大数跨境

قىش پەسلىدە دورا يېگەندىنمۇ بەكرەك ئۈنۈملۈك بولغان مېۋە ئېشى

قىش پەسلىدە دورا يېگەندىنمۇ بەكرەك ئۈنۈملۈك بولغان مېۋە ئېشى dastur
2019-01-20
3




ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ

قىش پەسلىدە ئەڭ قارشى ئېلىشقا ئېرىشىدىغان مېۋىلەرنى تىلغا ئالغىنىمىزدا ئەلۋەتتە تۇنجى بۇلۇپ ئاپلىسىن ئېسىمىزگە كېلىدۇ . ئاپلىسىننىڭ ئاچچىق- چۈچۈك تەمىدىن بىر ئولتۇرۇشىمىزدا نەچچىنى يەۋەتكۈمىز كېلىدۇ . ئۇنداقتا سىز راستىنلا ئاپلىسىننى قانداق يېيېشنى بىلەمسىز ؟

بىر دانە ئاپلىسىن = بەش خىل تۈردىكى دورا

ئاپلىسىن بولسا مېۋىنىڭ بىر تۈرى ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز .بىراق ئەمەلىيەتتە  ئاپلىسىن يەنە يۇقىرى ئۈنۈملۈك داۋالاش قىممىتى بولغان جۇڭيى دورىسى ھېسابلىنىدۇ . ھەتتا ئاپلىسىننىڭ ئىچىدىن تارتىپ تېشىغىچە ھەممىسى ناھايتى قىممەتلىك دېيىشكە بۇلىدۇ .


ئاپلىسىن پوستى


ئاپلىسىن پوستى داۋالاش ئۇسۇلى بۇيىچە يەنە ماندارىن شۆپۈكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ .يوقىرى قان بېسىم،ھەزىم قېلىش ياخشى بولماسلىق،ھارغىنلىق،يۇقىرى مايلىق قان كېسىلى قاتارلىق ئالامەتلەرنى ئاپلىسىن پوستىنى ئىستىمال قېلىش ئارقىلىق تەڭشىگىلى بۇلىدۇ .ئاپلىسىن پوستى تەركىبىدىكى ئاپلىسىن پوستى چۈچۈكبۇياسىنىڭ  قان بېسىمغا نىسبەتەن قوش يۆلىنىشلىك تەڭشەش  رولى بار .



ئاپلىسىن يىپى


ئاپىسىن يىپى بولسا ئاپلىسىنىىڭ پوستى ۋە مېۋە ئېتى  ئوتتۇرسىدىكى ئاق رەڭلىك تورسىمان يىپچىلارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ ، مانا شۇ يىپچىلار نېرۋىنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش، بەلغەمنى بوشىتىش تەسىرىگە ئىگە . جۇڭگو تىبابىتىدە ئاساسلىق بەلغەملىك يۆتەل، كۆكرەك قىسىمى قوشۇلۇپ ئاغرىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ . شۇ ۋەجىدىن ئاپىسىن ئىستىمال قىلغاندا ئاپلىسىن يىپچىلىرىنى بەكلا پاكىز ئادالىۋەتمىسىمۇ تامامەن بۇلىدۇ .



ئاپلىسىن مېغىزى


بەلكىم ئويلاپمۇ باقمىغان بولغۇيتتىڭىز ،ئاپلىسىن  مېغىزىنىمۇ دورا سۈپىتىدە ئېستىمال قىلغىلى بۇلىدۇ . قۇرۇتۇپ قاقلانغان ئاپىسىن مېغىزىنىڭ مىجەز تەڭشەش ، ئويۇشۇشنى بوشىتىش ،ئاغرىق توختىشىش قاتارلىق ئۈنۈمى بولۇپ،ئاغرىق توختىشىش ئۈچۈن ئاپلىسىن مېغىزىنى چاي دەملەپ ئىچىشكە بۇلىدۇ . ئادەتتە 5~3 گىرامغىچە بولسىلا يېتەرلىك .



ئاپلىسىن ئېتى


ئاپلىسىن ئېتى تەركىبىدىكى سۇنىڭ مىقدارى ناھايتى مول بولۇپ ،يەنە تېخى مول مىقداردىكى ۋىتامىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان . ئاپلىسىن ئېتىنىڭ ئۇسسۇزلىقنى قاندۇرۇش، بەلغەمنى بوشىتىش ، ئۆپكىنى نەملەپ ئۈچەينى تازىلاش ئۈنۈمى بار .كۈندە نەچچە تال ئاپلىسىن يەپ بەرگەندە يەنە ھەزىم قىلىشقا پايدىسى بولۇشتىن باشقا قەۋىزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .



