

▲ ساياھەتكە چىققاندا پاشا، كۇمۇتا، ھەرە قاتارلىق قۇرت - قوڭغۇزلار چېقىۋېلىپ بىئارام بولغاندا، چىش پاستىسىنى شۇ ئورۇنغا سۈركىسىڭىز، قىچىشىشنى توختىتىپ، ئاغرىقنى پەسەيتىش رولىنى ئوينايدۇ. ▲ چىش پاستىسىنى ۋاقىتلىق جىددىي قۇتقۇزۇش دورىسى قىلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن: سىرتلارغا چىققاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن تېرىڭىز سۈرۈلۈپ كەتسە، جاراھەتلەنگەن جايغا چىش پاستىسى چاپسىڭىز ياللۇغ قايتۇرۇش، قاننى توختىتىش رولىنى ئوينايدۇ. ▲ بېشىڭىز ئاغرىسا، بېشىڭىز قايسا چېكىڭىزگە ئازراق چىش پاستىسى سۈرتۈۋالسىڭىز ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ. ▲ ھاۋانىڭ ئىسسىپ كېتىشى تۈپەيلى بەدىنىڭىزگە ئىسسىقلىق ئۆرلەپ قالغاندا، چىش پاستىسىنى ئىسسىقلىق ئۆرلىگەن جايغا سۈركەپ، بىرئازدىن كېيىن يۇيۇۋېتىپ، ئۇدا بىر قانچە قېتىم داۋاملاشتۇرسىڭىز قىچىشىشنى توختىتىدۇ ھەم ئىسسىقلىقنى ساقايتىدۇ. ▲ قىش پەسلىدە پۇت - قول سوغۇقتىن ئۈششۈپ قالغاندا، ئۈششىگەن تېرىنى سويۇۋەتمەي تۇرۇپ، لاتىغا ئازراق چىش پاستىسىنى سىقىپ ئۈششۈكتىن قىزارغان جايغا سۈركەپ بەرسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. ▲ كۆيۈپ قالغان ئورۇنغا ئازراق چىش پاستىسى چاپسا ياللۇغنى قايتۇرۇپ، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ. ▲ قولچىراغنى ئۇزاق ئىشلەتكەندە قولچىراغنىڭ نۇر قايتۇرۇش ئەينىكى قارىداپ، نۇرى ئاجىزلاپ ياخشى يانمايدۇ. بۇنداق چاغدا قۇم قەغەزگە ئازراق چىش پاستىسى سىقىپ يەڭگىل سۈرتۈۋەتسە يورۇقى ئەسلىدىكىدەك بولىدۇ. ▲ سۇ جۈمىكىگە سۇ دۇغلىرى ئورناپ سۇ راۋان چۈشمەس بولۇپ قالسا، چىش پاستىسى بىلەن يۇيۇپ بەرسە، سۇ دۇغلىرىنى تازىلىغىلى بولىدۇ. ▲ دەزمالنىڭ ئاستى داتلىشىپ قالغاندا، چىش پاستىسىنى لاتا بىلەن سۈرتۈپ بەرسە دات ئۆزلۈكىدىن يوقايدۇ. ▲ كۈمۈش بۇيۇملارنى ئۇزاققىچە ئىشلەتمەي قويۇپ قويسا، ئۇنىڭ يۈزى ئوكسىدلىنىپ داتلىشىپ قالىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا چىش پاستىسى بىلەن سۈرتۈپ بەرسە ئەسلىدىكىدەك پارقىراق ھالىتىگە كېلىدۇ. ▲ بېلىق يۇيغاندىن كېيىن قولنى ئاۋۋال سوپۇن بىلەن يۇيۇپ، ئاندىن ئازراق چىش پاستىسى بىلەن يۇيۇۋەتكەندە قولدىكى غەيرىي پۇراق يوقايدۇ. ▲ قول سائىتىنىڭ يۈزىدە داغ، سىزىقچىلار پەيدا بولۇپ قالسا، چىش پاستىسىنى سىقىپ، يۇمشاق لاتا بىلەن سۈرتۈپ بەرسە، داغ ۋە سىزىقچىلار يوقايدۇ. ▲ ئائىلىدە كىچىك بالىلار رەڭلىك موم قەلەم بىلەن پول، تام، كىرېسلولارنى بويىۋەتكەن ھۆل لاتىغا ئازراق چىش پاستىسى سىقىپ سۈرتۈۋەتسە، ئەسلىي ھالەتكە كېلىدۇ. ▲ يازدا كۆپ تەرلىگەچكە ياقا، يەڭ ئۇچى قاتارلىق جايلاردىكى تەر داغلىرى ئوڭاي چىقمايدۇ. بۇنداق چاغدا شۇ جايغا ئازراق چىش پاستىسى سۈركەپ ئۇۋۇلاپ يۇيسا تەر داغلىرىنى چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ. ▲ چاقچۇق بۇيۇم ۋە ئىستاكانلاردىكى چاي داغلىرى، قەھۋە داغلىرى بار جايغا ئازراق چىش پاستىس
ى سۈركەپ قايتا - قايتا يۇيسا ئىستاكان، چاقچۇق بۇيۇملار ئۆز ھالىتىگە كېلىدۇ



