大数跨境

ئەڭ مەشھۇر دۇنياۋىي بەش چوڭ تەپەككۇر

ئەڭ مەشھۇر دۇنياۋىي بەش چوڭ تەپەككۇر dastur
2019-05-04
0

 

 

ئەڭ مەشھۇر دۇنياۋىي بەش چوڭ تەپەككۇر





كىشىلىك تۇرمۇش تۈرلۈك مەسىلىلەرگە جاۋاپ بېرىدىغان بىر يېتىلىش جەريانى. تىكەنلىك چىغىر يول بولسۇن، ياكى بىپايان ئوتلاق بولسۇن، ئالدىغا قاراپ ماڭغان ئىكەنسىز ھامان تۈرلۈك مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىسىز.

بىزنىڭ كەلگۈسىمىز دەل مەسىلىلەرنى تەپەككۇر قىلىش شەكلىمىز ئىچىگە يوشۇرۇنغان بولىدۇ.

كونىلاردا، «ئىدىيە جەھەتتە چۈشكۈنلەشمىسەڭلا قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش چارىسى تېپىلىدۇ» دەيدىغان گەپ بار.

سەۋىيە مىس مېدالغا، قابىلىيەت كۈمۈش مېدالغا، كىشىلىك مۇناسىۋەت ئالتۇن مېدالغا ، تەپەككۇر شاھ تاجىغا ئوخشايدۇ.


دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بەش خىل تەپەككۇر شەكلىنى ئىگىلەپ ئاقىللاردەك تەپەككۇر قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.


گىدلىن قانۇنىيىتى


چارس گىدلىن مۇنداق دىگەن:  «مەسىلىنى بايقاش مەسلىنى ھەل قىلىشتىنمۇ مۇھىم، مەسىلىنى ئېنىق تېپىپ چىقسىڭىز، يېرىمى ھەل بولغان بىلەن باراۋەر».

مانا بۇ گىدلىن قانۇنىيىتىدۇر.

ئامېرىكىدا ھەممەيلەن بىلىدىغان «بىر سىزىق ئون مىڭ دوللار» دەيدىغان بىر ھىكايە بار.

فورد شىركىتى بىر كۈنى ستانمىنسنى دىۋىگاتىلنى رېمونت قىلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ. دىۋىگاتىل بۇزۇلۇپ قالغاچقا پۈتۈن بىر ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسى ئىشتىن توختاپ قالغان ئىدى، شىركەت نۇرغۇن ئىنژېنېرلارنى ئەۋەتكەن بولسىمۇ ھىچقانداق ئامال قىلالمىغان ئىدى. سىتانمىنىس دىۋىگتىلنى ئالدىرىماي كۈزىتىپ ئۇزاققىچە تەكشۈرۈپ كۆرىدۇ، ئاندىن بىر ئورۇنغا سىزىق سىزىپ قويۇپ ، بۇ يەردە بىر كاتۇشكا كەم ئىكەن دەيدۇ. كاتۇشكىنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن دىۋىگاتىل دەرۋەقە نورمال ئىشلەيدۇ. دېرىكتور خۇشال بولۇپ ئۇنىڭدىن، رېمونت ھەققى قانچىلىك دەپ سورىغاندا سىتانمىنس بىر تۈمەن دوللار دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.

يۈز يىل ئىلگىرى فورد شىركىتىنىڭ داڭلىق ئىنژېنېرلىرىنىڭ بىر ئايلىق مۇئاشى ئارانلا 5 دوللار ئىدى. دېرىكتورنىڭ چىرايى ئۆڭۈپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ قەغەزگە، بىر سىزىق- بىر دوللار، قەيەرگە سىزىق سىزىشنى بىلىش 9999 دوللار دەپ يېزىپ قويىدۇ. كېيىن فورد شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى فورد ئەپەندى بۇ پۇلنى تۆلەپلا قالماستىن يەنە يۇقۇرى ھەق بىلەن سىتانمىنسنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىدۇ.

