大数跨境

جۇڭگو ئالىملىرى تۇماننىڭ كېسەل پەيدا قىلىش مېخانىزمى توغرىسىدا

جۇڭگو ئالىملىرى تۇماننىڭ كېسەل پەيدا قىلىش مېخانىزمى توغرىسىدا dastur
2015-12-19
0
导读:خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگ



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاتموسفېرادىكى دانچە ماددا (PM) ئېشىپ كەتسە زىققا كېسىلى، سوزۇلما توشۇلۇشچان ئۆپكە كېسىلى ۋە ئۆپكە راكى قاتارلىق نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ۋە ئاغرىپ ئۆلۈش نىسبىتىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ، لېكىن بۇنىڭ كېسەل پەيدا قىلىش مېخانىزمى ھازىرغىچە ئېنىقلانمىغانىدى. جۇڭگو ئالىملىرى ئۇزاق ۋاقىت تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئۇششاق دانچە ماددىلارنىڭ نەپەس يولى ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ۋە زور مىقداردا شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىدىغانلىقىدەك يېڭى مېخانىزمنى شەرھلىدى. بۇ نەتىجە ھازىر خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ھۈجەيرە بىئولوگىيىسى ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى. 

 جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنستىتۇتى قارمىقىدىكى 2-دوختۇرخانا − جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەپەسلىنىش كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنى، نەپەسلىنىش كېسىلى دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىدىكى تېما گۇرۇپپىسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا، يۇقىرى ھەسسىلىك مىكروسكوپتا چاچنىڭ چوڭلۇقىنىڭ 500/1دىن 100/1 گىچە توغرا كېلىدىغان ئۇششاق دانچە ماددىلارنىڭ ئىچىدىن يۇتۇش ئارقىلىق ئادەم بەدىنىنىڭ نەپەس يولى ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىسىگە كىرىپ، ھۈجەيرە ئىچىدە چۆكۈپ قارا رەڭلىك دانچە ماددا ھاسىل قىلىپ، ياللۇغ پەيدا قىلىدىغانلىقى ۋە زور مىقداردا شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىدىغانلىقىنى بايقىدى.  

«ھۈجەيرىنىڭ ئۆزىنى يۇتۇش»ىدىن ئىبارەت ئۆز-ئۆزىنى قوغداش ھەرىكىتىنىڭ رولى بىلەن، ھۈجەيرە «ئۆزىنى يۇتۇش» ئارقىلىق بۇ قارا رەڭلىق دانچىلارنى قاپلايدۇ ۋە ھۈجەيرىگە كىرگەن ئۇششاق دانچە ماددا، كېرەكسىز ئاقسىل قاتارلىقلارنى پارچىلايدۇ. لېكىن بۇ ئۇششاق دانچە ماددىلارنىڭ تەركىبىدە زور مىقداردا ئانئورگانىك كاربون، ئېغىر مېتال قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلار بولغاچقا، ھۈجەيرىنىڭ «ئۆزىنى يۇتۇش» رولىدىن پايدىلىنىپ پارچىلاش ئىنتايىن تەس. شۇنىڭ بىلەن ئاخىرىدا ياللۇغ پەيدا قىلىپ ۋە زور مىقداردا شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىپ، سوزۇلما نەپەس يولى كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى


【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读0
粉丝0
内容662