大数跨境

بۇ بەش كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسىڭىز ئىستىقبالىڭىز پارلاق بولىدۇ

بۇ بەش كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسىڭىز ئىستىقبالىڭىز پارلاق بولىدۇ dastur
2015-12-25
1
导读: نۇر تورى تەرجىمىسى: جۇڭگوغا غايەت زور نوپۇس ئاساسى ۋە
نۇر تورى تەرجىمىسى

: جۇڭگوغا غايەت زور نوپۇس ئاساسى ۋە كۆپ خىللاشقان غايەت زور بازار ئېھتىياجى بار، نۇرغۇن كەسىپلەر بىر قەدەر كۆلەملەشكەن سەۋىيەگە يەتتى، بۇ كەسىپلەر جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي لىمىنى كۆتۈرەلەيدۇ، بۇلار پات ئارىدا جۇڭگو ئىقتىسادىددىكى ھەقىقىي تۈۋرۈككە ئايلىنالايدۇ. ئۇنداقتا بىر بىرلىكتە بۇ كەسىپلەرنى كۆرۈپ باقايلى:
بىرىنچى، «ئېغىز» ئىگىلىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ بايلىق ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئىستېمال ئىقتىدارى تېز سۈرئەتتە ئاشتى، بولۇپمۇ يەپ- ئىچىش جەھەتتە شۇنداق بولدى. ئامېرىكا، ياۋروپا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى يېمەك- ئىچمەك ئېھتىياجىغا سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگونىڭ بۇ جەھەتتىكى ئېھتىياجى پەقەت نوپۇسنىلا ئاساس قىلمايدۇ. بۇ بىر خىل ئومۇميۈزلۈك، مۇرەككەپ بولغان يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئېھتىياجدۇر، خەلقئارا بازاردا بۇ جەھەتتە پايدىلانغۇدەك مىسال يوق (ئۆي- مۈلۈككە ئوخشىمايدۇ). غەربلىكلەرنىڭ ھامبۇرگ بولكىسى، كۆكتات، كالا سۈتى، كولا، مېۋە شەربىتى قاتارلىق ئاددىي يېمەك- ئىچمىكىگە سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگولۇقلارنىڭ «ئېغىز» ئېھتىياجىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىقتىسادقا قوشىدىغان تۆھپىسىگە ھەرگىزمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ.2012- يىلىدىكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگودىكى ئىستاتىستىكا قىلالايدىغان يېمەك- ئىچمەك كارخانىلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلار سانى 14 مىليون (ئەمەلىي سان بۇنىڭدىنمۇ جىق، يېمەك- ئىچمەك ساھەسىدە ئىشقا ئورۇنلاشقان بىر قىسىم كىشىلەرنى ئىستاتىستىكا قىلغىلى بولمايدۇ) دىن ئاشقان. شۇنى بىلىش كېرەككى، يەر شارىدا نوپۇسى 14 مىليوندىن ئاشمايدىغان دۆلەتتىن 160 ى بار، بۇنىڭ ئىچىدە ياۋروپادىكى گرېتسىيە ۋە پورتوگالىيەمۇ بار. ئىككىنچى، «توردا مال سېتىۋېلىش» ئىگىلىكىيېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان، «توردا مال سېتىۋېلىش» بازىرى تەدرىجىي ھالدا ئىستېمالچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. توردىكى تەپەككۇر، ئىستېمال، تىجارەت قاتارلىق ئەندىزىلەرنى جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ ھەر قايسى قاتلىمىنى ئۆزگەرتتى دېيىشكە بولىدۇ، شۇنداقلا جۇڭگو ئەندىزىسىنىمۇ ئۆرگەرتمەكتە.2013- يىلى ئالىبابا گۇرۇھىنىڭ ئېلېكترونلۇق سودا ئومۇمىي سوممىسى بىر تىرىليون 542 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، تىجارەت سوممىسى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ پۈتۈن يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىغا تەڭلەشتى، بۇنى ئامېرىكا دوللىرىغا سۇندۇرغاندا 248 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا تەڭ بولۇپ، فىنلاندىيەنىڭ بىر يىللىق ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارىغا توغرا كېلىدۇ. 2013- يىلى مەملىكىتىمىزدىكى توردا مال سېتىۋالغانلارنىڭ سانى 302 مىليونغا يەتتى، توردا مال سېتىۋېلىش سودىسىنىڭ سوممىسى بىر تىرىليون 850 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىغا ئىگىلىگەن سالمىقى %7.8 كە يەتتى. مەملىكىتىمىزدىكى توردا پارچە سېتىش كارخانىلىرى ياراتقان ئىش ئورنى توققۇز مىليوندىن ئاشتى، 2015- يىلى 30 مىليونغا يېتىشى مۇمكىن. مۆلچەرلىنىشچە 2020- يىلىغا بارغاندا، جۇڭگونىڭ توردا پارچە سېتىش بازىرىنىڭ كۆلىمى ئەڭ كۆپ بولغاندا تۆت تىرىليون 200 مىليارد يۈەنگە سېتىپ، ھازىرقى ئامېرىكا، ياپونىيە، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيەدىكى بازارنىڭ يىغىندىسىغا تەڭلىشىدىكەن.