دىر جالالىددىن ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ « بۇلاقبېشى » كوچىسىدىكى ئاپتوبۇس بېكىتىدە تۇراتتىم . 50 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئايال يۈزىگە پۇر رەڭ تور رومال يېپىپ ، قوللىرىنى ئۆتكۈنچى كىشىلەرگە سوزغان ھالدا ئىستولبوغا يۆلىنىپ ئولتۇراتتى . نىمىشقىدۇر مۇھتاجلىق كوچىسىغا كىرىپ قالغان ئاشۇنداق ئاياللارنىڭ ئېچىنىشلىق سىياقى يۈرىكىمنى چىمداپ ، تۈرلۈك ئويغا گىرىپتار قىلىدۇ . بەلكىم ئۇ بىر ئانىدۇر . توغرا ، ئۇ بىر ئانا سۈپىتىدە ئەزىز بولۇشقا تېگىشلىك . ئۇنىڭ چىرايىنى يېپىپ تۇرغان رومال ئۇنىڭ شەخسىيىتىگە سىڭىپ كەتكەن ئاللىقانداق تارىخنىڭ خىرە بىشارەتلىرىنىمۇ نەزىرىمدىن ئۆچۈرۈپ تاشلىغانىدى . ئۇنىڭ تۈرلۈك كوچىنى مېڭىپ ، بىر ئاز قاغجىراشقا باشلىغان ئاياغلىرى رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن ئەتلەس تامبىلىرنىڭ پۇچقىقىدىن چىقىپ تۇراتتى ، ئۇ كالىچىنى سېلىپ يېنىغىلا قويۇپ قۇيغانىدى . ئاداققى باھار ئايلىرىنىڭ ئىللىق ئاپتىپى تەبىئەتنىڭ باراۋەرلىك خىسلىتىنى بۇ شەھەردىمۇ ئوخشاش نامايەن قىلىپ ، تىلەمچى ئانىنىڭ ئۇچىسىنى سىلاپ ، خەير خاھلىق تۇيغۇلىرىنى سەزدۈرمەي سىڭدۈرمەكتە ئىدى . ئانا يۈزىنى تور رومال ئارقىلىق جەمىيەتتىن ئايرىپ تۇراتتى . لېكىن ئۇنىڭ مىڭىسى ، يۈرىكى ۋە قورسىقى كىشىلەرنى تۈرلۈك مەنزىلگە ئېلىپ بارىدىغان ھەر يولۇچىنىڭ كۆلەڭگىسىدىن ھىممەت تىلىمەكتە ئىدى . ..كىشىلەر مۇھتاجلىق تۈپەيلى كوچىغا چىقىپ قالسىمۇ « يۈز » لەرنى ئاسراشقا توغرا كېلەتتى . جەمىيەتتە كىشىلەر « يۈز »لەرنى ئاسراش ئۈچۈن كۆپ نەرسىنى بەدەل قىلىشىدۇ . ئۇلار يۈزىنىڭ تۆكۈلۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل خەجلىشىدۇ ، ھەتتا پەرزەنتلىرى بىلەن يۇرت - ماكانلىرىنى قىمارغا تىكىدۇ . چۈنكى « يۈز » دىگەن بۇ نەرسىنىڭ تالالىرى كىشىلەرنىڭ ھەر خىل ھاجەت - راۋاسى ۋە تېپىشمىقىدىن ياسىلىدۇ . ئۇلار بۇ سۈئىي ، ئىجدىمائىي تالالار ئارقىلىق يىرگىنىچلىك ياكى قورقۇنچلۇق ، توق ياكى ئاچ روھىي ھالىتىنى يوشۇرۇشقا تىرىشىدۇ . بەزىدە پارقىراپ تۇرغان چىرايلار تىلەمچى ئاياللارنىڭ يۈزىدىكى تور رومالىدىن قېلىشمايدىغان دەرىجىدىكى گادايلىقنى ئىپادىلەيدۇ . يۈز گويا ئادىمىيلىكنىڭ ئىستىلىستىكىسى . ئاياللار بۇ ئىستىلىستىكىنى ، تولۇق ۋايىغا يەتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقان زامان شائىرلىرى . ئۇلار تەبىئەت ئاتا قىلغان رۇخسارى بايلىقلىرىنى گىرىم ئىستىلىستىكىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، ئۇنتۇلۇش خەۋپىدە تۇرىۋاتقان مەنىۋى تەقەززالىقلىرىنى ئىپادىلەشكە ماھىر . بۇنداق ماھىرلىق بۈگۈنكى گۈزەللىك ئىستىمالىدا تەڭدىشى يوق ئاسان تېپىلمايدىغان ئالاھىدە كوزىرغا ئايلاندى . يۈز شۇنداق نەرسىكى ، ئۇنى قانداق ئاياش ۋە ئىشلىتىش مەسىلىسىگە كەلگەندە ، زامانىمىزدىكى ھەر بىر كىشى بىر پەيلاسوپ ياكى بىر جەمىيەتشۇناستۇر . تىلەمچى يەنە بۇرۇنقىدەك ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ رومالى ۋە ئەتلەس تامبىلى قەدىمىي يىپەك يولى مەدەنىيىتىنىڭ ئىزناسىنى يالماپ يۇتىۋەتكەن زامانىۋى شەھەرگە نىسبەتەن موزىيغا ئوخشاپ قالغانىدى . ئايال بىر تەرجىمىھال ئىدىكى ، تىلەمچىلىك ئالدى بىلەن ئۇ تەۋە قەۋمنىڭ روھىدىن باشلانغانىدى . ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئالامەتلەر بىر قانچە يۈز يىللار ئىلگىرىكى دۇنياۋى مەدەنىيەتنىڭ مىڭىنى يەيدىغان شاۋقۇن - شۈرۈنلىرى ئىچىدە تەمتىرىمەكتە . بىر مىنىبوس بىكەتكە كېلىپ توختىدى . كۆتەك كەش كىيگەن 20 ياشلار چامىسىدىكى بىر قىز مىنىبوستىن چۈشتى . قىز كەشىنى پايپاقسىزلا كىيىۋالغان بولۇپ ، خېنىلىق تىرناقلىرى ماش رەڭ كۆتەك كەش ئىچىدە كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى . ئۇنىڭ تېنىگە چاپلىشىپ تۇرغان كالتە يەڭلىك مايكىسىنىڭ بەل ئۇچى پادىچى ئىشتىنىنىڭ بېلى بىلەن تېگىشمىگەن بولۇپ ، قورساق تېرىسى كۆرۈنۈپ قالغانىدى . زىلۋا قىز يەڭگىل قەدەملىرى بىلەن تىلەمچى ئايالنىڭ ئالدىدىن ئۆتتى . ئۇنىڭ چاچلىرى قەدەم رېتىمىغا تەڭكەش ھالدا يېرىم يالىڭاچ مۈرىسىدە ئەركىلەيتتى ... تۇرمۇش ھاياتىي كۈچكە تولغان ئادەملەرگە مەنسۇپ ، تۇرمۇش ھەققىدىكى كۆز قاراشلار ئۇنى كۈزەتكەن ئادەملەرگە مەنسۇپ . تىلەمچى ئايالنىڭ تۇرقى بىلەن مۇدا قىزنىڭ قىياپىتى بىزنى مىللىي مەدەنىيەتنىڭ جەمىيىتىمىزدىكى ئورنى ھەققىدە ھەم يۇمۇرىستىك ، ھەم موڭلۇق تەسىراتقا ئىگە قىلىدۇ . ئىككىلىسى ئايال زاتى ، ئىككىلىسى بىر مىللەتنىڭ پۇشتى ، ئىككىلىسى بىر دۆلەتنىڭ پۇقراسى . لېكىن ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى مەدەنىيەت ئالامەتلىرىدە زور پەرق بار . بۇ ئالامەتلەر كونكرت ماددىي ئالامەتلەر تەرىقىسىدە كۆزگە چېلىقسىمۇ ، بىز ئۇلارنىڭ روھى ھەققىدە خاتاسىز ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالايمىز . تىلەمچى ئايالنىڭ يۈزىدىكى تور رومال مىللىي مەدەنىيلىكنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە كۆپ قاتلاملىق مەنىنى ئىشارەتلەپ بېرىدۇ ، ئۇنىڭدا ھايا ، ئىپپەت ، نومۇس ، قوغدىنىش ، مەككارلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بار . گەپ ئۇنى قايسى نۇقتىدىن كۈزىتىپ باھالاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك . مانا بۇ ئەھۋال باشقىچە زامانىۋىيلىق مىللىي مەدەنىيەتنىڭ كۆپ قانلىق شالغۇتلىشىشىدىن ئىبارەت بولدى . ئۇيغۇر مىللىي پىسخىكىسىدا ئاياللىق غورۇرنىڭ قۇرغانى بولمىش ھايا زامانىۋى مەدەنىيەت كەلكۈنلىرىنىڭ شىددىتى ئارقىسىدا ئاستا - ئاستا غۇلاپ ، ئاياللارنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى زىننەتلىرى ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى . بۇ ھالەت شەھەرلەردە ئېنىق ئايان بولدى . بىز ئەسلىدە دۇنياۋى ھەم زامانىۋى مەدەنىيەت بولۇشقا تېگىشلىك قىممەتلىك ئەنئەنىلىرىمىزنى زامان رەپتارى بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان تەركىپلەرگە ئايلاندۇرالمىدۇق . بىزنىڭ سالام - سائەتلىرىمىز ، ئىبارىلىرىمىز ، يەپ - ئىچىشلىرىمىز ، باردى - كەلدىلىرىمىز ، توي - تۆكۈنلىرىمىز بارا - بارا ئەسلىدىكى ئىنسانىيلىق ۋە ئىلاھىيلىق تۈسىنى يوقىتىپ ، روشەن ئىقتىسادىي ئاڭ ، كۈچلۈك ئىستىمال خاھىشلىرى بىلەن سوغۇرۇلدى . ئاياللىق گۈزەللىك