
ر سالونى
خىزمىتى يوق ئايال
بىر ئەر پىسخىكا مۇتەخەسسىسى بىلەن پاراڭلىشىپ قاپتۇ:
مۇتەخەسسىس: سىز قانداق خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىسىز، ئەپەندىم؟
ئەر: مەن بانكىدا بوغالتىر.
مۇتەخەسسىس: ئايالىڭىزچۇ؟
ئەر: ئۇنىڭ خىزمىتى يوق، پەقەت بىر ئائىلە ئايالى.
مۇتەخەسسىس: ئەتىگەندە كىم ناشتىلىق تەييارلايدۇ؟
ئەر: ئايالىم. چۈنكى ئۇنىڭ خىزمىتى يوق.
مۇتەخەسسىس: ئايالىڭىز قاچان ئويغىنىپ سىزگە ناشتىلىق تەييارلايدۇ؟
ئەر: ئەتىگەن سائەت 5 ئەتراپىدا، چۈنكى ئۇ ئۆينى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ناشتىلىق تەييارلايدۇ.
مۇتەخەسسىس: بالىڭىز مەكتەپكە قانداق بارىدۇ؟
ئەر: ئايالىم ئۇلارنى مەكتەپكە ئاپىرىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ خىزمىتى يوق.
مۇتەخەسسىس: بالىڭىزنى مەكتەپكە ئاپىرىپ بولغاندىن كېيىن ئۇ يەنە نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟
ئەر: ئۇ كۆكتات بازىرىغا بېرىپ كۆكتات سېتىۋالىدۇ، ئاندىن ئۆيگە قايتىپ تاماق ئېتىدۇ، كىر يۇيىدۇ. بىلىسىز، ئۇنىڭ خىزمىتى يوق.
مۇتەخەسسىس: سىز كەچتە ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن قانداق قىلىسىز؟
ئەر:ئارام ئالىمەن، چۈنكى مەن ئىشلەپ بەك ھېرىپ كېتىمەن.
مۇتەخەسسىس: بۇ ۋاقىتتا ئايالىڭىز نېمە ئىش قىلىدۇ؟
ئۇ ئۆيدىكىلەرگە تاماق ئېتىدۇ، بالىغا تاماق يېگۈزىدۇ، قاچا-قۇچىلارنى يۇيىدۇ، ئۆيلەرنى تازىلاپ ئاندىن بالىنى ئۇخلىتىدۇ.
بىر ئايال سەھەردىن باشلاپ تاڭ كېچىگىچە ئالدىراش ئۆتىدۇ، سىز بۇنى «خىزمىتى يوق» دەمسىز؟
ئائىلە ئايالىنىڭ كېنىشكىسى يوق، لېكىن ئۇلار بىر ئائىلىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ئايالىڭىزغا رەھمەت ئېيتىڭ. ئۇ نۇرغۇن ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ ئائىلەڭلار ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىدۇ. ئەر بولغۇچى چوقۇم ياخشى ئويلىنشى كېرەك.
بەزىلەر ئۇنىڭدىن سورايدۇ: سىز خىزمەتچى ئايالمۇ ياكى ئائىلە ئايالىمۇ؟
ئۇ جاۋاب بېرىپ: مەن بىر پۈتۈن كۈنلۈك ئايال.
مېنىڭ خىزمىتىم كۈندە 24 سائەت.
مەن بىر ئانا
.

.
مەن بىر ئايال
مەن بىر بالا.
مەن قوڭغۇراقلىق سائەت.
مەن بىر ئايال مالاي.
مەن بىر ئوقۇتقۇچى،
مەن بىر كېنزەك
مەن بىر بالا باققۇچى.
مەن بىر سېستىرا
مەن بىر مەسلىھەتچى
مېنىڭ دەم ئېلىشىم يوق
كېسەل رۇخسىتىم يوق.
يىللىق دەپ ئېلىشىم يوق.
مەن ھەرۋاقىت خىزمەتكە تەييار تۇرىمەن.
ئاندىن مەن شۇ « كۈن بويى نېمە ئىش قىلدىڭ» دېگەن گەپكە ئېرىشىمەن.
بارلىق ئاياللارغا تەقدىم.
ئاياللار تاماق ئۈستىلىدىكى «تۇز»، نۇرغۇن ئادەملەر ئۇنىڭ مۇھىملىقىنى بىلمەيدۇ، لېكىن ئۇ كەم بولسا تۇرمۇش ئەسلى تەمىنى يوقىتىدۇ




