ئاككۇمۇلياتورنىڭ نورمال ياكى نورمال ئەمەسلىكى ئاپتوموبىلنى نورمال ئىشلىتىش ياكى ئىشلىتەلمەسلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھازىر كۆپ قىسىم ئاپتوموبىللارغا ئاسراش ھاجەتسىز بولغان ئاككۇمۇلياتور ئورنىتىلغان بولۇپ، ئاسراش ھاجەتسىز بولغىنى بىلەن، ئاككۇمۇلياتورنى ئاسراشقا بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ. ئادەتتە ئاككۇمۇلياتورنىڭ سىرتقى رەڭگى ئاككۇمۇلياتورنىڭ نورمال ياكى نورمال ئەمەسلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، يەنى يېشىل رەڭ ناھايىتى نورمال ئىكەنلىكى، ئاق رەڭ ئاككۇمۇلياتوردا توك قالمىغانلىقى، قارا رەڭ توك قاچىلاپ ئاسراشقا موھتاج ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ئۇنداقتا ئاككۇمۇلياتورنى ئاسراش ئۈچۈن نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
1. گاز تەڭشەش كلاپانىنى ۋاقتىدا تازىلاش كېرەك. ئاپتوموبىل ھەر 18 مىڭ كىلومېتىردىن 23 كىلومېتىرغىچە يول يۈرگەندە، گاز تەڭشەش كلاپانىنى چوقۇم بىر قېتىم تازىلاش كېرەك.
2. بېنزىن بېسىمىنىڭ نورماللىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم. ماتورنىڭ نورمال قوزغىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئاپتوموبىل ئوتى ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن يېقىلغۇ سىستېمىسىدا قالغان قالدۇق بېنزىن بېسىمىنىڭ 2.5 دىن 3.5 كىلوگرامدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن، بېنزىن پۈركۈگۈچ يېتەرلىك بېنزىن پۈركۈپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلالمايدۇ.
3. ئاپتول تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. قىشتا چوقۇم پەسىلگە ماس كېلىدىغان ئاپتولنى تاللاش كېرەك، شۇندىلا ئاپتولنىڭ ئاپتوموبىلغا بولغان بۇزغۇنچىلىق تەسىرىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
«قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى

