

بىر ئۆمۈر ئەسقاتىدىغان ئەستە ساقلاش قانونىيىتى
ھېرمان ئېببىڭخائۇس (1850-يىلى تۇغۇلۇپ 1909-يىلى ۋاپات بولغان) گېرمانىيىلىك مەشھۇر پىسخولوگ بولۇپ، ئۇ 1885-يىلىلا ئۆزىنىڭ ئەستە قالدۇرۇش ۋە ئۇنتۇش توغرىسىدىكى تەجرىبە دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. ئۇ تەجرىبە قىلىپ ئۆلچەش ئارقىلىق ئەستە ساقلاش مىقدارى، ئەستە قالدۇرۇش ۋاقتى ۋە ئۇنتۇشقا مۇناسىۋەتلىك بەزى سانلىق مەلۇماتلارغا ئىگە بولغان ۋە بۇنىڭغا ئاساسەن بىر ئەگرى سىزىقنى سىزىپ چىققان بولۇپ، بۇ دەل ئۇنتۇش قانۇنىيىتىنى ئېچىپ بېرىدىغان مەشھۇر «ئېببىڭخائۇس ئۇنتۇش ئەگرى سىزىقى» دۇر (تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ). سۈرەتتىكىۋېرتىكال (تىك) ئوق ئۆگىنىش جەريانىدا ئەستە ساقلىۋالغان بىلىمنىڭ سانىنى، گورىزونتال (توغرا) ئوق ۋاقىت (كۈن سانى)نى، ئەگرى سىزىق ئەستە قالدۇرۇش مىقدارىنىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىنى بىلدۈرىدۇ.

ئېببىڭخائۇس ئەگرى سىزىقى ئەستە قالدۇرۇش ۋە ئۇنتۇشنىڭ قانۇنىيىتىنى ئېچىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ ئەستە قالدۇرۇش-ئۇنتۇش قانۇنىيىتىنى بايقىغان تۇنجى ئادەم بولۇپ قالغان، ئۇنىڭ ئەستە قالدۇرۇش تەتقىقاتىمۇ پىسخولوگىيىدىكى ئەڭ كۆپ تەتقىق قىلىنىدىغان ساھەگە ئايلانغان.
بۇ ئۇنتۇش ئەگرى سىزىقىنى كۆزەتسەك، ئەستە قالدۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئۇنتۇشنىڭ «ئالدى بىلەن تېز، كېيىن ئاستا بولۇشتەك قانۇنىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇنتۇش سۈرئىتى تەدرىجى ئاستىلايدۇ، ئۇنتۇلىدىغان بىلىملەرنىڭ سانىمۇ ئازلايدۇ، بولۇپمۇ يېڭى بىلىمنى ئۆگەنگەندىن كېيىنكى تەخمىنەن بىر ھەپتە ئىچىدە ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تەكرار قىلمىسا بۇ بىلىملەرنىڭ پەقەت %25 لا ساقلىنىپ قالىدۇ. ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئەگرى سىزىق ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىنكىتەكرارلاش ناھايىتى مۇھىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە قانچە بالدۇر، قانچە كۆپ تەكرار قىلىش ئۆگەنگەن بىلىملەرنى ئەستە قالدۇرۇشقا شۇنچە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا ئېببىڭخائۇس ئەگرى سىزىقى ئوخشىمىغان ياش قاتلىمىدىكى كىشىلەر، ئوخشىمىغان خۇسۇسىيەتتىكى ماتېرىياللارنى ئەستە قالدۇرۇش قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنىيەتلەرنىمۇ ئېچىپ بەرگەن بولۇپ، ئۇ كىشىلەرنىڭ بىلىم ئۆگىنىشى، ئەستە قالدۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىدە مۇھىم يېتەكچىل ئەھمىيەتكە ئىگە، بۇنىڭغا ئاساسەن بىز ئەستە قالدۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىغان تۆۋەندىكىدەك ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى خۇلاسىلەپ چىقالايمىز:
▼
1
联想法
باغلاشتۇرۇپ ئەستە ساقلاش ئۇسۇلى

باغلاشتۇرۇپ ئەستە قالدۇرۇش ئۇسۇلى دېگىنىمىز ئەستە قالدۇرۇشقا تېگىشلىك ئۇچۇرلارنى ئالاقىدار سۈرەت، ئاۋاز، ھەرىكەت قاتارلىقلار بىلەن باغلاپ، ئوبرازلىق ئەستە قالدۇرىدىغان ئۇسۇلنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، «قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى» دېگەن بۇ سۆزنىڭ ئېنگىلىزچىسىنى ئۆگەنگەندە، ئادەمنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزغان كۆرۈنۈشكە باغلاپ ماھىرلىق بىلەن بۇ سۆزنى ئەستە ساقلىۋالسا بولىدۇ. (ambulanceدېگەن بۇ سۆزنى دۆلەت تىلىدا 俺不能死 دەپ باغلاشتۇرۇپ تەلەپپۇزقىلسىمۇ بولىدۇ)
2
链式记忆法
زەنجىرسىمان ئەستە ساقلاش ئۇسۇلى

