大数跨境

پۇل خەجلەش ئادىتىڭىزدىن قانداق ئادەملىكىڭىزنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ

پۇل خەجلەش ئادىتىڭىزدىن قانداق ئادەملىكىڭىزنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ dastur
2016-03-12
0
导读:نۇر تورى تەرجىمىسى: ھازىرقى ئىقتىسادىي جەمئىيەتتە، پۇ


 


نۇر تورى تەرجىمىسى: ھازىرقى ئىقتىسادىي جەمئىيەتتە، پۇل ئاشلىققا ئوخشاشلا زۆرۈر بۇيۇم. بىز دائىم «پۇل ھەممىگە قادىر ئ

ەمەس، ئەمما پۇل بولمىسا ھەرگىز بولمايدۇ» دەيمىز. تاماق يېيىش، ئاپتوبۇستا، مېترودا ئولتۇرۇش، مال سېتىۋېلىش ھەتتا ئۇخلاش ئۈچۈنمۇ پۇل بولمىسا بولمايدۇ (قىش پەسلىدىكى ئىسسىنىش پۇلى)، پۇل بولمىسا جەمئىيەتتە ياشىغىلى بولمايدۇ. ئەمما سىز پۇلنى راستىنلا چۈشىنەمسىز؟!

شەخسلەرگە نىسبەتەن، پۇلنىڭ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان رولى ھەق تۆلەشتۇر، كونكرېت ئېيتقاندا پۇلنىڭ ئىستېمال قىلىش، مەبلەغ سېلىش، ئىسراپ قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئىشلىتىلىشى بولىدۇ.

ھەممەيلەنگە مەلۇم، پۇلنى خەجلەش ئۈچۈن ئىشلىتىمىز، خەجلەش دېگەنلىكنىڭ ئۆزى ئىستېمال قىلىش دېگەنلىكتۇر. يەنى 100 يۈەن خەجلەپ 100 يۈەنلىك نەرسە سېتىۋالسىڭىز، 100 يۈەنلىك ئىشلىتىش قىممىتىگە ئىگە بولىسىز، بۇ دەل پۇلنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىدۇر. مەسىلەن بىز پۇل خەجلەپ يېمەكلىك، كىيىم- كېچەك سېتىۋالساق، بۇ ئىستېمال ھېسابلىنىدۇ.

ئەمەلىيەتتە بىر ئادەمنىڭ ئىستېمال ئۇسۇلى ۋە ئادىتى شۇ ئادەمنىڭ تۇرمۇش شەكلىگە ۋەكىللىك قىلالايدۇ. مەسىلەن، سىز پۇلنى دائىم يېمەكلىك سېتىۋېلىشقا ئىشلەتسىڭىز ئۇ ھالدا سىز ئېنىقلا بىر قورساققا ئامراق كىشى، سىز بەلكىم ئۇستا ئاشپەز بولۇشىڭىزمۇ مۇمكىن. ئەگەر ئىنچىكە كۆزىتىدىغان بولساق، بىر ئادەمنىڭ ئىستېمال ئادىتىدىن يەنە ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىيات ئەھۋالىنى قىياس قىلغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، بىر ئادەم كىتاب سېتىۋېلىش، كۇرسقا قاتنىشىشقا دائىم پۇل خەجلىسە، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ بۇنداق ئىستېمال ئادىتى ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا زور پايدا يەتكۈزىدۇ.

پۇلنىڭ ئىككىنچى رولى مەبلەغ سېلىش، يەنى خەجلىگەندىن كېيىن دەرھال پايدا ئالغىلى بولمايدۇ، ئەمما كەلگۈسىدە چوقۇم پايدا يەتكۈزىدۇ، مەسىلەن مالىيە باشقۇرۇش مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش دېگەندەك. پۇلنىڭ بۇ جەھەتتە ئىككى خىل ئالاھىدىلىكى بار:

بىرىنچى، ئىگىسى ئۈچۈن 24 سائەت خىزمەت قىلىش ئالاھىدىلىكى: پۇلدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ مەبلەغ سالغاندا، پۇل ئىگىسى ئۈچۈن 24 سائەت خىزمەت قىلىدۇ. ئۇخلىمايدۇ، ئارام ئالمايدۇ، پۇل بۇ چاغدا بىر پۇل تېپىش ماشىنىسىغا ئايلىنىدۇ.

ئىككىنچى، پۇلنىڭ دومىلىما پايدا ئالاھىدىلىكى: ئەگەر سىز مەبلەغ سېلىش قورالىغا تايىنىپ پۇل تاپماقچى بولسىڭىز، يىللىق پايدا نىسبىتى %20 بولسا، ئۇ ھالدا ئىككى يىلدىن كېيىنكى پايدا نىسبىتى %40 ئەمەس بەلكى %44 بولىدۇ، بۇنىڭ فورمىلاسى مۇنداق: (1+0.2)^2 = 1.44، بۇ دەل پۇلنىڭ دومىلىما پايدا ئالاھىدىلىكىدۇر.

پۇلنىڭ ئاخىرقى رولى «ئىسراپ قىلىش»، يەنى قانداق خەجلىگۈسى كەلسە شۇنداق خەجلەش. بۇ ھالدا دەرھال پايدىسى كۆرۈلمەيدۇ، كەلگۈسىدىمۇ قىممەت يارىتالمايدۇ. مەسىلەن پۇل خەجلەپ مەست بولۇش، سېتىۋالغان كىيىمى كۆڭۈلدىكىدەك بولماي تاشلىۋېتىش دېگەندەك.



【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读0
粉丝0
内容662