大数跨境

موگۇنىڭ سىزتىخى بىلمەيدىغان 6 خىل پايدىلىق تەرەپلىرى

موگۇنىڭ سىزتىخى بىلمەيدىغان 6 خىل پايدىلىق تەرەپلىرى dastur
2019-05-04
3



موگۇنىڭ سىز تىخى بىلمەيدىغان ئالتە خىل پايدىلىق تەرەپلىرى ۋە موگۇ يىشكە ماس كەلمەيدىغان ئىككى خل كىشىلەر

1.   بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى  ئۆستۈرىدۇ .

موگۇنىڭ بەدەنگە بولغان بىۋاسىتە تەسىرىدىن ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ۋە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشتا ئىپادىلىنىدۇ يەنە زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ . موگودا مۇنداق ئۈنۈمى بولۇشنىڭ سەۋەبى بولسا ، ئۇنىڭدا مول ئاقسىل ، ۋىتامىن ، تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى مىنېرال ماددا ھەمدە ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق ، كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتالارنىڭ بولغانلىقىدا بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ .

 2.  ياغنى ۋە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ .

 چۈنكى ، موگودا پولساخارىد، پورىن، ۋىتامىن ھەمدە كۆپ خىل ۋىتامىن بولۇپ ،  بەدەننىڭ خولېستېرىن سۈمۈرۈشنى تىزگىنلەپ ، ئۇنىڭ بىرىكىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بۇنداق بولغاندا قاندىكى خولېستېرىننىڭ مىقدارى نىسبىتى ئازىيىپ، قاندىكى ياغ ۋە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينايدۇ .  كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، موگۇنى مۇۋاپىق مىقداردا كۆپ يېگەندە ،  قان تومۇر قېتىشى ھەمدە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇنىڭ ئۈنۈمىگىمۇ ئىگە .


3.قان تولۇقلايدۇ

 موگودىكى  مىنېرال ماددىلار يەنى كالتىسىي، فوسفور، كالىي، ھەمدە سېلىن قاتارلىقلارنىڭ مىقدارى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ ، بۇ مېنىرال ماددىلار قان ئازلىق ، بەدەن ئاجىزلىق قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ .

4. راكقا قارشى تۇرىدۇ

 موگودىكى بىر قەدەر ئالاھىدە بولغان بىر خىل ماددا قىشلىق موگۇ پولسارىدى  راكقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە .  ئۇنىڭدىن سىرت ، ئۇنىڭدا يەنە بىر خىل قوش زەنجىرلىك رىبونۇكلىئىك كىسلاتاسى بولۇپ  ئۇ راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ پارچىلىنىش سۈرىتىنى تىزگىنلەيدۇ .

5.  ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرىدۇ 

 يۇقىرىقى بايانلاردىن بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى . موگۇنىڭ تەركىبىدە ئوزۇقلۇق ماددىلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ بۇ ماددىلار قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تېرە مېتابولىزىمىنى ياخشىلاش قاتارلىقلارغا ياردەم بېرىدۇ .  موگۇنى دائىم يېگەندە ، قارا پىگمېنتنىڭ ھاسىل بولۇشىنى تىزگىنلەپ ، تېرىدە داغ ۋە قورۇق پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .


6.  مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ 

  موگودا ئون ئالتە- تەركىبلىك ئامىنو كىسلاتاسى بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدىكى يەتتە تۈرگە ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق شۇنىڭدەك ئامىنو كىسلاتاسى چوڭ مېڭىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان پايدىلىق ماددا ھېسابلىنىدۇ .  مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى چوڭ مېڭىنىڭ ئامىنو كىسلاتاسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن .  كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، موگۇنى كۆپ يېگەندە ، ئەقلىي تەپەككۇرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدىكەن .

 ئازراق تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل كىشىلەرنىڭ بەدىنىدە موگو يېيىشكە ماس كەلمەيدىكەن .

 ئاشقازان ئۈچەي ئاندىن رولى ئاجىزلاشقان كىشىلەر .  چۈنكى موگۇدىكى مول يېمەكلىك تالاسى ۋە ۋېتامىن ئاشقازان ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، قەۋزىيەتنى ياخشىلايدۇ ، بىراق بۇ ماددىلار ئاسانلىقچە ھەزىم بولمايدۇ ، شۇڭا بۇ تۈردىكى كىشىلەر ئەڭ ياخشىسى ئاز يېيىش كېرەك .

 بەدەن ھۆللۈكى ئېشىپ كەتكەنلەر .  ھامىلدارلارنىڭ بەدىنى تۇغۇتتىن كېيىن ئاسان دېگۈدەك سوغۇق بولدى ، بۇ شۇڭا قۇۋۋەت تولۇقلاپ ، تەبىئىي مۆتىدىل يېمەكلىكلەرنى يەنە موگۇنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولغانلىقتىن ، يېڭىلا يەڭگىگەن ئاياللار چۇقۇم ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك .


 


新疆代斯图尔国际贸易有限公司












dastur


【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读1.3k
粉丝0
内容662