
نۇقسانسىز ئىنسان يوق. سىزمۇ، مەنمۇ، ئۇمۇ، شۇڭا ئۆزگەرتىڭ، ئۆزگۈرۈڭ، كۆنۈڭ، كۆندۈرۈڭ. بۇھايات خاپا بولۇپ رەنجگىدەك، ئاداۋەتتە ياتلاشقۇدەك ئۇنچە ئۇزۇن ئەمەس ...
ئەگەر ئىللىق مېھرىمنى بەرسەم بىلمەسكە سالساڭ، بەدەل تۆلىسەم كۆرمەسكە سالساڭ، ئەقىدە قىلسام سەزمىگەن بولساڭ، بىلىپ قال! مەن كۆڭۈل تىلەمچىسى ئەمەس ..
سېنى ياخشى كۆرگەن ئادەم، سەندىكى خاتالىقنىمۇ ئۆزىدىن ئىزدەيدۇ. بۇ ساددىلىق ئەمەس ئاشىقلىق، بىلگىن جېنىم ... !!
ئۆزىڭىزنى ھەرخىل ئادەملەرنىڭ ئېغىزىدا ھەرخىل ئاڭلايسىز، شۇڭا سىزگە بېرىلگەن باھاغا ئانچە پىسەنت قىلماڭ. خەق ئۆزى قانداق بولسا سىزگىمۇ شۇنداق باھا بېرىدۇ !

