大数跨境

ئۈرۈكنىڭ شىپالىق رولى ۋە يىگەندە دىققەت قىلدىغان ئىشلار

ئۈرۈكنىڭ شىپالىق رولى ۋە يىگەندە دىققەت قىلدىغان ئىشلار dastur
2018-06-28
0
导读:ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھئۆرۈك مېۋىسىنىڭ ئېتى سېرىق،

ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ

ئۆرۈك مېۋىسىنىڭ ئېتى سېرىق، يۇمشاق، يېقىملىق ھىدى دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ، تەمى چۈچۈمەل تاتلىق، شىرنىلىك بولۇپ، ياز پەسلىدىكى ئاساسلىق مېۋىلەرنىڭ بىرىدۇر. 

ئۆرۈكنى ھۆل پېتى ئىستېمال قىلىشقىمۇ، قاق قۇرۇتۇپ، بالقاق ياساپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ.

ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

ئۆرۈك تەركىبىدە ۋىتامىن A، ۋىتامىن C، ئامىگدالىن، شۇنىڭدەك كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار. 

ئۆرۈكنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش رولى بار، يەنە يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنى ئازايتىش رولى بار. دائىم ئكرۈك قېقى ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئۈچۈن مۇئەييەن دەرىجىدە پايدىسى بولىدۇ.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ئۆرۈك نەپەسلىنىش سىستېمىسىدا مەسىلە بارلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ئالاھىدە مۇۋاپىق كېلىدۇ، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار، شۇنىڭدەك ئوپېراتسىيە قىلىنغاندىن كېيىن رادىئوئاكتىپلىق داۋالاش، خىمىيىلىك داۋالاشنى قوبۇل قىلىۋاتقانلارنىڭمۇ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. 

تۇغۇتلۇق ئاياللار، كىچىك بالىلار، ئاغرىقلار، بولۇپمۇ دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئۆرۈك ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم. 

ئۆرۈك گەرچە يېيىشلىك بولسىمۇ، لېكىن زىيادە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئامىگدالىننىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش مەھسۇلاتلىرى توقۇلما ھۈجەيرىلىرىنىڭ تۇنجۇقۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا مەركىزىي نېرۋىنى تورمۇزلاپ، نەپەسلىنىشنىڭ پالەچلىنىشىنى، ھەتتا ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمما بالقاق تەييارلاش، قاق قۇرۇتۇش جەريانىدا، ئۆرۈك تەركىبىدىكى زىيانلىق ماددىلار پارغا ئايلىنىپ ياكى ئېرىپ كېتىدۇ، شۇڭا ئۆرۈك قېقىنى خاتىرجەم ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. 



  شىنجاڭ دەستۇر خەلقارا سودا چەكلىك شىركىتى.

بارماق ئىزىنى بىسىپ تۇرۇپ سالوننى قۇشۇڭ





【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读530
粉丝0
内容662