大数跨境

ئۆزىگە ئىشەنمەسلىكتىن قۇتۇلۇشنىڭ 7 خىل ئۇسۇلى

ئۆزىگە ئىشەنمەسلىكتىن قۇتۇلۇشنىڭ 7 خىل ئۇسۇلى dastur
2016-01-29
2
导读:ئاز بولمىغان كىشىلەر، دائىم ئىشقا ئورۇنلىشاي، شىركەت


 


ئاز بولمىغان كىشىلەر، دائىم ئىشقا ئورۇنلىشاي، شىركەت قۇراي، ياكى يېڭى ئىشلارغا جەڭ ئېلان قىلاي دەپ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قىلماقچى بولغان ئىشلىرىنى قىلىپ باققۇسى كەلسىمۇ بىراق بىر قەدەممۇ ئىلگىرىلىيەلمەيدۇ. بۇنداق بىر قەدەممۇ ئىلگىرىلىيەلمەيدىغان كىشىلەرنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاپ باقسا، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلىرىنى «مېنىڭ قىممىتىم يوق» ياكى «مېنىڭ قابىلىيىتىم يوق» دەپ تونۇپ، ئۆز-ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك توپلىمىغا يىغىنچاقلايدىكەن.

ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان كىشىلەر تاللاشقا توغرا كەلگەندە، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قىلماقچى بولغان ئىشىنى تاللىماي، ئەتراپتىكى مۇھىتقا ئاساسەن ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان ئىشلارنى تاللاپ ئالىدىكەن. ئامال يوق ئەھۋالدا قانداقتۇر بىر ئىشنى تاللاپ قىلىش، قوزغىتىش كۈچىنى ئاشۇرالمايدۇ ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. بۇنداق ھالەتتە ئىشنى داۋاملاشتۇرغاندا، قىلىۋاتقان ئىشنىڭ ۋە شەخسىنىڭ سۈپىتى يامانلىشىپ بېرىپ، سۈپەتلىك ياخشى بىر ھايات كەچۈرۈشى بولمىغان ھالەتكە بېرىپ يېتىشى مۇمكىن.

ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى بولىدۇ. تۆۋەندە بۇ ئالاھىدىلىكلەر بايان قىلىنىدىغان بولۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ مۇشۇ ئالاھىدىلىكلەرگە چۈشىدىغان ياكى چۈشمەيدىغانلىقىڭىزنى تەكشۈرۈپ چىقىڭ. ئەگەر بۇ ئالاھىدىلىكلەر سىزدە بولسا، دەرھال مۇشۇ ئالاھىدىلىكلەردىن قۇتۇلۇپ كېتىڭ. ئۆز ھاياتىڭىزنىڭ كونتروللۇقى ئۆزىڭىزنىڭ قولىڭىزدا، ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تامامەن مۇمكىن بولىدۇ. شۇڭا ئامالسىز تەكرارلىنىۋاتقان تۇرمۇشىڭىزنى بۈگۈندىن باشلاپ ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۆز ھاياتىڭىزدا يېڭى بىر سەھىپە ئېچىڭ!

يۈرۈش-تۇرۇشقا دىققەت قىلىش

ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئەڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى ئۇلارنىڭ «يۈرۈش-تۇرۇشى»دا ئىپادىلىنىدۇ، ئىشەنچسىز كىشىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكى بىرنەچچە تەرەپلەردە كۆرۈلىدۇ.

•   ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ئېگىلگەن

•   كۆرۈش سىزىقى ۋە كۆز نۇرى تۇراقسىز. كۆرۈش سىزىقى داۋاملىق تۆۋەنگە يۈزلەنگەن

•   كىشىلەرگە ئۇدۇل قارىيالماسلىق

•   كۆرۈنۈشى ناھايىتى قاتتىق

•   قورۇلۇپ ئولتۇرۇش

ئۆزىگە ئىشەنگەن كىشىلەر مەيدىسىنى كېرىپ، كۆرۈش سىزىقىنى تەۋرەتمەيدۇ. ئەگەر سىزدە ئۆزىگە ئىشەنمەسلىكتىن ئىبارەت بۇنداق قىياپەت كۆرۈلسە، ئۇنى دەرھال ئۆزگەرتىڭ!

