大数跨境

مەن نېمىشقا پۇل تېپىش ئۈچۈن جېنىمنى تىكىمەن؟

مەن نېمىشقا پۇل تېپىش ئۈچۈن جېنىمنى تىكىمەن؟ dastur
2019-06-19
5



   

مەن جان تىكىپ ئىشلەپ پۇل تاپماقتىمەن، بىر دوستۇم مەندىن سورىدى:

-ئاشۇ سېسىق پۇل ئۈچۈن جاننى تىكىپ،ئۆلگۈدەك تىرىشىپ تىرمىشىپ نېمە قىلىسەن ؟

مەن ئۇنىڭغا:«-پۇل ئەسلىدىن پۇراقسىز قەغەز،لېكىن بىلسەڭ،ئادەملەر رەزىل بولغاچقىلا، ئاندىن پۇل سېسىق بولۇپ قالغان»دېسەم ئۇ ئۈندىمىدى.

ئۇنداقتا ئەركەكلەر نېمىشقا جان تىكىپ پۇل تېپىشى كېرەك؟


پۇل ھەممىگە قادىر ئەمەس، لېكىن پۇل بولمىسا ئىززەت ھۈرمەتتىن ئىغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس، بەزىدە پەقەت ئاشۇ «سېسىق پۇل» بولغاندىلا ئاندىن مۇرادىڭغا يېتەلەيسەن . 

مەن نېمىشقا جان تىكىپ پۇل تاپىمەن؟

چۈنكى : 

سۆيگۈ-مۇھەببەت ئۈچۈن مەن جان تىكىپ پۇل تېپىشىم كېرەك، مەن ياخشى كۆرىدىغان ئادەم پۇلنى چوڭ بىلىپ كەتمەيدۇ، ئەمما ئۇ ھاياتىنىڭ ئەڭ گۈزەل مەزگىلىنى مەن ئۈچۈن سەرپ قىلدى، شۇنداق تۇرۇپ ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ ھىچنىمگە ئىرىشەلمىسە، گەرچە ئۇ بىر نەرسە دېمىسىمۇ، مەن قانداقمۇ ئازابلانماي تۇرالاي؟

مەن ئۆزۈم چىن دىلىمدىن سۆيگەن ئايالنىڭ مېنىڭ ئەسكى ۋېلىسىپىتىمنىڭ كەينىدە ،بۇرۇن ئۆزى رەت قىلىۋەتكەن ئاشۇ شاكال بايۋەتچىلەرنىڭ ماشىنىسىدىن پۇقىرتىپ چىققان توپا چاڭغا مىلىنىپ ئولتۇرۇشىغا قانداقمۇ يۈرىكىم چىدايدۇ ؟


مەن  كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتا  بىرگە بولۇشىمىزغا قارشى چىققانلارغا، بىزگە يامان نەزەردە قارىغانلارنىڭ ئالدىدا مەيدەمنى كىرىپ تۇرۇپ :« مېنىڭ پۇلۇم بار، ئۇ ياشلىقىدا ماڭا ئەگىشىپ ھەرگىز زىيان تارتمىدى، ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن ۋاقتىغا جاۋاب قايتۇرالايمەن » دېيەلەش ئۈچۈن جان تىكىپ پۇل تاپىمەن.

 

مېنى يېمەي يىدۈرۈپ، ئۆزى كىيمەي كىيدۈرۈپ، مىڭ جاپادا باققان ئاتا ئانامنىڭ ئەجىرىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن جان تىكىپ پۇل تاپىمەن.

كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاتا-ئاناممۇ ياشىنىپ قالىدۇ، ئۇلار مەن ئۈچۈن كۆپ جاپالارنى تارتقان، ئەمدى ئاخىرقى ئۆمۈرىدە بولسىمۇ مېنىڭ ھالاۋېتىمنى كۆرۈپ باقسۇن .

تىرىشىپ پۇل تېپىش بۇزۇپ-چېچىپ ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاتا-ئانامنىڭ ياشانغان ۋاقتىدا ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش ئىقتىدارىمنىڭ يېتەرلىك بولۇشى ئۈچۈندۇر.

ئاتا-ئانام مېنى ،بېقىپ چوڭ قىلىپ، تەربىيەلەپ قاتارغا قوشۇش ئۈچۈن بىر پۈتۈن ئۆمۈرنى دوغا تىكتى، مېنىڭ جان تىكىپ پۇل تېپىشىم ئۇلارنىڭ بۇ ئەجىرىنىڭ بىكارغا كەتمىگەنلىكىنى،بۇ بارلىقىنى تىككەن بۇ مەيدان «قىماردا» ئۇتقانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈندۇر.

مەن ئانامنىڭ زەرگەر دۇكىنىنىڭ ئالدىدىن ئۆزى ياقتۇرۇپ قالغان زىبۇ زىننەتنى سېتىۋېلىشقا پۇلى يوق، ئۇھسىنىپ كېتىپ قىلىشىدىن، دادامنىڭ داۋالاش چىقىمنىڭ يۇقىرىلىقى تۈپەيلى، دوختۇرغا كىرىشكە ئۇنىماي «ساقىيىپ قالارمەن» دەپ  ئۆيدە ئۆزىنى قىيناپ يېتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن چوقۇم جان تىكىپ پۇل تېپىشىم كېرەك. 


مەن يەنە ئۆزۈم ئۈچۈن ھەم چوقۇم جاننى تىكىپ پۇل تېپىشىم كېرەك.

 پۇل بەك ئەقىللىك، سىز ھۇرۇنلۇق،بوشاڭلىق قىلغان ۋاقتىڭىزدا ئۇ باشقىلارنى ئىزدەپ كېتىپ قالىدۇ،ئۇ ھەرۋاقىت بىزگە تىرىشىپ تۇرۇشنى ئەسكەرتىدۇ، پۇل يەنە بىزگە رەھىمسىز رېئاللىق ئالدىدا  چىدامچان غەيرەتلىك بولۇشنى، ھەر ۋاقىت ئۆزىمىزگە تايىنىشىمىز كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.

ئەركەكلەر، ئىسىڭىزدە بولسۇن، سىز بىر سائەت قەددىڭىزنى پۈكۈپ تىرىشسىڭىز، كەلگۈسىدە پەرزەنتىڭىز باشقىلار ئالدىدا بىر مىنۇت مەيدىسىنى تىك تۇتۇپ ياشىيالايدۇ، شۇڭا ھورۇنلۇقنى 













新疆代斯图尔国际贸易有限公司




【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读4.3k
粉丝0
内容662