ائىلە پەرزەنتلەر ئۈچۈن تۇنجى مەكتەپ ھېسابلىنىدۇ . بالىلار ئائىلىدە ئاتا-ئانىسىنىڭ توغرا-ئىلمىي يىتەكلىشىگە ئىرىشەلمىسە ئۇنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە ئادىمىيلىك خىسلەتلىرىنى يىتىلدۇرىشى تۈرلۈك پىسخىكلىق توسالغۇلارغا ئۇچرايدۇ . تۆۋەندە بىز مائارىپ شۇناسلار يەكۈنلەپ چىققان ، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ قەلبىنى ئەڭ ئازابلايدىغان 10 جۈملە سۆزىنى كۆرۆپ چىقايلى . سىز بۇ سۆزلەرنىڭ قايسىنى كۆپرەك ئىشلىتىسىز؟

بىرىنچى جۈملە : « ھۇ دۆت ، كارغا كەلمەس !!»
ئىككىنچى جۈملە : « مەن ساڭا بولمايدۇ دېدىممۇ ،بولمايدۇ !»
ئۈچىنچى جۈملە : « ئىغزىڭنى يۇم ! مېنىڭ گىپىمنى ئاڭلىمايدىغانغا نېمە ھەددىڭ؟!»
تۆتىنچى جۈملە : «ئەمدى سىنىڭ بىلەن كارىم يوق ،نېمە قىلساڭ قىل !»
بەشىنچى جۈملە : « بىرەر قېتىم ئىمتىھاندا 100نۇمىر ئېىلپ باقە ،ئاندىن نېمە دېسەڭ شۇنى ئېلىپ بىرەي !»
ئالتىنچى جۈملە :« ئۇبدان قىلىپسەن ! سىنىڭ ئاخىرى مۇشۇنداق بىر ئىش چىقىرىدىغىنىڭنى بىلەتتىم زادى!!»
يەتتىنچى جۈملە :« سەن يەنە خاتا قىلدىڭ ، كاللاڭ ئىشلەمدۇ سىنىڭ ؟!»
سەككىزىنچى جۈملە :« سىنىڭدىن ھىچقانداق چوڭ ئۈمىدىم قالمىدى ،چوڭ بولساڭ ئەخلەت يىغقۇچى بولدىغاندەك قىلىسەن !؟»
توققۇزىنچى جۈملە :« سەنمۇ باشقىلارنىڭ بالىلىرىغا ئوخشاش نان يەپ تۇرۇقلۇق ، نېمىشقا ئۇلارغا يىتەلمەيسەن !؟»
ئونىنچى جۈملە :« پۇت -قولۇڭلا ئىشلىگۈچە ،كاللاڭمۇ ئاز-تولا ئىشلىگەن بولسىچۇ كاشكى!»


پەرزەنتلەرنى بىلىملىك، ئىقتىدارلىق ۋە ئەدەپ- ئەخلاقلىق قىلىپ تەربىيىلەش نۆۋەتتە كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان رىقابەت ۋە خىرىسقا تولغان دەۋردە ھەر بىر ئائىلە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك جىددىي مەسىلىگە ئايلاندى. ھەممىمىزگە مەلۇمكى، پەرزەنت تەربىيىسى مەكتەپ،ئائىلە ۋە جەمئىيەت تەربىيىسىدىن ئايرىلالمايدۇ.ھەممە تەرەپلەرنىڭ ئورتاق ماسلىشىشى نەتىجىسىدە پەرزەنتلەرنى لاياقەتلىك تەربىيىلەش نىشانى ئەمەلگە ئاشىدۇ.





