大数跨境

يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى ياشلىشىۋاتىدۇ

يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى ياشلىشىۋاتىدۇ dastur
2015-12-20
0
导读:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:مۇتەخەسسىلەر مۇنداق دېدى:



ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:

مۇتەخەسسىلەر مۇنداق دېدى: خىزمەتكە ئۆزىنى ئۇرۇپ ئىشلەيدىغان ئەرلەر مۇكەممەللىكنى قوغلاشقانلىقتىنغ خىزمەت ۋاقتى ئۇزۇن بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلاردىكى روھىي بېسىممۇ زور بولىدۇ. ئەرلەر تاماكىنى كۆپ چېكىش، ھاراقنى كۆپ ئىچىش، يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلماسلىق، چارچاش قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن يۈرەك قان تومۇر كېسەللىرىگە ئاسان گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇرسا بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن ئۆسۈپ قالغان بويۇن ئومۇرتقىسى قان تومۇرلارنى بېسىپ، پۇت-قول ماغدۇرسىزلىنىش، باش قېيىش، كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. بەلكىم سىز ئاشقازىنىڭىزدا بىر تۆشۈكنىڭ پەيدا بولۇپ قالغىنىنى بىلمەي قېلىشىڭىز مۇمكىن، يېنىك خاراكتېرلىك ئاشقازان يارىسىنىڭ ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى بولمايدۇ، شۇڭا كىشىلەر بۇنىڭغا سەل قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئاشقازان يارىسىنى ۋاقتىدا داۋالىسا ساقىيىپ كېتىدۇ. سەل قاراش تۈپەيلىدىن كېسەل ئېغىرلىشىپ كەتسە، ئاشقازان راكىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. ئالىملارنىڭ قارىشىچە، دۇنيادىكى 10 ئادەمنىڭ بىرى ھاياتىدا ئاشقازان يارىسىغا گىرىپتار بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

مۇتەخەسىسلەر يەنە مۇنداق دېدى: ھەر خىل بېسىملارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ئەرلەرىدىكى يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى، دىئابىت كېسىلى ھازىر ئەڭ كۆپ كۆرۈلغان كېسەلگە ئايلىنىپ، كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر تەھدىت سالماقتا. بۇ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، شۇنداقلا ئۇنى داۋالاش ئۈچۈن ئەرلەر يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلىشى، كۆپرەك ھەرىكەت قىلىشى، ۋاقتىدا دەم ئېلىشى، ئۆزىنى ئازادە تۇتۇشى كېرەك. ئائىلىڭىزنىڭ خۇشاللىقى، پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ بەختى ئۈچۈن، ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىدىن نېرى تۇرۇپ، ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

كونىلاردا «ئەلنىڭ قانىتى ئەر» دەيدىغان گەپ بار. ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى بولغان ئەرلىرىمىزنىڭ ساغلاملىقى ئەلنىڭ ساغلاملىقىدۇر. چۈنكى ئەرلەر ساغلاملىقى كۆڭۈل بۆلۈشكە موھتاج.



【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读0
粉丝0
内容662