ئەمەلىيەتتە بىر دىۋىگاتىلدا 20 كاتۇشكا بولىدىغانلىقىنى ھەممە ئىنژېنېر بىلىدۇ، لېكىن قەيىرىدە كاتۇشكا كەم ئىكەنلىكىنى پەقەت ستانمىنسلا تېپىۋالغان.

كۆپىنچە ھاللاردا، باشقىلارنىڭ مەسىلىنى ئاسانلا ھەل قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ ئىشنى مەنمۇ قىلالايتتىم دەپ قويىمىز. لېكىن مەسىلىنى ھەل قىلغان ئادەم نىمە ئۈچۈن بىز بولالمايمىز؟

ئېينىشتېيىن بۇنىڭ جاۋابىنى بەرگەن:  «مەسىلىنى ھەل قىلىش ماتېماتىكا ياكى تەجرىبە جەھەتتىكى ئىقتىدار خالاس، ھەقىقىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدىغىنى مەسىلىنى بايقاشتىن ئىبارەت».

بىز مەلۇم مەسىلىگە يولۇققاندا ھەمىشە تىپىرلاپ كېتىمىز، لېكىن ئون مىنۇت جىمجىت ئولتۇرۇپ تەپەككۇر قىلالمايمىز.

ھەقىقىي ئىقتىدارى بار ئادەم ھەممىدىن بۇرۇن قول سالىدىغان ئادەم ئەمەس، بەلكى مەسىلىنى ھەممىدىن بۇرۇن بايقىغان ئادەمدۇر.

مائارىپشۇناس يۈ شىشيوڭ مۇنداق دىگەن: «ئاكتىپلىق بىلەن مەسىلىنى بايقاش، يەنە ئاكتىپلىق بىلەن مەسىلىنى تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىقلا مەسىلىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلغىلى بولىدۇ.



مورفى قانۇنىيىتى


تۇرمۇشتا دائىم مۇنداق مەسىلىگە دۇچ كېلىمىز. بىر كۈن ئەستايىدىل ئىشلىسەك رەھبەر كۆرمەي قالىدۇ، ئەمما ئەمدىلا دوستلار چەمبىرىكىگە قاراپ تۇرۇشىمىزغا دەرھاللا كۆرۈپ قالىدۇ.

بالدۇر بارسىڭىز يىغىن بەزىدە ئەمەلدىن قالىدۇ؛ دەل ۋاقتىدا بارسىڭىز، ئۇزۇن ساقلاپ كېتىسىز...

مانا بۇ مورفى قانۇنىيىتىدۇر.

ئەگەر ئىشنىڭ يامىنىغا ئۆرۈلۈپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى بولسا، بۇ خىل مۇمكىنچىلىك ھەرقانچە كىچىك بولغان تەقدىردىمۇ بەرىبىر يۈز بېرىدۇ.

بىر قېتىم، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوفىتسېرى مورفى ئۆزىنىڭ «تەلىيى كاج» خىزمەتدىشىغا چاقچاق قىلىپ، مەلۇم بىر ئىشتىن چاتاق چىقىش ئېھتىماللىقى بولسا سېنى ئۇ ئىشنى قىلىشقا بۇيرۇسام چوقۇم چاتاق چىقىدۇ، دەيدۇ. نەتىجىدە راكېتانىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش سىنىقىدا راستىنلا چاتاق چىقىدۇ. مورفى قانۇنىيىتى 20 –ئەسىردىكى غەرپ ئەللىرىدىكى ئۈچ چوڭ بايقاشنىڭ بىرى بولۇپ كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىدۇ. بۇ قانۇنىيەت بىزگە، كۆپرەك ئويلىنىپ ئىش قىلسىڭىز، بىرەر مەسىلىگە يولۇققاندا چاتاق چىقمايدۇ، دىگەن ھىكمەتنى ئېيتىپ بېرىدۇ.

