
بۈگۈنكى مەزمۇنلارھورداپ داۋالاش ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ئەنئەنىۋى داۋالاش ئۇسۇللىرىدىن بىرى بۇلۇپ مۇناسىۋەتلىك دورا سۇيۇقلۇقلىرىنى مەخسۇس قازان ياكى مەخسۇس ئۈسكىنە ئارقىلىق قاينىتىپ چىقان ھورىنى مەخسۇس ھور ساندۇقى ئىچىگە يەتكۈزۈپ بىمارنىڭ تېرە تەر تۈشۈكچىلىرى بىلەن بەدەنگە تەسىر قىلدۇرۇپ كىسەل داۋالايدىغان داۋالاش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت. ئائىلىدە ئاددىي ھورداق قىلىش ئۇسۇلى: مۇناسىۋەتلىك دورىلارنى قازاندا قايناتقاندىن كىيىن چوڭ داسقا تۆكۈپ داس ئۈستىگە ئادەم كۈتۈرگۈدەك تاختاي قۇيۇپ ئۈستىدە ئولتۇرغاندىن كىيىن مۇۋاپىق سىليوۋ بىلەن يۆگەپ ئوتۇرسا بۇلىدۇ.
ھورداپ داۋالاشنىڭ مەقسىدى: 1. ئىسپازما بۇشۇتۇش، ئەزا، تۇقۇلمىلارنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاساس قىلىنغان. 2. نورمالسىز خىلىتلارنى تازلاش، سۈرۈپ چىقىرىش ھەم پارچىلاش مەقسەت قىلىنىدۇ. 3. مىزاج تەڭشەش مەقسىتىدە ئىشلىتىلىدۇ. 4. تۇقۇلمىدىكى قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىشنى تىزلىتىدۇ. 5. ئىششىق ياندۇرۇش، ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسەت قىلىنىدۇ. 6. ئەزالاردىكى قابىزلىق (تۇتۇش) خۇسۇسىيتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنىدۇ.
ھورداپ داۋالاشنىڭ ئالاھىدىلىكى: 1) ھورداپ داۋالاش ئارقىلىق بەدەندە تۇرۇپ قالغان چىقىرىندى ماددىلارنى تازلىغىلى بولىدۇ، بۇ ئۇسۇل بىر قەدەر ئاددىي ھەم ئەكىس تەسىرى بولماسلىقتەك ئالاھىدىلىككە ئېگە بولۇپ چىقىرىندى مادىلار جۈملىدىن بەدەندە يىغىلىپ قالغان غەيرى تەبىئىي قۇيۇق خىلىتلار پارچىلىنىپ ئۇلارنىڭ چىقىرلىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى. 2) ھوردۇتۇپ داۋالاش ئارقىلىق قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، ياللۇغ قايتۇرغىلى بولىدۇ، بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندا بەدەننىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىدىكى تەر تۈشۈكچىللىرى ئېچىپ ماددا ئالمىش ياخشىلىنىپ، ھەر قايسى تۇقۇلمىلار ۋە ئەزالاردىكى قان ئايلىنىش راۋانلىشىدۇ. 3) ھوردىتىپ داۋالاش ئارقىلىق بەدەننى قىززىتىپ روھنى جاللاندۇرغىلى بولىدۇ. بۇ ئۇسۇل بىر خىل ئۇمۇمئىي بەدەن خاراكتىرلىك داۋالاش بولۇپ بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندا بەدەن قىززىپ قول - پۇتلاردىكى ئېغىرلىق سىزىمى يوقۇلىدۇ. بەدەن راھەتلىنىپ روھ جاللىنىپ، روھى كۆتىرەڭگە بولۇپ قالىدۇ. 4) ھوردىتىپ داۋالاش ئارقىلىق ھەر قايسى ئەزالاردىكى مۇسكۇل توقۇلمىلارنى ئىلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇپ ھەر خىل ئاغرىقلارنى پەسەيتكىلى بولىدۇ. بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندا بىر تەرەپتىن ئىشلەتكەن دورىلارنىڭ بەدەنگە سۈمۈرلىشىنى تىزلەتكىلى بولسا يەنە بىر تەرەپتىن تېرە ۋە ھەر قايسى توقۇلمىلارنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرغىلى، تېرىلەرنىڭ نەملىكنى ياخشىلاپ يېرىلىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ ھەم ئاغرىق پەسەيتكىلى بولىدۇ.
ھوردۇتۇپ داۋالاشنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇسۇللىرى: چوڭ جەھەتتىن دورۇلۇق ھوردۇتۇپ داۋالاش ۋە دورىسىز ھوردۇتۇپ داۋالاش دەپ ئىككى خىل بولىدۇ.
ھوردۇتۇپ داۋالاشقا ماس كېلىدىغان كىسەللىكلەر:
ئاساسلىق تېرە كېسەللىكلىرى (قىچىشقاق، تەمرەتكە، تۈك خالتا ياللۇغى، چىيقان، دانخورەك ....)، ئاياللار كېسەللىكلىرى(ئاق خۇن كۆپ كىلىش، جىنسى يول ياللۇغى، بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى .....)، ئەرلەر كېسەللىكلىرى(مەزى بىزى ياللۇغى، ئۇرۇقدان ۋىنا تۇمۇرى ئەگرى بۈگرى كۆپۈش .....) قاراتلىقلارغا ماس كېلىدۇ.
ھوردۇتۇپ داۋالاشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: 1. كىسەللىك خاراكتىرى ۋە كىسەللىك ئورنىغا قارىتا مۇۋاپىق ئۇسۇلنى تاللاش كېرەك. 2. ۋاقىت ئۆلچىمىگە قاتتىق دېققەت قىلىش كېرەك. ھەر قېتىمدا 10 ~ 15 مىنۇتقىچە ھورداش، بىر باسقۇچ داۋالاش 14~7 كۈن بولىشى كىرەك. 3. ھورنىڭ بەك قىززىق بولۇپ كەتمەسلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك. (60 سىلسىيە گىرادۇس بولسا مۇۋاپىق) 4. يۇقۇرى قان بېسىم، يۈرەك رىتىمسىزلىق، ئېغىر يۈرەك ۋە بۆرەك زەيىپلەشكەن كىشىلەرگە قوللانماسلىق لازىم. 5. ھوردۇتۇپ داۋالاش خادىمى ياكى دوختۇر داۋالانغۇچى بىمار بىلەن بىرگە تۇرۇش، بىمارنىڭ ئىنكاسىغا قارىتا تەدبىر قوللىنىش كىرەك، ھوردا داۋالاش تۈگىگەندىن كىيىن بىمارغا مۇۋاپىق مىقداردا قايناق سۇ ئىچىرىش پايدىلىق.
مەنبە (ئەلسىھەت ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى) نى ئەسكەرتكەن ئاساستا باشقا تورلارغا كۆچۈرسىڭىز بولىدۇ.
ئاڭلىق ئۇقۇرمەن يازما يارىسا ئاستىدىكى «خو»نى بېسىۋىتىپ، يازمىنى دوسلار چەمبىرىكىگە چىقىرۋىتىپ ئاندىن ئۇخلايدۇ دە
يدۇ! راسمىدۇ؟



يدۇ! راسمىدۇ؟