ئاپلىسىن يوپۇرمىقى


ئاپلىسىن يوپۇرمىقىمۇ بىر خىل دورا . جىگەرخىزمىتىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىششىقنى ياندۇرۇپ زەھەر تارقاقلاشتۇرۇش ئۈنۈمى بار.ئىككى ئۈچ تال ئاپلىسىن يوپۇرمىقىنى چاي دەملەپ ئىچسىمۇ بۇلىدۇ ،ئەگەر تەمىگە كۆنەلمىگەنلەر مۇۋاپىق مىقداردىكى مۇز ياكى ھەسەل ئارىلاشتۇرىۋەتسىمۇ تاھايتى ئىچىشلىك بۇلىدۇ .



ئاپلىسىن ئىستىمال قىلغاندا ئاسانلا ئىسسىقى ئېشىپ كېتىدۇ


ئەگەر بەدەن سالامەتلىك ئەھۋالى نورمال بولسا ،ئاپلىسىن ئىستىمال  قىلغاندا ماھىيەتتە بەدەننىڭ ئىسسىقىنى ئاشۇرىۋەتمەيدۇ .ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشتەك ئالامەتلەرنىڭ كۆرۈلىشىنىڭ سەۋەبى بولسا ،شېكەر تەركىبى كۆپ مىقداردا سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن ،بەدەندە شىلىمشىق سۇيۇقلۇق رىئاكسىيىسى شەكىللىنىدۇ ، ئەگەر بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بەدەندە كېسەل پەيدا قىلىدىغان باكتېرىيە بار بولسا ئاسانلا ياللۇغلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ ،لېكىن بۇ ئەمەلىيەتتە ھەقىيقىي ئىسسىقى ئېشىپ كىتىش ئەمەس.



ئاپلىسىن تەركىبىدە يەنە كېسلاتالىق تەركىبلەرمۇ بار(مېۋە كېسلاتاسى)، بۇ تەركىبلەرنىڭ شىللىق پەردىگە غىدىغلاش تەسىرى بار بولۇپ ،كۆپ ئىستىمال قىلغاندا ئىسسىقلىقى ئېشىپ كەتكەنگە ئوخشاش كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . مەيلى شېكەر تەركىبى ۋە ياكى كېسلاتالىق تەركىب بولسۇن، ئەگەردە شۈمۈرىلىشى كۆپ بولۇپ كەتكەندە يەنىلا يوقىرىقىغا ئوخشاش كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ . شۇڭا ھەرگىزمۇ ئاچكۆزلۈق قىلماسلىق كېرەك.



تەۋسىيە : ئاپلىسىن يېيىشنىڭ مىقدارىنى بىر قېتىمدا 200گىرام ئىچىدە  كونتىرول قېلىش كېرەك. بىر كۈندىكى شۈمۈرۈلۈش مىقدارىنى 350گىرام ئىچىدە كونتىرول قېلىش كېرەك.

ئاپلىسىن يېمەكلىكلىرى


قاقلانغان ئاپلىسىن



كونىلاردا: «سوغۇق يۆتەلگە قاقلانغان ئاپلىسىن يە ،سوغۇق شامالنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ »دەيدىغان گەپ بار.ئويلاپمۇ باقمىغانسىز،ئاپلىسىننى يەنە ئوتتا قاقلىغىلىمۇ بۇلىدىكەن. قاقلانغان ئاپلىسىندا كۆمۈر كۈيۈندىسى بىلەن ناھايتى روشەن بولغان ئاپلىسىن ھېدى بولىدۇ .



قاقلانغان ئاپلىسىندا كۆپ خىل قاتلامدىكى پۇراقلار بۇلۇپ ،ئاچچىق-چۈچۈك تاتلىقلار ئارلىشىپ كەتكەن بۇلىدۇ ، ئىسسىق پۇرىقى ئەتراپقا ئۇرۇلۇپ تۇرغان ئاپلىسىن قىش پەسلىدە يېيىشكە تولىمۇ ماس كېلىدۇ .


ئاپلىسىن تىلىمى ھارىقى


يېڭى يىللىق ئۆز قولىڭىز بىلەن ئاپلىسىن ھارىقى ياساپ باقسىڭىز بۇلىدۇ . ئاپلىسىن تېلىمىنى تەييارلىۋالغاندىن كېيىن مايسىز سۇسىز ئەينەك قۇتىغا سېلىپ ،ئۇنىڭغا مۇز ( تەييارلىغان ئاپلىسىن تېلى مىقدارىنى 3دىن 1ى چىلىك مىقداردا بولسا بۇلىدۇ )ۋە ئاق ھاراق ئارىلاشتۇررىمىز .ئەگەر ھاراق تەمىنىڭ بەك كۈچلۈك بۇلۇپ كەتمەسلىكىنى تەلەپ قىلساق ساپ ھاراق ئىشلەتسەكمۇ بۇلىدۇ .