تور سودىسى ئېشىۋاتقان بولغاچقا، تېز يەتكۈزۈش ساھەسىدە بىۋاسىتە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى ئىككى مىليون 100 مىڭغا، ۋاسىتىلىك ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى ئىككى مىليون 400 مىڭغا يەتتى. توردا پارچە سېتىش كەسپىنىڭ جۇڭگودىكى تەرەققىياتى نوقۇللا سودا ئەندىزىسىدىكى يېڭىلىق ئەمەس، بولۇپمۇ ئىلگىرى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر تۈرلۈك توسالغۇلارغا دۇچ كەلگەن بولغاچقا، بۇ ئەھۋال جۇڭگودىكى ئەلئارا سودىدا چوقۇم بىر خىل تۆۋەن تەننەرخلىق تىجارەت ئەندىزىسى تېپىپ چىقىشقا سەۋەبچى بولدى. جۇڭگودىكى توردا مال سېتىۋېلىش بازىرى يەر شارىدىكى ھەر قانداق بىر توردا مال سېتىۋېلىش بازىرىدىنمۇ جانلىق، شۇنداقلا تېخىمۇ جۇڭگوچە خاسلىقنى شەكىللەندۈرگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگو ئىقتىسادىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئىنتېر تورى ئىگىلىكى ھېسابلىنىدۇ.
ئۈچىنچى، «نوپۇس ئېقىمى، مال ئوبوروتى» ئىگىلىكىكۈنسېرى ئېشىۋاتقان «نوپۇس ئېقىمى» ئىقتىسادنىڭ كېڭىيىش ۋە گۈللىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ بىر بەلگىسى. ھازىرقى جۇڭگونىڭ يەر شارىدىكى ئەڭ ئالدىراش دۆلەت ئىكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق. نوپۇس ئېقىمى ئېلىپ كەلگەن ئىقتىسادىي ئۈنۈم پەقەت رايون ۋە كەسىپتىن ھالقىغان بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە مىللەت ۋە مەدەنىيەتتىنمۇ ھالقىغان. كۆچۈش ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ.جۇڭگودا پويىز قاتناۋاتقان تۆمۈر يولنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 93 مىڭ كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، يەر شارىنى ئىككى ئايلىنالايدۇ (ئېكۋاتور سىزىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 40 مىڭ كىلومېتىر). 2013- يىلى، جۇڭگودىكى تۆمۈر يولدا توشۇلغان يولۇچىلار ئىككى مىليارد 75 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتتى (ئاۋىئاتسىيە ساھەسىدە توشۇلغان يولۇچىلار 390 مىليون)؛ يولۇچى ئايلىنىش مىقدارى بىر تىرىليون 42 مىليارد 660 مىليون ئادەم\\ كىلومېتىرغا يەتتى. جۇڭگودىكى خۇسۇسىي ئاپتوموبىل مىقدارى 140 مىليون دانە بولۇپ، ئامېرىكىدىنلا كېيىن تۇرىدۇ. ئاپتوموبىل بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىغا نىسبەتەن پەقەت بىر قاتناش قورالى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش دائىرىسى ۋە ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنىڭ كۆلىمىنىمۇ كېڭەيتىدۇ.كۈرەش قىلىپ دۆلەت قۇرۇش بىلەن «خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىپ» دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتى تۈپتىن ئوخشىمايدۇ، بۇنىڭ بىرسى ئامېرىكىغا ئوخشاش يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىقتىسادىي ھاياتىي كۈچىنى داۋاملاشتۇرىدۇ؛ يەنە بىرسى گرېتسىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئوخشاش ئاخىرىدا بوشاڭ، قەرزگە بۇغۇلغان ۋە كرىزىسقا تولغان «پاراۋانلىق» جەمئىيىتىگە ئوخشايدۇ. جۇڭگونىڭ ئۆي- مۈلۈك بازىرىدىكى زىيادە قىزغىنلىق نوپۇسنىڭ يۆتكىلىشىنى مەلۇم دەرىجىدە چەكلەپ، تېخىمۇ كۆپلىگەن ياشلارنى ئۆي قەرزىگە تۇتقۇن قىلىپ، شۇ ئارقىىلق بىر خىزمەتكە، بىر شەھەرگە باغلاپ قويۇپ، ئۇلارنىڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش ئېڭى ۋە قىزىقىش تۇيغۇسىنى زور دەرىجىدە چۈشەپ قويدى.



【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读530
粉丝0
内容662