大数跨境

ئائىلىدە ئۆزىڭىزئۈنۈملۈك تىرە ئاسراپ قوروق يوقىتىدىغان ماي ياساڭ

ئائىلىدە ئۆزىڭىزئۈنۈملۈك تىرە ئاسراپ قوروق يوقىتىدىغان ماي ياساڭ dastur
2016-01-11
9
导读: مىسىر خانىشىنىڭ تېرە ئاسراشتىكى مەخپىي رېتسېپىنى بىلگ



مىسىر خانىشىنىڭ تېرە ئاسراشتىكى مەخپىي رېتسېپىنى بىلگىڭىز بارمۇ؟ ئۇ ھەركۈنى كەچتە تۇخۇم ئېقىنى يۈزىگە چاپلايدىكەن، تۇخۇم ئېقى قۇرۇپ يۈز تېرىسىدە نېپىز بىر قەۋەت مەلھەم ھاسىل قىلغاندىن كېيىن يۇيۇپ چىقىرىۋېتىدىكەن. ئىككىنچى كۈنى يۈز تېرىسى ناھايىتى سىلىق، پارقىراق ھالەتكە كېلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۆزى يۈز مەلھىمى ياساپ ئىشلىتىش بارلىق خانىم-قىزلارنىڭ كۈندىلىك ئىشىغا ئايلانغان.
ھەرخىل يۈز مەلھىمى ياساشقا قىزىقامسىز ؟ تۆۋەندە بىر قانچە تۈرلۈك يۈز مەلھىمى ياساش ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرىمىز.
تەرخەمەك
تەرخەمەكنى پاكىز يۇيۇپ ئېزىپ ئۇششاق ھالەتكە كەلگەندىن كېيىن ئاز مىقداردا سۇ ۋە ئاق ئۇننى ئارىلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈرسە ئاقىرىش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
تاۋۇز
تاۋۇنىڭ شاپىقىنى ئېلىۋېتىپ، شاپىقى بىلەن قىزىل گۆشى ئارىسىدىكى سۇس يېشىل رەڭلىك، سۇلۇق قىسمىنى مېۋە ئېزىش ماشىنىسىدا ئېزىپ (ئۆزىگە قولايلىق بولغان ئۇسۇلدا ئېزىپ ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ) ئاز مىقداردا ئۇن ئارىلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈرسە ئاقىرىش، دانىخورەك يوقىتىش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
ئالوي
ئالوي يوپۇرمىقىنى ئېزىپ ھەسەل، تۇخۇم ئېقى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم ھالەتكە كەلگەندە يۈزگە سۈرسە يۈز تېرىسى ھۈجەيرىلىرىنىڭ يېڭىلىنىشىنى ۋە ماددا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تېرىنى سىلىق، پارقىراق، يۇمران قىلىدۇ. زەھەرنى تازىلاش رولىمۇ بار.
ئۆرۈك مېغىزى
ئۆرۈك مېغىزىنى ئېزىپ ئۇششاق ئۇنغا ئوخشاش ھالەتكە كەلتۈرۈپ، تۇخۇم ئېقى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈرسە يۈز تېرىسىنى ئاقارتىش، تەر تۆشۈكچىسىنى تارايتىش رولىنى ئوينايدۇ.
(تەييارلىغۇچى :مۇتەللىپجان دوختۇر(سەركە



【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读2.3k
粉丝0
内容662