大数跨境

كۈ نەستە 5.0 بال يەر تەۋرەپ، تەۋرەش مەركىزىدە زىيان بىر قەدەر

كۈ نەستە 5.0 بال يەر تەۋرەپ، تەۋرەش مەركىزىدە زىيان بىر قەدەر dastur
2016-02-13
7
导读:2–ئاينىڭ 11–كۈنى سائەت 21 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، كۈنە

 



2–ئاينىڭ 11–كۈنى سائەت 21 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، كۈنەس ناھىيەسىدە 5.0 بال يەر تەۋرىدى. بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش مەركىزى مەزكۇر ناھىيەنىڭ قارابۇرا يېزىسى كۈنەس نەسىللىك قوي فېرمىسىغا جايلاشقان. 12–چېسلا پۈتۈن بىر كۈن تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۆلۈم-يېتىم بولغانلىقى بايقالمىدى. ھازىر مەزكۇر ناھىيەنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى، سۇ تەمىنلەش، پار تەمىنلەش، توك تەمىنلەش ئىشلىرى نورمال، يول قاتنىشىمۇ راۋان. ئاپەت ئەھۋالى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىستاتىستىكا قىلىنىۋاتىدۇ.  
 يەر تەۋرەش مەركىزىدىكى كۈنەس ناھىيەلىك نەسىللىك قوي فېرمىسى كۆۋرۈكى، تالىد بازىرىدىكى كاپ دەرياسى غول ئۆستەڭ كۆۋرۈكى، ئارالتۆپى تاش كۆۋرۈكى، زېكتى تاشيولى تالدى كۆۋرۈكى ۋە باشقا ئالتە دانە كىچىك كۆۋرۈكنىڭ ئەگمىسى، قايچىسىمان تىرىكى، تاختا لىملىرى يېرىلىپ كەتكەن، دەريانىڭ ئىككى يېرىدىكى ئىچىملىك سۇ تۈگۈنى قۇرۇلۇشىدا يېرىقچىلار پەيدا بولغان. دەسلەپكى ئىستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، جەمئىي 12 مىليون 534 مىڭ يۈەن ئىقتىسادىي زىيان كۆرۈلگەن.   يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، كۈنەس ناھىيەلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتتىكى رۇخسەت سوراپ سىرتقا چىقىپ كەتكەن بەنزە ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى قايتىپ كەلگەن، ھەمدە ھەرقايسى يېزا، بازار (كەنت گۇرۇپپالار) كادىرلىرى، «ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپپىسى، ھەرقايسى جىددىي تاقابىل تۇرۇش كۈچلىرى بولۇپ جەمئىي 1800 دەك ئادەمنى تەشكىللەپ، ھەرقايسى يېزا كەنت، ئەترەتلەرگىچە ۋە چەت، خىلۋەت تاغلىق رايونلارغىچە بېرىپ، ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن.  
 12–چېسلا كەچ سائەت 19 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر، مەزكۇر ناھىيەنىڭ زېكتى بازىرى، تالدى بازىرى، كۈنەس بازىرى، شوربۇلاق بازىرى، قارابۇرا بازىرى، نەسىللىك قوي فېرمىسى قاتارلىق ئالتە يېزا، بازار (فېرما) دىكى 311 يۈرۈش كونا كېسەك ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئاھالىلەر ئۆيلىرى، ئۈچ دانە يېزا بازارلىق شىپاخانىلارنىڭ تاملىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، تاملاردا يېرىقچە پەيدا بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش دەرىجىسى ئېغىرراق ئۆيلەر جەمئىي 87 يۈرۈش. 


【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读4.3k
粉丝0
内容662