بىر ئالىم لېكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىنىپتۇ، ئۇنى ئالغىلى بارغانلار كەينى تەرەپتىن يەنە بىر ئاپتوموبىلنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى بايقاپتۇ. ئەسلىدە يولدا ماشىنا بۇزۇلۇپ قالسا لېكسىيىگە كېچىكىپ قالماسلىق ئۈچۈن زاپاس تەييارلانغان ماشىنا ئىكەن. لېكسىيە جەريانىدا، خىزمەتچى خادىملار سەھنىنىڭ كەينىدە بىر ئادەمنىڭ تۇرغانلىقىنى بايقاپتۇ، ئۇنىڭدىن نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى سورىسا، ئۇ، ئەگەر لېكسىيە سۆزلەش جەريانىدا ئالىمدىن بىرەر مەسىلە كۆرۈلۈپ قالسا ئۆزى ئوتتۇرىغا چىقىپ لېكسىيىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ.

كۆپىنچە ھاللاردا بىز ئىقتىدارىمىز تۆۋەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى تاسادىپىيلىقتىن يېڭىلىپ قالىمىز.


گىلبېرت قانۇنىيىتى


ھەقىقىي خەۋپ باشقىلارنىڭ سېنى ئەسكەرتىپ قويماسلىقىدىن كېلىدۇ.

بۇ ئەنگىلىيىلىك ئىقتىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەش مۇتەخەسسىسى گىلبېرت ئوتتۇرىغا قويغان قانۇنىيەت.

كۆپىنچە كىشىلەر تەنقىتكە ئۇچرىغاندا قايىل بولماي نەچچە ئېغىز گەپ تالىشىپ قويىدۇ.

قارىماققا سىزگە ئۇۋال قىلىنغاندەك بولغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە سىز پايدا ئالىسىز.

شۈەنۋۇمېن (مىلادىيە 626-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى چاڭئەن شەھرىدە يەنى ھازىرقى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىئەن شەھرىدە ئوردىنىڭ شىمالى قۇۋۇقى —شۇەنۋۇمېندا بىر قېتىملىق ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن) ئۆزگىرىشىدىن كېيىن بىرسى لى شىمىنغا ۋېيجېڭنى داتلاپ بېرىپ، ئۇ لى جيەنچېڭنىڭ قول ئاستىدىكى چاغدا ۋەلىئەھدىنى لى شىمىننى ئۆلتۈرۈۋېتىشكە كۈشكۈرتكەن ئىدى دەيدۇ.

لى شىمىن ئادەم ئەۋەتىپ ۋېيجېڭنى تۇتۇپ كېلىدۇ، ھەم بۇ ئىشنى سۈرۈشتۈرىدۇ. ئەتراپتىكىلەرنى سۈر بېسىپ كېتىدۇ، لېكىن ۋېيجېڭ ھودۇقماستىن: «ۋەلىئەھدى مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىمىدى، ئەگەر گېپىمگە كىرگەن بولسا بۈگۈنكى ئىشمۇ يۈز بەرمەيتتى» دەيدۇ.

ئەينى چاغدا لى جيەنچېڭ ئۆزىگە كەلگەن خەتەرنى ھېس قىلمىغان، ۋېي جېڭنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سالمىغان، ئاقىۋەتتە شۈەنۋۇمېن ۋەقەسىدە جېنىدىن ئايرىلغان.

لى شىمىن ۋېي جېڭنى جازالىمايلا قالماستىن ئەكسىچە ئۇنى ۋەزىرلىككە تەيىنلەيدۇ، ئۇنىڭ تەكلىپ –پىكىرلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ، شۇڭلاشقىلا كېيىنچە، جېنگۈەن يىللىرىدىكى گۈللىنىش بارلىققا كېلىدۇ.