بۈگۈنكى كۈندە شائىرلارنىڭ نەزىرىدىكى مۇقەددەسلىك ئەمەس ، بەلكى خىزمەت ، سودا - مۇناسىۋەت قاتارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كاتالىزاتورغا ئايلاندى . بىز تىلەمچى ئايالنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەن مۇدا قىزنىڭ ئەپتىدىن بىر خىل تەشەببۇسكارلىقنى كۆرىمىز . ئۇ ۋۇجۇدىدىكى ئىنتىلدۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئورگانلارنى ئىمكانىيەتنڭ بارىچە ھۇجۇمغا ئاتلاندۇرغان ، ئۇنىڭ ھۇجۇم قىلىش قوراللىرى ئۆز ئىگىسىگە سەزدۈرمىگەن ھالدا تالاي كۆزنى ئوۋلاپ ماڭىدۇ . زۆرۈر تېپىلغاندا ، قىز قوراللىرىنىڭ ئوت كۈچىنى راسا مەركەزلەشتۈرۈپ ئىشلىتىدۇ . ئەرلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇنىڭدىكى گۈزەللىك ۋە ئىپپەت ئىستىمال بويۇمىغا ئايلانغان بولسا ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ۋاستىدۇر . ئۇ بۇ ۋاستە ئارقىلىق ، ئەرلەردىكى پۇل ، ھوقۇق ، نام - شەرەپ ۋە ئىمتىيازلارنى ئىستىمال قىلىدۇ . مۇئەييەن ئاڭ فورمىسىنىىڭ كىشىلەرنى ئۆزگەرتىش ھەم تەربىيىلەش رولى بولىدۇ . ئىستىمالنى نېگىز قىلغان ھازىرقى زامان جەمىيىتىدە تاۋار بىلەن ئىستىمال شەكلى كىشىلەرنىڭ دۇنيا قارىشىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدىغان بولدى . ھاراق ئىستىمالىنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن ئۆزگەرتىشلىرى بىرقانچە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئاقارتىشلىرىنى بېسىپ كەتتى . ھەر خىل ئېلان - سەنئەت ( داۋراڭلار ) كۆرۈنۈشلىرى تورت ، دېسكو قاتارلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ ياشلار قەلبىگە ئېلىپ كەلگەن زىلزىلىسىگە يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىمۇ قادىر بولالمايدىغان بولۇپ قالدى . چوڭ شەھەرلەرنىڭ رىقابەتلىك جىددىي تۇرمۇشى ئۆز ئارامگاھلىرىنى ئاياللارنىڭ بەدىنىدىن كېلىدىغان خوش پۇراقلار بىلەن بىزەيدىغان بولدى . ھارغىن كىشىلەرنىڭ قەلبىدە بىرەر ۋىجدان خارابىسىنى كۆرگەندە ، ئازاپلىنىدىغان سەزگۈلەر ئاستا - ئاستا ئۆلۈپ ، بىر تەرەپلىمە ئىستىمال خۇمارى ئۈنۈپ چىقىشقا باشلىدى . كىشىلەرنىڭ ئەسلىدىكى قىممەت قارىشى يېڭى كىرگەن ئىستىمال ئادەتلىرى تەرىپىدىن ئىستىمال قىلىنىپ ، بىر يەرگە باراي دەپ قالدى . فولكلور تەتقىقاتچىلىرىغا بىر بىشارەتكى ، شەھەرلىرىمىزدە يېڭى بىر ئاممىۋىي مەدەنىيەت باش كۆتۈردى ، كىيىم - كېچەك پاسۇنلىرىمىز ھەم يىمەك - ئىچمەك يۇسۇنلىرىمىزنىڭ ئۆزگىرىشى ئاللىبۇرۇن يۈز بەرگەن پىسخىكا ئۆزگىرىشلىرىمىزدىن دېرەك بەردى . بىز ئۆزىمىز سەزمىگەن ھالدا يېڭى بىر ئىستىمال دەۋرگە سۆرەپ ئەكىرىلدۇق . مەدەنىيەت تەتقىقاتىدا دائىم ئىشلىتىلىدىغان تېرمىنلارنىڭ ئىچىگە ئىقتىسادىي سېستىمىلارغا ئائىت لۇغەتلەرمۇ كىرىشى لازىمدەك تۇرىدۇ . شۇ تاپتا ئاممىۋىي تۇرمۇش ھادىسىلىرى بىز زىيالىلارنىڭ تەپەككۈر سۈرئىتىدىن خېلىلا ئۇزاپ كەتتى . ئەسلىدە تەپەككۈرنىڭ سۈرئىتى تېزراق بولىشى كېرەكقۇ ؟ كۆز ئالدىمىزدىكى ئەھۋاللارنى بىز نىمە دەپ چۈشەندۈرسەك بولار ؟ ئابدۇقادىر جالالىددىننىڭ « ئىنسانىي سۈپەت مەنزىلى » دىگەن كىتاۋىدىن


