
ئاغرىپ قالغاندا بىرسى ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالسا مانا بۇ بەخت
بەخت سىزنىڭ ياخشى يەپ، ياخشى كىيىشىڭىزگە ئەمەس، بەلكى ساق - سالامەت، ئامان ئېسەن ياشىشىڭىزغا باغلىق
توڭلىغاندا بىرسى باغرىغا باسسا مۇشۇنىڭ ئۆزى بەخت
ھېرىپ - چارچىغاندا بىرسى سىزگە كۆيۈنسە مۇشۇ بەخت
بەخت سىزنىڭ ئېسىل ماشنا ھەيدىگىنىڭىز بىلەن ئەمەس، بەلكى ماشىنا ھەيدەپ چىقىپ كېتىپ ئۆيگە ساق - سالامەت قايتىپ كەلگىنىڭىز بىلەن ئۆلچىنىدۇ
يىغلىغاندا بىرسى تەسەللى بەرسە بۇ بەخت
پۇلىڭىزنىڭ قانچىلىك كۆپ بولۇشى بەخت ئەمەس، بەلكى ھەر كۈنى ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئىشنى قىلالىسىڭىز بەختلىك بولغان بولىسىز
قېرىغاندا بىرسى ھەمراھ بولسا بۇنىڭ ئۆزى بەخت
خاتالاشقاندا بىرسى سىزنى كەچۈرسە مۇشۇنىڭ ئۆزى بەخت
بەخت سىزنىڭ ياخشى يەپ، ياخشى كىيىشىڭىزگە ئەمەس، بەلكى ساق - سالامەت، ئامان ئېسەن ياشىشىڭىزغا باغلىق