كىشىلەرنىڭ قېلىپ ھالىتى «يۈرۈش-تۇرۇش»، «سۆز»، ۋە «روھىي ھالەت» قاتارلىقلارنىڭ بىرىكمىسىدىن تۈزۈلگەن. ئۇلارنىڭ نىسبىتى تۆۋەندىكىدەك:

•   يۈرۈش-تۇرۇش: 60%

•   سۆز: 25%

•   روھىي ھالەت: 15%

بۇ نىسبەتتىن شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى، يۈرۈش-تۇرۇشنىڭ نىسبىتى ئەڭ چوڭ. ئەكسىچە ئېيتقاندا، يۈرۈش-تۇرۇش ئۆزگەرسە روھىي ھالەتمۇ ئۆزگىرىدۇ. ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان تىپتىكى كىشىلەر، يۈرۈش- تۇرۇشنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىقلا ئۆزىگە ئىشىنىدىغان كىشىلەرگە ئۆزگىرەلەيدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈنۈم بېرىشىمۇ يۇقىرى، شۇڭا ئۇنى دەرھال سىناپ بېقىڭ!

ئەتراپقا ئېغىپ كەتمەيدىغان ئادەم بولۇش

ئىشەنچى يوق ئادەملەرنىڭ ئالاھىدىلىكى «ئەتراپقا ئېغىپ كېتىش». ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىغا ئىشەنچى يوق، بىزار قىلىنىشتىن قورقۇش سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ پىكرىنى دېيەلمەي ئەتراپتىكى پىكىرلەر ئېقىمىغا ئېغىپ كېتىدۇ. ئەتراپقا ئېغىپ كەتمەيدىغان ئادەم بولۇش ئۈچۈن، قىلالايدىغان ئىشلارنى ئاز-ئازدىن قىلىپ ئادەتلىنىش مۇھىم نۇقتىدىن ئىبارەت. مەسىلەن، خىزمەت ئورۇندىكى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە راستىنلا بارغۇڭىز بولمىسىمۇ، بارلىق ئادەم بارىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قاتنىشىسىز شۇنداقمۇ؟ بۇنداق ئەھۋالدا، يەنى بارغۇڭىز كەلمىگەن ئەھۋالدا ئىككى قېتىمدا بىر قېتىم بارىمەن دەپ بەلگىلەپ، ئۆزىڭىز قائىدە بېكىتىڭ. بۇنىڭ بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ پىكرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇش پۇرسىتىڭىزنى ئاز-ئازدىن كۆپەيتىش ئارقىلىق، پىكىر قىلىشقا قارشى ئېلىمېنتلارنى يوقىتىپ، ئاخىرقى ھېسابتا باشقىلار تەرەپكە ئېغىپ كېتىدىغان ئەھۋالدىن ساقلىنالايسىز.

پو ئاتماسلىق

ئىشەنچسىز كىشىلەرنىڭ يەنى بىر ئالاھىدىلىكى «پو ئېتىش». بارلىق كىشىلەردە، «ئېتىراپ قىلىشىنى» تەلەپ قىلىدىغان ئەھۋال بولغاچقا، «چوڭ گەپ» قىلىش ھەرقانداق بىر ئادەمدە بولىدۇ. ئۆزىگە ئىشەنگەن كىشىلەر، ئۆز-ئۆزىنى ئېتىراپ قىلغاچقا، باشقىلارنىڭمۇ ئۆزىنى ئېتىراپ قىلىش ئارزۇسى تۆۋەن بولىدۇ. بىراق ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغانلار، باشقىلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىسا، ئۆزىنى پەسلىيەلمەيدۇ-دە، پو ئېتىش قېتىم سانى كۆپىيىپ بارىدۇ. ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان ئادەملەرنىڭ پو ئېتىش ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ.

•   پو ئېتىش قېتىم سانى كۆپ

•   ئوخشاش پو ئېتىشنى كۆپ تەكرارلاش

•   ئۆزىدە بار نەرسىلەردىن مەغرۇرلىنىش. مەسىلەن، ماشىنا، داڭلىق سائەت، داڭلىق مەھسۇلاتلار

•   ئۆزىنىڭ ئايالى، بالىسى، نەۋرىسى قاتارلىقلاردىن مەغرۇرلىنىش. ھەتتا يەنە، ئوقۇش تارىخى، خىزمەت ئورنى، ۋەزىپىسى، مۇئاش قاتارلىقلاردىنمۇ مەغرۇرلىنىدۇ.

پو ئاتماسلىق ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتا مۇھىم.

•  ئالدى بىلەن «ياخشى ئاڭلاش» دىن ئىبارەت.

