大数跨境

سەھەر تۇرۇش خانىملارغا پايدىلىق

سەھەر تۇرۇش خانىملارغا پايدىلىق dastur
2016-01-28
1
导读:سەھەر تۇرۇش خانىملارغا پايدىلىققىسمەن خانىم-قىزلار سە


 


سەھەر تۇرۇش خانىملارغا پايدىلىق

قىسمەن خانىم-قىزلار سەھەر ئويغانسىمۇ قوپۇشتىن ئېرىنىدۇ ،لېكىن بۇ ھالەت داۋاملاشسا كېلىماتىرىيە دەۋرى بالدۇر باشلىنىدۇ .

ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئاياللاردىكى كېلىماتىرىيە دەۋرىنىڭ بالدۇر باشلىنىشى بېسىم زىيادە ئېغىر بولۇش ،روھىي جىددىلىك ،زىيادە ئورۇقلاپ كېتىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن بولىدۇ .ئۇنىڭدىن باشقا سەھەر تۇرماسلىق يەنە بەزىبىر يوشۇرۇن كېسەللىكلەرنىمۇ كۈلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

بەدەننىڭ بىئولوگىيەلىك قانۇنىيىتى بۇزىلىدۇ . پائالىيەتلەر نورمال قانۇنىيەت بويىچە بولغاندا ئادەم روھلۇق بولىدۇ ،لېكىن دائىم سەھەر ئورنىدىن تۇرماي يېتىۋەرسە ،بۇ قانۇنىيەت بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ . چوڭ مېڭىگە قان يېتىشمەيدۇ . ئادەم ئۇخلىغاندا چوڭ مېڭە تورمۇزلانغان ھالەتتە بولىدۇ .ناۋادا سەھەر ئورنىدىن تۇرۇشقا ھورۇنلۇق قىلغاندا چوڭ مېڭىنىڭ تورمۇزلىنىش ۋاقتى ئۇزۇراپ كېتىپ مېڭىگە قان يېتىشمەيدۇ . ھەزىم قىلىش ناچارلىشىغۇ . سەھەر ئورنىدىن تۇرۇشقا ھورۇنلۇق قىلغان ئاياللار دائىم ناشتا قىلمايدۇ ، بۇ ئاشقازان –ئۈچەينىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىپ ،قەۋزىيەتنى پەيدا قىلىدۇ .


 

【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读0
粉丝0
内容662