
1. كۆزىڭىز بىلەن كۆرمىگۈچە، ئېغىزىڭىز ئارقىلىق ئىسپاتلاشقا ئالدىرىماڭ.
2. بىلمەيدىغان ئىشىڭىزغا نىسبەتەن، »بىلمەيمەن« دېيىش ئەڭ ياخشى چارە.
3. باشقىلار سىزگە تاش ئاتسا، قايتۇرۇپ ئاتماي، ساقلاپ قويۇڭ، كېيىن بىنا سېلىپ قالسىڭىز، ئەسقېتىپ قالىدۇ.
4. چىدىغۇدەك بولسا چىداڭ، پەقەت چىدىيالمىسىڭىز ئۆزگەرتىڭ، ئۆزگەرتەلمىسىڭىز ئامال يوق، قوبۇل قىلىڭ.
5. ئۆزىڭىزنىڭ نۇرىنى تارقىتىڭ، لېكىن باشقىلار تارقىتىۋاتقان نۇرنى ئۆچۈرۈپ قويماڭ.
6. ناچار ئادەملەر بىلەن تەڭ بولماڭ، ناچارلار ئۆزىنىڭ خىلىنى تېپىپ تەڭلەشسۇن.
7. ئۆزىڭىزچە مەغرۇرلىنىپ كەتمەڭ، شۇنداقلا ئۆزىڭىزنى تۆۋەنمۇ كۆرۈپ كەتمەڭ.
8. ھەممە ئادەمنىڭ كىشىگە ئېيتقۇسى كەلمەيدىغان مەخپىيىتى بولىدۇ، خەقنى مەجبۇرلىماڭ.
9. كۆپىنچە ئادەملەر قىلىۋاتقان ئىشنى سىزنىڭ قىلمىغىنىڭىز، سىزنىڭ خاتالاشقانلىقىڭىزنى بىلدۈرمەيدۇ.
10. مېۋە پىشقاندىن كېيىن ئۈزۈپ يېگەنگە ئوخشاش، پىكرىڭىزنىمۇ پۇختا ئويلىنىپ ئاندىن ئىپادىلەڭ.
11. غەزەپلەنگەندە ئامال بار گەپ قىلماڭ، ئاچچىقلانغاندا قارار چىقارماڭ.
12. خاتا قىلغىنىڭىزنى ھېس قىلغىنىڭىزنىڭ ئۆزى، سىزنىڭ توغرا قىلغىنىڭىزدۇر.
13. تۇتۇرۇقسىز گەپ قىلىپ »دۆتلۈك« نى ئىسپاتلىغاندىن، جىم تۇرۇۋېلىپ »دۆت« كە ئوخشاپ قالغان جىق ئەۋزەل.
14. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ بىرتەرەپلىمە قارىشىنى »رەتلەۋاتقاندا«، ئۆزىنى تەپەككۇر قىلىۋاتىمەن دەپ ئويلاپ قالىدۇ.
15. باشقىلارنىڭ ياخشى ياكى يامان ئادەملىكىگە ھۆكۈم قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن، لېكىن ئۆزىڭىز ياخشى ئادەم بولالايسىز.

16. دۇنيادا مۇكەممەل ئادەم مەۋجۇت ئەمەس، بىرەر كەمچىلىكىڭىزنىڭ بولۇشى نورمال.
17. مالنى ياخشى تاللىمىسىڭىز ۋاقىتلىق زىيان تارتىشىڭىز مۇمكىن، لېكىن ئادەمنى توغرا تاللىمىسىڭىز بىر ئۆمۈر زىيان تارتىسىز.

18. باشقىلارنى ئالدىماڭ، سىزگە ئالدانغانلارنىڭ ھەممىسى سىزگە ئىشەنگەنلەردۇر.
19. سىزنى چۈشىنىدىغان ئادەمنىڭ سىزگە ياردەم قىلىدىغان ئادەم بولۇشى ناتايىن.
20. ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئالدىراپ كېتىش بىلىمسىزنىڭ ئىشى. باشقىلارنى ئالدىراپ ئىنكار قىلماڭ، ئىناقلىق مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ ئاساسى.
21. سىزگە زىيانكەشلىك قىلغانلار بىر بولسا سىزدىن كۈچلۈك، بىر بولسا سىزدىن ئاجىز. ئەگەر »ئۇ« سىزدىن ئاجىز بولسا، »ئۇ« نى كەچۈرۈۋېتىڭ. ئەگەر »ئۇ« سىزدىن كۈچلۈك بولسا، ئۇنداقتا ئۆزىڭىزنى كەچۈرۈۋېتىڭ.
22. ئادەم ئۆزىگە ئىشىنىشى كېرەك، لېكىن ئۆزىگە ئىشىنىش بەك چەكتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئادەم كىچىك پېئىل بولۇشى كېرەك، لېكىن بەك كىچىك پېئىللىق قىلىۋېتىپ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى يوقىتىپ قويماسلىقى كېرەك.
دوسىتلار چەمبىرىكىدىن ئېلىندى

