
ھاياتتىكى ئەڭ ئازابلىق ئىش-سۆيگەن ئادىمىڭىزنىڭ بەختسىزلىكى
ھاياتتا يوشۇرۇپ قالغىلى بولمايدىغان 3 نەرسە: يۆتەل، كەمبەغەللىك، مۇھەببەت
ھاياتتا ئىسراپ قىلىشقا بولمايدىغان 3 نەرسە: بەدەن، مال دۇنيا، مۇھەببەت
ھاياتتا تۇتۇپ قالغىلى بولمايدىغان 3 نەرسە: ھايات، ۋاقىت، مۇھەببەت

ھاياتتا ئەسلەشكە بولمايدىغان 3 نەرسە: بالا - قازا، ئۆلۈم، مۇھەببەت
ھاياتتىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق ئىش: تۈنۈگۈن يوقاتقىنىڭىزنىڭ بەك كۆپ بولۇشى ئەمەس بەلكى تۈنۈگۈننىڭ ئازابلىرىدىن ئۆزىڭىزنى تارتالمىغانلىقتا
ھاياتتىكى ئەڭ ئەقىلسىزلىك بولسا ئالدىڭىزدىكى ئورەكنى كۆرمەي قالغانلىقىڭىز ئەمەس بەلكى ئاشۇ ئورەككە ئىككىنچى قېتىم چۈشۈپ كېتىشىڭىز

ھاياتتىكى ئەڭ غېرىبلىق بولسا كۈتكەن ئادىمىڭىزنىڭ كەلمىگەنلىكى بولماستىن بەلكى ئۇ ئادەمنىڭ ئاللا بۇرۇن كۆڭلىڭىزدىن چىقىپ كەتكەنلىكى

كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ ئازابلىق ئىش: سۆيگەن كىشىگە ئېرىشەلمەسلىك بولماستىن بەلكى سۆيگەن ئادىمىڭىزنىڭ بەختكە ئېرىشەلمىگەنلىكى
ھاياتتىكى ئەڭ زور خۇشاللىق بولسا باشقىلارنىڭ سىزگە خۇشاللىق ئاتا قىلىشى بولماستىن بەلكى سىزنىڭ باشقىلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشىڭىزدۇر



