大数跨境

يېرىق تام ئارىسىدىن چىققان مۆجىزىلىك خەت

يېرىق تام ئارىسىدىن چىققان مۆجىزىلىك خەت dastur
2016-01-06
3
导读:ئەگەر سىز پۇل ئۈچۈن ياشىسىڭىز ھاياتىڭىز جاپا ئىچىدە ئ



ئەگەر سىز پۇل ئۈچۈن ياشىسىڭىز ھاياتىڭىز جاپا ئىچىدە ئۆتىدۇ.

ئەگەر سىز باللىرىڭىز ئۈچۈن ياشىڭىز ھاياتىڭىز ھارغۇنلۇق ئىچىدە ئۆتىدۇ.

ئەگەر سىز مۇھاببەت ئۈچۈن ياشىڭىز ھاياتىڭىز ئازاب ئىچىدە ئۆتىدۇ.


ئەگەر سىز كەڭ قورساقلىق بىلەن ياشىڭىز ھاياتىڭىز بەخىت ئىچىدە ئۆتىدۇ.

ئەگەر سىز شۈكرى قانائەت بىلەن ياشىڭىز ھاياتىڭىز خوشاللىق ئىچىدە ئۆتىدۇ.

ئەگەر سىز ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن ياشىڭىز ھاياتىڭىز مېھرىبانلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ


ئادەم ياماندىن قورقماي يۇۋاشنى ئەزمەي ياشىسا ئادەم دەيمىز

ئۆزىگە تىگىشلىك بولغاننى باشقىلاغا ئۆتۈنۈپ بېرەلىسە بۇنى مەرتلىك دەيمىز.

ئاددە ۋە سەمىمىي بولغاننى ھەقىقى مۇھاببەت دەيمىز


بىر ئۈستەل تاماقنىڭ پۇلىدىن ۋاز كېچىشكە كۆزىڭىز قىيمىسا دوست تۇتىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ.

قىز دوستىڭىزغا بىرەر قېتىم مەن ئالدىراشتىم دېيەلمىسىڭىز كەسىپتە نەتىجە قازىنىمەن دېمەڭ.

بەزىدە بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسكە سېلىۋېلىشنى ئۆگەنمىسىڭىز ھۆرمەتكە ئېرىشىمەن دېمەڭ.

ئېسىڭىزدە بولسۇن يەرشارى يۇملاق باشقىلارغا قىلغانلىرىڭىز ھامىنى ئۆزىڭىزگە قايتىپ كېلىدۇ.


پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان سۆزلەر:

بىرىنچى جۈملە:

سىزنىڭ مەسئۇلىيىتىڭىز دەل سىزنىڭ يول باشچىڭىز ، سىزنىڭ ئۆتمۈشىڭىز دەل سىزنىڭ دەسمايىڭىز ، سىزنىڭ مىجەز خاراكتىرىڭىز دەل سىزنىڭ تەقدىرىڭىز.



ئىككىنچى جۈملە:

مۇرەككەپ ئىشنى ئاددى قىلالىسىڭىز سىز بىر مۇتەخەسسىس ، ئاددى ئىشنى قايتا قايتا قىلالىسىڭىز سىز بىر كەسىپ ئىگىسى؛ قايتا قايتا قىلغان ئىشنى ئەستايىدىل قىلالىسىڭىز سىز جاھان ئەركىسى.


ئۈچىنچى جۈملە:

گۈزەل كېلەچەك پەقەت ئۆزىگە ئىشەنگەنلەرگە مەنسۇپ ،پۇرسەت تىرىشىپ ئىزدىگۈچىلەرگە ئۇچىرايدۇ، مۆجىزە پەقەت ۋاز كەچمەيدىغانلارغا ئۇچىرايدۇ.

قىلىشنى خالىمىغانلار ھە دېسىلا باھانە ئىزدەيدۇ ؛ قىلىش نىيتى بارلار ھە دېسىلا ئامال ئىزدەيدۇ.

دوستۇم دېگەنگىلا دوست بولۇپ قالمايدۇ ، كۈندە بىللە ئوينايدىغانلارنىڭ ھەقىقى دوست بولۇشى ناتايىن ، ئۈچ ۋاق تاماقنى بىللە يەيدىغانلەر مەڭگۈ دوست بولىشى ناتايىن.


ئادەم ھاياتىدا تۆۋەندىكىدەك 4 خىل دوستنى تۇتىشى كېرەك

1،سىزگە ھەۋەس قىلىدىغان دوست . سىز ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىرغاندىمۇ سىزگە ھەۋەس قىلىدىغان بىرسى بولسا كۆڭلىڭىز تەسەللى تاپىدۇ.


2، ئاكتىپ ئىنىرگىيەلىك دوست . سىز چۈشكۈنلىشىپ كەيپىياتىڭىز ناچار بولغان ۋاقىتلاردا بۇنداق دوستىڭىزنىڭ ئىككى ئېغىز گېپى سىزگە دورا بولىدۇ.


3، يول باشلىيالايدىغان دوست . سىز خاتا يولغا مېڭىپ قالغان ۋاقتىڭىزدا بۇنداق دوستىڭىز سىزنى توغرا يولغا باشلىيالايدۇ.


4، سىزنى نازارەت قىلالايدىغان دوست . بۇنداق دوستىڭىز ھەر ۋاقىت سىزنى نازارەت قىلىپ ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ

【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读530
粉丝0
内容662