•  ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆز-ئۆزىنى ئېتىراپ قىلىش

باشقىلارنىڭ گېپىنى ياخشى ئاڭلىغاندا، پو ئېتىلماي ئاخىرلىشىدۇ. يەنى، سىز ئۆز-ئۆزىڭىزنى «مەن دېگەن ئاجايىپ»، «مەن تالانتلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىپ بەرسىڭىز، پو ئېتىشلار تەبىئىي ھالدا ئازلاپ ماڭىدۇ.

باشقىلارنى ئىنكار قىلماسلىق

ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى «باشقىلارنى ئىنكار قىلىش». باشقىلارنى ئىنكار قىلىدىغان ئادەملەر بىر كۆرۈنۈشتە ئۆزىگە ئىشەنچى باردەك كۆرۈنسىمۇ ئەمەلىيەتتە دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە. كاللىسى ياخشى ئىشلەيدىغان تۇرۇقلۇق ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان كىشىلەر، باشقىلارنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق ئۆزىگە ئىشەنچ تۇرغۇزۇشقا ئۇرۇنىدۇ. باشقىلارنى ئىنكار قىلىشنىڭ ئۆزى ئۆزىگە بولغان يامان ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. باشقىلارنى ئىنكار قىلسىڭىز، كاللىڭىز ئەمەلىيەتتە ئۆزىڭىزنى ئىنكار قىلدى دەپ چۈشىنىۋېلىپ،  تەدرىجىي ئىشەنچ يوقىلىپ، ئۆزىڭىزنىڭ قەلبىدە يارا پەيدا قىلىۋالىسىز. ئۆزىگە ئىشەنگەن كىشىلەر، باشقىلارنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى ۋە مۇمكىنچىلىكى بولغان ياخشى ئىشلارنى كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە تاشلايدۇ.

پاسسىپ ئادەتلەرنى توزۇتۇش

ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان كىشىلەرنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، «پاسسىپ ئادەتلەر كۆپ» بولۇشتىن ئىبارەت. ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان ئادەملەرنىڭ پاسسىپ ئادەتلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

•  ھۆكۈم قىلىشتىن ساقلىنىدىغان پاسسىپ ئادەتلەر: «مۇمكىن، بولامدىكىن دەپ ئويلايمەن»، «بىر ئامال بولار»، «بارايمىكىن دەپ ئويلايمەن»

•  ئىنكاردىن كېلىدىغان پاسسىپ ئادەتلەر: «بىراق…»، «قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر…»، «چۈنكى…»

•  ئېنىقسىز جاۋاب: «ھە…»، «دەڭ…»، «ھوي…»، جىم تۇرۇۋېلىش

يۇقىرىقىدەك پاسسىپ ئادەتلەرنى كۆپرەك ئىشلىتىدىغان ئادەملەر ئىشەنچى يوق ئادەملەردۇر. ئۆزىگە ئىشىنىدىغان كىشىلەر «بىلمەيمەن»، «قىلالمايمەن» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىپ ئۆزى قىلالمايدىغان ئىشلارغىمۇ ئېنىق جاۋاب بېرىدۇ ھەمدە قىلالايدىغان ئىشلارغا «بولىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئالدى بىلەن ئاددىي جاۋابلار ئارقىلىق ئۆزگەرتىڭ. بۇ يەردىكى مۇھىم نۇقتا چوڭ ئاۋازدا ئېنىق دېيىش. تۆۋەن ئاۋازدىمۇ تەدرىجىي ئىشەنچىڭىزنى تەكىتلەڭ.

رەت قىلىشتىن قورقماسلىق

ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان ئادەملەرنىڭ ئالاھىدىلىكى يەنە 6-سى بولۇپ «رەت قىلماسلىق» ياكى «رەت قىلىشتا قىينىلىش». ئىشەنچى بولمىغان ئادەملەر، باشقىلار تەرىپىدىن ئىنكار قىلىنىشتىن قورقىدۇ. ئاشۇ قورقۇشنىڭ تەسىرىدە قارشى تەرەپنى ئىنكار قىلسام بولمايدۇ، دەپ ئويلايدۇ. مۇشۇنىڭ نەتىجىسىدە، «رەت قىلماسلىق»، «رەت قىلىشتا قىينىلىش» ئالامەتلىرى ئىپادىلىنىدۇ. «رەت قىلىشقا ئۇستا» دېگەن ئادەملەر، ئۆزى رەت قىلىنسىمۇ پەقەتلا پەرۋا قىلماي، كىشىلەر تەرىپىدىن تەلەپ قىلىشلارغا ياكى تەكلىپ قىلىشلارغا نىسبەتەن رەت قىلىش قاراشلىقى بولمايدۇ. ئىشەنچى بار كىشىلەر دېگىنىمىز «تەلەپكە ماھىر»، «تەكلىپكە ماھىر» بولىدۇ.

