
چىش ساغلاملىقى ھەققىدە
چىش مىلىكى قاناشنىڭ سەۋەبىنى بىلەمسىز ؟

چىش مىلىكى قاناش تىلغا ئىلىنسا كۆپىنچە كىشىلەر ۋېتامىن كەمچىل بولغانلىقتىن ،ياكى چىش تىشى سەۋەبىدىن بولغان دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس ،چىش مىلىكى قاناش پەقەت بىر خىل ھادىسە بولۇپ ،سەۋەبى ناھايىتى كۆپ ،ئەگەر سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرمەيلا قارىسىغا ۋېتامىن س ئىشلەتكەندە چىشتىشىنى تازلاتقاندا ،داۋالاش ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇپلا قالماي ،يەنە خاتا داۋالاش،دىئاگنۇر قويۇلماي قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ ؛

چىشمىلىكى قاناشقا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم ئامىللار ؛
مىخانىكىلىق غىدىقلىنىشتىن چىش مىلىكى قاناش ،چىش مىلىكىنىڭ ئۈستى ۋە ئاستىدىكى چىش تىشىنىڭ غىدىقلىنىشى ،ئۆلچەمسىز چىش چوتكىسىنىڭ چىش مىلىكىنى زەخىملەندۈرۈشى ،قاتتىق نەرسىلەر بىلەن چىش كولاش ،كۈچلۈك شوراش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى چىش مىلىكىنى زەخىملەندۈرىدۇ .
چىشمىلىكى ياللۇغلىنىپ قاناش ،ئىغىز تازلىقىنىڭ ياخشى بولماسلىقى ئاستا خاراكتىرلىكچىش مىلىك ياللۇغىنى قوزغايدۇ ،بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچى تۆۋەنلەپ ،ئوكسىگىندىنقاچقۇچى باكتىيرىيلەر قوزغاتقان نىكروسىزلىنىش مەنبەلىك چىش مىلىك ياللۇغى،ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئىچكى ئاجراتمىلار قوزغاتقان چىش مىلىك ياللۇغى ،چىش مىلىكئۆسمىسى قاتارلىقلار چىش مىلىكى قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ..

پۈتۈنبەدەنلىك ئامىل ؛
قان كىسىلى مەنبەلىك چىش مىلىكى قاناش ، ئاق قان كىسىلى ، قاناشقا مايىللىق كىسىلى ،قان پىلاستىنكىسى ئازىيىش كىسىلى ، قايتا ئىشلىنىش توسالغۇغا ئۇچراشلىق قان ئازلىق ، دانىلىق ھۈجەيرىلەر ئازىيىش كىسىلى قاتارلىقلار .
بىرقىسىم پۈتۈن بەدەنلىك كىسەللىكلەر سەۋەبىدىن چىش مىلىكى قاناش ، جىگەر قىتىش ، بۆرەك ياللۇغىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى ، تال فۇنكىيسىسى كۈچىييىپ كىتىش ،پۈتۈن بەدەنلىك بۆرەك چاقىسى قاتارلىق كىسەللىكلەر قان ئۇيۇتۇش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلەتكەنلىكتىن چىش مىلىكى قانايدۇ .

قان بۇزۇلۇش كىسىلى مەنبەلىك چىش مىلىكى قاناش
ۋىتامىن س كەمچىل بولغانلىقتىن كۆرۈلىدۇ،ھازىر بۇ خىل كىسەل ئاز ئۇچرايدۇ ،شۇڭلاشقا چىش مىلىكى قانايدىغانلار چوقۇم داۋالاشئورۇنلىرىغا بىرىپ تەكشۈرتۈشى ،قاناش سەۋەبىنى بىلگەندىن كىيىن ،سەۋەبىگە قارتا مۇناسىپ تەدبىر قوللۇنىشى ،ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈپ ،خاتا داۋالاش ،دىئاگنۇزقويۇلماي قىلىشتىن ،يامان ئاقىۋەت كىلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئىلىشى كىرەك.


ئەڭ