سالقىن جايغا ياكى توڭلاتقۇغا سېلىپ يېرىم ئاي ئەتراپىدا چىلاپ قويساقلا بۇلىدۇ . ئۆزى ئېچىتقان ھاراق ناھايتى يېقىشلىق بۇلۇپلا قالماستىن يەنە سوغۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىمۇ بار.



ئاپلىسىن مۇرابباسى


ئاپلىسىن ئېتىنى پاكىزە ئادالايمىز،ئاندىن ئاپلىسىن پوستىدىن ئىككىنى ئېلىپ ئىچىدىكى بىر قات ئاپئاق تەركىبىنى پاكىزە قىرىۋېتىمىز ،شۇنداق قىلغاندا مۇراببا ئاندىن ئېغىزدا قالغۇدەك تاتلىق بولىدۇ .



ئاپلىسىن ئاتى ۋە ئاپلىسىن پوستى ئىككىلىسىنى توغراپ قازانغا سالىمىز ،ئۈستىگە مۇز قوشۇپ ،سۇس ئوتتا قاينىتىمىز . قازان تېگىگە چاپلىشىپ قالماسلىق ئۈچۈن بىردەم- بىردەم ئېلەشتۈرۈپ تۇرۇش كېرەك .



قويۇلغاندىن كېيىن سوۋۇتۇپ ئەينەك قۇتىغا قاچىلىساقلا يېيىشلىك بولغان مۇراببا تەييار بولغان بۇلىدۇ .



ئاپلىسىن پوستىنى شېكەرگە چىلاش


ئاپلىسىن پوستىدىن يەنە كىچىك پىرەنىك ياسىغىلىمۇ بۇلىدۇ .تەمى چۈچۈمەل بۇلۇپ ئىشتىھانى ئاچىدۇ . ئاپلىسىن پوستى ئىچىدىكى بىر قات ئاپئاق تەركىبىنى پاكىزە قىرىۋېتىپ،ئىنچىكە قەلەمچە قېلىپ توغرايمىز ،ئاندىن قايناقسۇغا باسقاندىن كېيىن  سۈزۈپ ئېلىپ قاقلاپ قۇرۇتىمىز .



شېكەر قازىنىغا سېلىپ قول بىلەن سىقىپ سۇ تەركىبىنى چىقىرىپ تاشلايمىز ھەمدە سۇس ئوتتا ئاستا قاينىتىمىز ،سۇ تەركىبى ئاستا-ئاستا پارلىنىپ تۈگىگەندىن كېيىن ،توغرالغان پوستى قىسىمى بارغانسىرى سۈزۈرىشكە باشلايدۇ  شۇنداقلا  ھىدىمۇ بارغانسىرى ئەتراپقا تارىلىدۇ .



ئاخىرىدا ئەينەك قۇتىغا قاچىلاپ ئىستىمال قىلىشقا باشلىساقلا بۇلىدۇ .



تۆۋەندىكى كىشىلەر ئازىراق ئىستىمال قىلىشى كېرەك


دىيابىت كېسىلى بىمارلىرى


دىيابىت كېسىلى بىمارلىرى مېۋە ئىستىمال قىلغاندا ئاساسلىق قىلىپ تاماق يەپ بولۇپ 2 سائەتتىن كېيىنكى  قان شېكىرى كۆزدە تۇتىلىدۇ .ياشانغانلارنىڭ قان شىكىرى 10~8 ئەتراپىدا كونتىرول قېلىنغاندا ، مۇۋاپىق مىقداردا ئاپلىسىن ئىستىمال قىلسا بولىدۇ .ھەر قېتىمقى ئىستىمال مىقدارىنى 100 گىرام ئەتراپىدا كونتىرول قىلىشى ، يەنى يېرىمدىن بىرگىچە بولغان ئەتراپىدا كونتىرول قىلىشى كېرەك .



ئاشقازان ئۈچەي ياللۇغى بىمارلىرى


ئاشقازان ئۈچەي ياللۇغى بىمارلىرى  سوغۇق ئاپلىسىن يېيىشكە ماس كەلمەيدۇ .



دورا ئىستىمال قىلىۋاتقانلار


ئاپلىسىن ، چوڭ ئاپلىسىن قاتارلىق مېۋە شەربەتلىرى تەركىبىدىكى بەزى تەركىبلەر دورا ئۈنىمىگە نىسبەتەن بەلگىلىك بۇزغۇنچىلىق قېلىش رولىنى ئۆتەيدۇ . شۇڭا ئەڭ ياخشىسى دورا ئىستىمال قىلىۋاتقاندا ئاپلىسىن يېمەسلىك لازىم .


















dastur




【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读530
粉丝0
内容662