

ئادەم ھاياتىدا كېچىكىپ ھېس قىلىدىغان 10 ھېكمەت

ئوقۇغاندىلا ئاندىن بىلىم ئېلىشنىڭ جاپاسىنى ھېس قىلالايمىز.

خىزمەتكە چىققاندا ئاندىن پۇل تېپىشنىڭ تەسلىكىنى ھېس قىلالايمىز.

ئادەم قېرىغاندا ئاندىن ھاياتنىڭ شۇنچىلىك قىسقا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ.

ئەسكەر بولغاندا ئاندىن ۋاپادارلىق ۋە بۇرچنى تەڭلا ئورۇنداشنىڭ تەسلىكىنى ھېس قىلىمىز.

سىرتقا چىققاندا ئاندىن ئۆيدىكى كۈنلەرنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز.

ئىگىلىك تىكلىگەندە ئاندىن بىلىمىمىزنىڭ يېتىشمەيۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمىز.

ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولغاندا ئاندىن ئۇن، ماي، گۈرۈچ، تۇزنىڭ خېلى قىممەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز.

بالا باققاندا ئاندىن ئاتا-ئانىمىزنىڭ جاپاسىنى ھېس قىلىمىز.

خاتالىق ئۆتكۈزگەندە پۇشايماننىڭ دورىسى يوقلىقىنى ھېس قىلىمىز.

سىرتلارغا چىققاندا ۋەتىنمىزنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز.








Kundiyar