فاكلاند قانۇنىيىتى


فىرانسىيىلىك باشقۇرۇش ئىلمى ئالىمى فاكلان مۇنداق دىگەن: «قانداق قىلىشنى بىلمەي قالغان چاغدا، ئەڭ ياخشىسى جىم تۇرۇۋېلىش، ئەڭ ياخشىسى چارە- تەدبىر قوللانماسلىق كېرەك».

چۈنكى بۇ خىل ئەھۋالدا سىز ئۇنىڭ پۇرسەت ياكى قىلتاق ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىز. 

مانا بۇ فاكلان قانۇنىيىتىدۇر.

پاراشوتتا سەكرىگۈچىلەرنىڭ بىر جۈملە ھىكمەتلىك سۆزى بار: «پاراشوت تاپالمىسىڭىز ئەڭ ياخشىسى ئايرۇپىلاندىن سەكرىمەڭ».

1973- يىلى، بىر قېتىملىق ئىقتىسادىي كىرىزىس پۈتكۈل يەر شارىنى قاپلاپ، ئىستىمال سەۋىيىسى بەكلا تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. نۇرغۇن داڭلىق ماركىلىق گالىستۇك ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەتلەرمۇ مەھسۇلات مىقدارى ھەم مەھسۇلات تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

نۇرغۇن كىشىلەر كىنلەي ماركىسىنىڭ بازىرىمۇ كاساتلىشىدۇ دەپ ئويلايدۇ، ئەمما ئىش ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمايدۇ.

ھەممەيلەن دەككە- دۈككىدە تۇرغان چاغدا كىنلەي گالىستۇكىنىڭ ئىجاتچىسى زېڭ شيەنشىن ھېچ ئىش بولمىغاندەكلا يۈرىدۇ.

بۇ مەزگىلدە ئۇ ئۈن- تىنسىز ھالدا بازارنى كۈزىتىۋاتاتتى.

ئۇ بازاردىكى گالىستۇكلارنىڭ تەننەرخنى كونتۇرۇل قىلىمىز دەپ سۈپىتى تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى، تۈرىنىڭ ئازلاپ كەتكەنلىكىنى، دۇكانلاردىكى ئورنىنىڭمۇ كىچىكلەپ كەتكەنلىكىنى بايقايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرھال تۆۋەن باھادا ماگىزىنلارنىڭ پۇكەيلىرىنى ئىجارە ئېلىپ، تېخىمۇ رەڭدار پاسونلاردىكى گالىستۇكلارنى ئىشلەپ چىقىرىپ تىزىۋېتىدۇ. ئىقتىساتنىڭ ئەسلىگە كېلىشى بىلەن كىنلەيمۇ ناھايىتى تېزلىكتە بازاردا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ.

سىكىلۋىس مۇنداق دىگەن: «سەۋرچانلىق بىلەن ساقلاپ تۇرۇڭ، پىرقىرىغۇچ ھەرگىزمۇ شامالغا ئەگىشىپ ئۇچۇپ كەتمەيدۇ».

كىشىلىك ھايات خۇددى پىرقىرىغۇچقا، شامال بولسا تەلەيگە ئوخشايدۇ. ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ تەپەككۇرى شۇكى، تەلەيدىن پۇرسەت ئۈستۈن تۇرىدۇ.

تەلەي بەزىدە ئوڭ بەزىدە كاج كېلىدۇ، ئەمما بىزنىڭ قىلالايدىغىنىمىز تەلىيىمىز كاج كەلگەندە، ئۆزىمىزنى بېسىۋېلىپ پۇرسەتنىڭ كېلىشىنى كۈتۈشتىن ئىبارەت.


فېسنو قانۇنىيىتى


فېسنو مۇنداق دىگەن:  ئادەمنىڭ ئىكى قۇلىقى بار، ئەمما ئۇنىڭ ئاغزى بىرلا، شۇڭا ئادەم كۆپ ئاڭلاپ ئاز سۆزلىشى كېرەك.

