大数跨境

ئۈندىداردا پۇل يۆتكەيدىغانلار بۇنى چۇقۇم بىلىۋېلىڭ

ئۈندىداردا پۇل يۆتكەيدىغانلار بۇنى چۇقۇم بىلىۋېلىڭ dastur
2016-02-17
2
导读:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 16-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى: ت


 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 16-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى: تېڭشۈن شىركىتى تۈنۈگۈن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دېدى: 1-مارتتىن تارتىپ، ئۈندىداردا پۇل تۆلەش، پۇل ئاغدۇرۇشتىن رەسمىيەت ھەققى ئېلىش توختىتىلىدۇ، شۇ كۈندىن تارتىپ، ئۈندىدار ھەميانىدىن بانكا كارتىسىغا پۇل ئاغدۇرۇشتىن رەسمىيەت ھەققى ئېلىنىدۇ. ئۈندىدار ھەميانىدا سودىلىشىشتىن ھەق ئېلىش-ئۈندىداردا پۇل تۆلەشتىن كىرىم قىلىش تەدبىرى بولماستىن، بەلكى بانكا رەسمىيەت ھەققى تۆلەشكە ئىشلىتىلىدۇ. كونكرېت ھەق ئېلىش لايىھەسىدە، ھەر بىر خېرىدار پۈتۈن ئۆمرىدە مىڭ يۈەنلىك ھەقسىز پۇل ئاغدۇرۇش سوممىسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكەن قىسمىدىن بانكا ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بويىچە رەسمىيەت ھەققى ئېلىنىدۇ، نۆۋەتتە ھەق ئېلىش نىسبىتى %0.1 بولۇپ، ھەر قېتىم پۇل ئاغدۇرغاندا ئاز دېگەندە بىر مو ئېلىنىدۇ. ئۈندىدار قىزىل بولىقى، يۈزمۇ-يۈز كىرىم-چىقىم قىلىش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ، رەسمىيەت ھەققى ئېلىنمايدۇ.

مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى


 

【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读530
粉丝0
内容662