڭىزلا، ئەڭ ئاخىرقى غەلبە سىزگە مەنسۇپ بولىدۇ
1
(7.8)كەسكىن ئېلىشىش
ئەڭ ئەركەكلەرچە بولغان تەغدىرنى ئۆزگەرتىش

فىلىمدىكى ئېلىشىش جەريانى ناھايىتى كەسكىن ۋە جەنگىۋار بولۇپ، ئېكران ئالدىدىكى كۆرۈرمەن ئۆزىنى خۇددىي مەيدانغا چۈشۈپ ئېلىشىۋاتقاندەك ھېسىياتقا ئەكەپ قويىدۇ

فىلىمدىكى بەزى يۇمىرىستىك ۋەقەلىكلەر، بىزگە خۇشاللاق بېغىشلاش بىلەن بىللە، غايە يولىنىڭ جاپا-مۇشەققەتتىن باشقا يەنە خۇشاللىقلارنىڭمۇ بولۇپ تۇرىدىغىنىنى، پەقەت ئۆزىمىزنى خۇشال تۇتۇپ، بۇ ئىشلارغا توغرا بولغان پوزىتسىيەدە بولساقلا، ھەممىنىڭ ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىنى، ئەڭ ئاخىردىكى غەلبىگە ئېرىشكەندىكى خۇشاللاقنىڭ تېخىمۇ تاتلىق بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ
2
(8.4)ئاجىزلىق
ئاگەننىڭ تەرجىمىھالى فىلىمىدىكى ۋەقەلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن

ئاجىزلىق:ھەقىقىي يۈز بەرگەن ۋەقەلىكتىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن فىلىم بولۇپ، بىر ئۇلۇغ ئانىنىڭ كىشىلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئۆزىنىڭ قولىدىن كېلىشىچە نامرات رايوندىكى بالىلىرنى قۇتۇلدۇرۇشى بايان قىلىنغان. فىلىم ئامېرىكىچە ئۇسلۇبتىكى يۇمۇر بىلەن، سىزگە غەيرەت-شىجائەتلىك بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ

فىلىمدىكى پېرسۇناژ ساندرا بۇللۇكنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ نادىر چىققان رول بولۇپ، مەيلى فىلىمدىكى باش پېرسۇناژ بولسۇن ياكى رولغا چىققان ئارتىسنىڭ ئۆزى بولسۇن، تىرىشچانلىقنىڭ ھايات كۈرەش جەريانىدىكى ئەڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئاكتىپ پوزىتسىيە ئىكەنلىكىنى بىزگە چۈشەندۈرۈپ بەرگەن
3
(8.5)مىليون يۈەنلىك بوكسچى
ئايال بوكسچىنىڭ تىز پۈكمەس روھىي سۆزلەنگەن

فىلىمدىكى ئايال باش پېرسۇناژ بوكسچى بولالمىغانلىقى سەۋەبىدىن بۇ غايىسىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ. فىلىمنىڭ ئالدىنقى بۆلىكى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئېلىشىش بولسا، كېيىنكى بۆلىكى بىزگە كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى مېھرى-مۇھەببەتنىڭ بىزنىڭ ھاياتىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى ئىكەنلىكى چۈشەندۈرۈپ بېرىپ، كلاسسىك ئۇسلۇبتىكى ھەرىكەتلىك فىلىمنىڭ يۆلىنىشىنى بۇزۇپ تاشلىغان. فىلىم 77-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمىدا، ئەڭ نادىر رېژىسسور، ئەڭ نادىر ئايال باش پېرسۇناژ، ئەڭ نادىر قوشۇمچە ئەر پېرسۇناژ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن

فىلىمنىڭ مۇزىكىسىنى داڭلىق مۇزىكانت دۇڭمۇ بىر قوللۇق ئىشلىگەن.مۇزىكا ئاددىي ئەمما ھەم قىسقا. ئۈچ ئاساسلىق پېرسۇناژمۇ رولنى شۇنداق ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئالغان
4
(7.2)شامالنى بۆسۈش
ئەڭ جەنگىۋار ۋېلىسپىت ماھىرلىرى

دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن بۇنداق جەنگىۋار فىلىمنى كۆرمىگىلى ناھايىتى ئۇزۇن بوپتىكەن. فىلىمدە ۋاڭ لۇدەن مۇسابىقىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مەيداننى ئايلىنۋاتقىنىدا يېقىلىپ چۈشۈپ پۇتىنى ئېغىر يارىلاندۇرۋالىدۇ شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇسابىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئالدىنقى ئۈچىنچىلىككە كىرىدۇ

فىلىمدە بەڭۋاش ئوغۇل بالىنىڭ ئانىسىغا قېيداش سەۋەپلىك، تىرىشىپ ئۆز مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغانلىقى ھەمدە مۇشۇ جەرياندىكى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئىسسىق سوغۇقلىرى بايان قىلىنغان
5
(7.2)ئۆتكۈنچى ئادەم
بىر ئادىي شەخسنىڭ ھايات تۇرمۇشى

فىلىم ھەرگىزمۇ داڭلىق چولپانلارنى تەكلىپ قىلىش، ياكى يېرىم يالاڭغاچ كۆرۈنۈشلەرنى چىقىرىش ئارقىلىق كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزىقىشىغا ئېرىشكەن ئەمەس. بەلكى سىز ۋە بىزگە ئوخشاش ئاددىي كىشىلەرنىڭ ھايات تۇرمۇشى ۋە غايىسىنى تەسۋىرلىگەن

مەن بۇ فىلىمدىكى ئاددىي ئەمما مەناسى چوڭقۇر بولغان سەھنە سۆزلىرىنى ياختۇرىمەن. بۇ سۆزلەر مۇھەببەت لىرىكىلىرىدەك سىزنىڭ قەلب تارىڭىزنى تىترىتەلمەيدۇ. ئەمما سىزنىڭ تۇرمۇش يولىدا چاڭقاپ كەتكەن كۆڭلىڭىزنى ئىللىتالايدۇ