بۇرۇن كىچىك بىر دۆلەت تاڭ شۈەنزوڭغا ئۈچ ئالتۇن ھەيكەل سوۋغا قىلىدۇ. ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتى ۋە ئېغىرلىقى ئوپمۇ –ئوخشاش بولسىمۇ ئارىسىدىكى بىرسى ناھايىتى قىممەتلىك ئىدى. ئۇنداقتا زادى قايسى ھەيكەل ئەڭ قىممەتلىك؟

ۋەزىر- ۋۇزرالار بۇنىڭغا باھا بېرەلمەي قالىدۇ، بىر قېرى ۋەزىر ئورنىدىن تۇرۇپ، بىرتال يىپنى ئۈچ ھەيكەلنىڭ قۇلىقىنىڭ ئىچىگە تىقىدۇ.

بىرىنچى ھەيكەلنىڭ بۇ قۇلىقىدىن كىرگەن يىپ ئۇ قۇلىقىدىن چىقىپ كېتىدۇ؛ ئىككىنچىسىنىڭ ئاغزىدىن چىقىدۇ؛ پەقەت ئۈچىنچىسىنىڭلا قوسىقىغا كىرىپ كېتىدۇ.

قېرى ۋەزىر:  ئەڭ قىممەتلىكى ئۈچىنچىسى ئىكەن، دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئۈچ ھەيكەل دۇنيادىكى ئۈچ خىل ئادەمگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

بىرىنچى خىلدىكى ئادەملەر:   گەپ ئوڭ قۇلىقىدىن كىرىپ سول قۇلىقىدىن چىقىپ كېتىدۇ، بۇنداق ئادەملەر ھەرگىز گەپ ئاڭلىمايدۇ.

ئىككىنچى خىلدىكىلەر، ئاڭلىغان گېپىنى ھەزىم قىلمايلا ئېغىزىدىن چىقىرىۋېتىدۇ، گېپىنىڭ مەزىسى بولمايدۇ.

ئۈچىنچى خىلدىكىلەر، گەپنى ئەستايىدىل ئاڭلايدۇ ھەم گەپ –سۆزدە ناھايىتى ئېھتىيات قىلىدۇ، ئەقىل بىلەن ئىش كۆرىدۇ.

دالى كارنىگ بىر زىياپەتكە قاتناشقاندا بىر ئۆسۈملۈك ئالىمى بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ، شۇ كېچىلىكتە باشتىن ئاخىر ئۇ ئالىمنىڭ تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەر ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشلىرىنى بېرىلىپ ئاڭلايدۇ، يېرىم كېچىدە ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىدۇ.

كېيىنكى كۈنى زىياپەت ئۇيۇشتۇرغۇچى، دالى كارنىگقا: «ئۇ ئالىم سىزنى ئادەمنى قىزىقىشىنى قوزغىيالايدىغان، ناھايىتى يۇمۇرىستىك ھەم كاللىسى ئوچۇق ئادەم ئىكەن، دەپ ماختاپ كەتتى» دەيدۇ.

ئەمەلىيەتتە، كارنىگنىڭ قۇلىقىغا ھىچقانچە گەپ كىرمىگەن، ئۇ پەقەت بېشىنى قىيسايتىپ ئولتۇرغان خالاس.

كونىلاردا، چوڭقۇر سۇدىن شاۋقۇن چىقمايدۇ، سالماق ئادەم كۆپ سۆزلىمەيدۇ، دەيدىغان گەپ بار.

لۇشۇن ئەپەندى ئىلگىرى مۇنداق دىگەن:  مەن سۈكۈت ئىچىدە تۇرغان چېغىمدا شۇنداق خاتىرجەملىك ھىس قىلىمەن؛ گەپ قىلىشنى باشلىغاندىلا تېنىمنى تىترەك باسىدۇ.















新疆代斯图尔国际贸易有限公司



【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读530
粉丝0
内容662