زەنجىرسىمان ئەستە ساقلاش ئۇسۇلى دېگىنىمىز كۆپ ئۇچرىمايدىغان ئۇچۇرلار ۋە كۆپ ئۇچرايدىغان ئۇچۇرلارنى ئەپچىللىك بىلەن باغلاپ، بىرلەشتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ئەستە قالدۇرۇشقا بىر «ئىشىك تۇتقۇچى» تېپىپ بەرگەنگە باراۋەر بولۇپ، ئاز كۈچ بىلەن كۆپ نەرسىنى ئەستە قالدۇرۇش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ. بۇ ئۇسۇل يەنە ئەستە قالدۇرۇش ئوردىسى ئۇسۇلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، مەسىلەن بىز نۇرغۇن تېلىۋىزىيە پىروگراممىلىرىدا كۆرگەن تېز سۈرئەتتە ئەستە ساقلاش مۇسابىقىلىرىدە ئەستە ساقلىغۇچى ئەھمىيەتسىز ئۇچۇرلارنى بەدىنىدىكى ئەزالارغا باغلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئەستە ساقلىۋالىدۇ.
3
空间记忆法
بوشلۇق ئەستە ساقلاش ئۇسۇلى

بوشلۇق ئەستە ساقلاش ئۇسۇلى دېگىنىمىز ئەستە ساقلىغۇچى ئەستە ساقلاشقا تېگىشلىك ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئۆزىگە بىر قەدەر تونۇشلۇق بولغان بوشلۇق مۇھىتىغا قويۇپ، ئۆزىگە تونۇشلۇق بۇ بوشلۇق مۇھىتى ئارقىلىق ناتونۇش ئۇچۇرلارنى ئەستە ساقلىۋالىدىغان ئۇسۇلنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، ئەستە ساقلىغۇچى ئۆيىدىكى ئىشىك، ئۈستەل-ئورۇندۇق، شامالدۇرغۇچ، ھاۋا تەڭشىگۈچ، كىرئالغۇ، توڭلاتقۇ قاتارلىقلارنى ئوخشىمىغان ئۇچۇرلارغا ئۇدۇللاپ، ئاندىن ئۇچۇرلارنى ئوخشىمىغان كاتەكچىلەرگە تولدۇرىدۇ، ناتونۇش ئۇچۇرلارنى ئەستە ساقلىغاندا تەبىئى ھالدا بۇ ناتونۇش ئۇچۇرلارنى ئۆزىگە تونۇش ئۇچۇرلارغا ئۇدۇللايدۇ، بۇنداق قىلغاندا مەززىسىز ئۇچۇرلارنى بىر گۇرۇپپا قىزىقارلىق ئۇچۇرلارغا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.
4
便签记忆法
كارتىلىق ئەستە ساقلاشئۇسۇلى

كارتىلىق ئەستە ساقلاش ئۇسۇلى دېگىنىمىز ئەستە ساقلاشقا تېگىشلىك ئۇچۇرلارنى كارتىغا خاتىرىلىۋېلىپ، خالىغان ۋاقىت، خالىغان جايدا بۇ ئۇچۇرلارنى تەكرارلاشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئۇسۇل يەنە «تەكرارلاش ئارقىلىق ئۇنتۇشقا قارشى تۇرۇش ئۇسۇلى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئېببىڭخائۇس ئەگرى سىزىقى پىرىنسىپىدىن بىۋاستە پايدىلىنىلغان ئۇسۇل بولۇپ، ئۇنتۇلۇش سۈرئىتى دەسلەپتە بىر قەدەر تېز بولىدۇ، بىراق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇنتۇلۇش سۈرئىتى تەدرىجى ئاستىلايدۇ، ئۇنداقتا ئۇنتۇشقا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم ئۇنتۇشنىڭ قانۇنىيىتىگە ئاساسەن مۇۋاپىق تەكرار ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تەكرار قىلىش ئارقىلىق، بەزى قىسقا مۇددەتلىك خاتىرىلەرنى ئۇزاق مۇددەتلىك خاتىرىگە ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.
5
信息浓缩法
ئۇچۇرلارنى قويۇلدۇرۇشئۇسۇلى

ئۇچۇرلارنى قويۇلدۇرۇش ئۇسۇلى دېگىنىمىز ئەستە قالدۇرغۇچى بارلىق ئۇچۇرلارنى بىر ئومۇمى گەۋدە قىلىپ، ئۇچۇرلارنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتىنى ئىزدەپ تېپىپ، بەزى مۇھىم مەزمۇنلارنى باغلاشتۇرۇپ، ئاندىن مۇھىم مەزمۇنلاردىن پايدىلىنىپ پۈتۈن گەۋدىنىڭ مەزمۇنىنى ئەسلەيدىغان ئۇسۇلنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ تېكىست، قەدىمى شېئىر، تارىخى بىلىملەر ۋە جۇغراپىيىلىك بىلىملەرنى ئەستە ساقلىغاندا ئۇچۇرلارنىڭ مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدۇ، ئۇچۇر مىقدارى ئازلىغان ئىكەن ئەستە قالدۇرۇش سۈرئىتى ۋە ئۈنۈمى تەبىئى ھالدا يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ. بۇ ئۇسۇلنى يەنە «تەپەككۇرنى يېتەكلىگۈچى رەسىم ئۇسۇلى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، تەپەككۇرنى يېتەكلەش رەسىمىدىن پايدىلىنىپ ئەستە ساقلاش ئەمەلىيەتتە دەل ئۇچۇرلارنى قويۇلدۇرۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىشتۇر!
يۇقىرىقى ئۇسۇللاردىن پايدىلانسىڭىز چوقۇم پەرزەنتىڭىزنىڭ ئەستە قالدۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتەلەيسىز. ئۇنىڭدىن باشقا ئاستىدىكى ئېلاننى چېكىپ قويسىڭىز كۈندە ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىڭىزنى ئاشۇرىدىغان مەزمۇنلاردىن ھوزۇرلىنىپ، تېخىمۇ ئاسان ئەستە ساقلىيالايدىغان بولىسىز.


dastur