ماھىرلىق بىلەن رەت قىلىشنىڭ تۆۋەندىكىدەك نۇقتىلىرى بولىدۇ.

•   تېز رەت قىلىش: جاۋابنى كەينىگە سۈرسىڭىز، قارشى تەرەپ «ئويلىشىۋاتقان ئوخشايدۇ» دەپ چۈشىنىۋېلىپ، ئارتۇق ئۈمىد باغلاپ قويۇپ ئەكس تەسىر

بېرىدۇ. شۇڭا تېز رەت قىلىنىشى لازىم.

•  قىزىقمايدىغانلىقىنى سەمىمىيلىك بىلەن يەتكۈزۈش: «ئالدىراش»، «باشقا ۋاقىتتا ئۇچرىشىش» دەپ يالغان سەۋەب كۆرسەتسە يەنە تەكلىپ قىلىش

ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ.

•  رەھمەتنى يەتكۈزۈش: خالىمايدىغان ئىشقا چاقىرسا ياكى ناچار تەكلىپلەر كەلسىمۇ، ئۆزىڭىز بىلەن ئالاقە قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىڭ. چۈنكى

كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىز ئۇلارغا ئۆتۈنۈپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.

ئالدىرىماڭ:

ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنىڭ 7-سى بولسا «ئالدىراش» سۆزىدىن ئىبارەت. ئىشەنچى يوق كىشىلەر ۋاقىتنى تولدۇرىمەن دەپ ئىشەنچىنى يوقىتىپ قويىدۇ، «تىرىشمىسام ئېتىراپ قىلمايدۇ» دەپ ئۆزىنى ئۆزى قورقۇتۇشتىن ئىشنى كۆپەيتىۋېلىپ، ۋاقىت تولۇقلاش بىلەن ئاۋارە بولىدۇ. ئىشەنچى بار كىشىلەر ئۆزىنى ئۇپرىتىپ كەتمەيدۇ. چۈنكى ئۆزىنى ئۇپرىتىپ كەتمىسىمۇ، ئۆزىدە قىممەت بارلىقىنى بىلىدۇ. نېمىدۇر بىر ئىشنى قىلمىسا ئەنسىزلىك قاپلاپ ئالدىراش بولۇپ كېتىپ تىرىشمىسا بولمايدىغان كىشىلەر، «بوش ۋاقىت» ۋە «راھەتلىنىش ۋاقتى» قاتارلىقلارنى بەرپا قىلىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. دەسلىپىدە بىر كۈندە بىر سائەت بولسىمۇ بولىدۇ. مۇشۇنىڭغا ئادەتلىنىپ قالغاندا بىر كۈندە نەچچە قېتىم دەم ئالىدىغان كۈننى بەرپا قىلىشى لازىم.

بەلكىم ئىشەنچسىز كىشىلەرنىڭ يۇقىرىقى ئالاھىدىلىكى سىز ئويلاپ باقمىغان ھەيران قالارلىق تەرەپلىرى بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئىشەنچ بولمىغانسېرى بۇ كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئىشەنچىنى يوشۇرىمەن دەيدۇ. سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا «ئىشەنچى باردەك كۆرۈنگەن كىشىلەر» ئەمەلىيەتتە ئىشەنچسىز كىشىلەر بولۇشى مۇمكىن. ھەقىقىي ئىشەنچى بار كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئاجىز تەرەپلىرىنىمۇ يوشۇرماي باشقىلار ئالدىدا ئىپادىلەيدۇ. ئەگەر سىز ئىشەنچى يوق كىشىلەر توپىغا كىرسىڭىز، ئۆزۈمدە ئىشەنچ يوق ئىكەن دەپ سەمىمىيلىك بىلەن ئېتىراپ قىلىۋېتىڭ.  شۇنداق قىلغاندىلا ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئۆزىڭىزگە تەتبىقلىسىڭىز بولىدۇ. ئىشنى چوقۇم ياخشى باشلاڭ، چوقۇم بۈگۈندىن باشلاڭ!


 

【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读0
粉丝0
内容662