


قانداق قىلسا ئەڭ ئۈنۈملۈك قان تۇلۇقلاش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ؟ تۆۋەندە بۇ ھەقتە ئورتاقلىشىمىز
1
تۇخۇم سېرىقى

گەرچە تۆمۈرنىڭ بەدەنگە قوبۇل بۇلۇش نىسبىتى ئاران 7% بولسىمۇ، ھەر 100گىرام تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدە 7گىرام ساپ تۆمۈر ماددىسى بار، ھەم تۇخۇم سېرىقىدا ئۇنىڭدىن باشقا كۆپلىگەن ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلار بار، شۇڭا قان ئاز كىشىلەر ناشتىدا بىر دانە تۇخۇم سېرىقى يېيىشنى ئادەت قىلسا، تۆمۈر ۋە ئوزۇقلۇق ئۈنۈملۈك تولۇقلىنىدۇ
1
پالەك

پالەك ئىنتايىن داڭلىق بولغان قان تولۇقلىغۇچى كۆكتات. پالەك تەركىبىدە مول بولغان تۆمۈر، كاروتىن بار بولۇپ، قان ئاز كىشىلەر كۆپرەك پالەك شورپىسى ئىچىپ بەرسە قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قان تۇلۇقلايدۇ
3
سەۋزە

سەۋزە تەركىبىدە مول مىقداردا ۋىتامىن B، C ۋە ئالاھىدە بىر خىل ئوزۇقلۇق ئېلېمېنت بولغان كاروتىن بار. كاروتىننىڭ قان تۇلۇقلاش ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقىرى، شۇڭا سەھەردە سەۋزە يۇتازا ۋە سەۋزە شورپىسى ئىچىش قان تۇلۇقلاش ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر
4
پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى
ھەر 100گىرام سېرىق پۇرچاق تەركىبىدە 11گىرام تۆمۈر بار، تۆمۈرنىڭ ئادەم بەدىنىگە قوبۇل بولۇش نىسبىتى 7% ئەتراپىدا بولۇپ، گۈرۈچ ۋە ئۇنغا سېلىشتۇرغاندا ئىنتايىن يۇقىرى. شۇڭا قان ئاز كىشىلەر سېرىق پۇرچاق ۋە باشقا پۇرچاق مەھسۇلاتلىرىنى كۆپ ئىستېمال قىلىش كېرەك
5
لامنارىيە يەنى خەيدەي

قان ئاز كىشىلەر لامنارىيە قاتارلىق يوسۇن تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىشى كېرەك. لامنارىيەنىڭ قان تۇلۇقلاش بىلەن بىرگە، كالىي تۇلۇقلاش ئۈنۈمىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى
مەنبە: ساغلاملىق تورى

مەزمۇنلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستلار چەمبىرىكىدە بەھىرلىنىشنى، دوستلار توپىڭىزغا يوللاپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ. ياخشى مەزمۇنلار مەخپىي قالمىسۇن

