大数跨境

ئاق چاچنىڭ چىققان ئورنىغا قاراپ بەدەن ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلىش

ئاق چاچنىڭ چىققان ئورنىغا قاراپ بەدەن ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلىش dastur
2018-07-03
0
导读:ئاق چاچتىن بىر تال يۇلسا 10 تال ئۆسۈپ چىقامدۇ؟قايسى تە

ئاق چاچتىن بىر تال يۇلسا 10 تال ئۆسۈپ چىقامدۇ؟قايسى تەرەپكە ئۆسۈپ قالسا ئەڭ خەتەرلىك؟ 

1.پىشانىدىكى ئاق چاچ -خۇي پەيلى بۇزۇلۇش؛ 
پىشانە تەرەپتىكى رىفلىكىس بولسا ئادەمنىڭ مىجەز خۇلقىغا ،خۇي پەيلىگە قارىتىلىدۇ.مىجەز خۇلقىنى ئوڭشاش ياكى كەيپىياتىنى ياخشى تۇتۇش باشنىڭ ئالدى تەرەپتىكى ئاق چاچلارنى يوقىتىشقا چوڭ ياردىمى بار.مىجەز خۇلقى ياخشى ئەمەس كىشىلەردە دائىم قورساق كۆپۈش،قورساق ئاغرىش،ئىغىز لاۋزىلىشىپ، ئۇسسىماسلىق،قول پۇتى ئىسسىماسلىق ،چوڭ كىچىك تەرىتى نورمال بولماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر جىق كۆرىلىدۇ.

يەنە بەزى كىشىلەردە كۆرىلىدىغان ئىغىز پۇراش،ئىشتىھاسى يۇقىرى بولۇش ،قول پۇتى ئىششىپ قىلىش ،سوغۇقتىن قورقىدىغان ،ئىسسىققا ئامراق بولىدىغان ،كىچىك تەرىتى نورمال بولماسلىق ئەھۋاللىرىنىڭ ھەممىسى تۇراقسىز كەيپىياتنىڭ ئالامەتلىرى. 
تاقابىل تۇرۇش:مىجەزى تۇراقسىز كىشىلەر ھەر ئۈچ بەش كۈندە بىر قىتىم زەنجىۋىل ئومۇچى قىلىپ ئىچىپ بىرىش كېرەك.كىتىدىغان ماتىرياللار ئاددى بولۇپ،يىڭى زەنجىۋىلدىن 3 گىرام،يىپىشمايدىغان گۈرۈچتىن 60 گىرام، قايناتقان ۋاقتىمىزدا ،زەنجىۋىل بىلەن گۈرۈچنى بىرلا ۋاقىتتا قازانغا سىلىش كىرەك.ئەتىگەن ۋە كەچلىك تاماقتا قىززىقىدا بىر ئىككى پىيالە ئىچىپ بەرسە بولىدۇ،ئىچكەندە ئۆزىنىڭ تەم سىزىمىغا ئاساسەن ئازىراق تۇز قوشىۋەتسىمۇ بولىدۇ.زەنجىۋىلنىڭ تەرنى چىقىرىپ تاشلاش ،ئاشقازاننى ئىسسىق ساقلاپ ئاغرىقنى توختۇتۇش،مىكروپلارنى ئۆلتۈرۈش رولى بار،ھەم ئۇنىڭ ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش ۋە ئاشقازان يارىسىنى داۋالاش رولى بار

2.ئىككى چىكە ئاقىرىپ كىتىش-تىرىككەكلىك ئەۋىج ئىلىش؛ 
ئىككى چىكە ئاقىرىشتىكى ئىچكى ئەزالارنىڭ رىفلىكىس رايونى بولسا غەيرەت، چىن كۆڭۈل،غەيرىتى ئىشىپ تۇرىدىغان ئادەملەرنىڭ مىجەزى چۇس،تىز ئاچچىغى كېلىدىغان بولىدۇ.كۆپ ھاللاردا ئاغزى قۇرۇش، ئاغزى ئاچچىق بولۇش،تىلى قۇرۇش،كۆزى ئىچىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەر كۆرىلىدۇ،ئاسان ھاياجانلىنىدىغان كىشىلەر مىىجەزى ئاسان يىرىم بولىدۇ. 

تاقابىل تۇرۇش: بۇ خىل ئەھۋالدا بىمار سۈيۈق سەلەڭ تاماقلارنى كۆپىرەك ئىستىمال قىلىش كىرەك.يەنى سەككىز خۇرۇچلۇق ئوماچ،نىلۇپەر ئۇرۇقى ئومۇچى،نىلۇپەر ئۇرۇقى ئاق مور ئومۇچى، نىلۇپەر ئۆزىكى ئومۇچى،ئەتتىرگۈل چىيى،دولانە چىيى،قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلسىمۇ بولىدۇ.ئىغىز قۇرۇش ئىغىر كىشىلەر نىلۇپەر ئۆزىكى ۋە ئاچچىق كاۋىنى جىق ئىستىمال قىلىش كىرەك،دورا ئورنىغا جىگەر كۇمۇلىچىنى ئىستىمال قىلسا جىگەرگە پايدىسى بار. ئەلۋەتتە كەيپىياتى ياخشى بولماسلىقمۇ ئاچچىقى كىلىشنىڭ بىردىنبىر تۈپ سەۋەبى. شۇڭا بۇخىل ئاق چاچلىقلار چوقۇم ئۆزىدە ئەركىن ئازادە ياخشى كەيپىياتنى ساقلاپ ،تۇرمۇشىدا قىزىقارلىق بولغان مەدىنىيەتلىك پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇنلىنىشى كىرەك.

3.ئارقا مىڭە تەرىپىدە ئاق چاچ بولۇش-بۆرەك قۇۋۋىتى يىتىشمەسلىك؛ 
ئارقا مىڭىنىڭ رىفلىكىس رايونى بولسا سۈيدۈك يولى .سۈيدۈك يولى ئاجىز بىمارلاردا پات پات سىيىدىغان ،قالدۇق سۈيدۈك قىلىش ياكى سۈيدۈك تۇتالماسلىق ،كىچىك تەرىتى راۋان بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار كۆپىرەك كۆرىلىدۇ.دوۋساقنىڭ ئاساسلىق رولى سۈيدۈك ساقلاش ۋە سۈيدۈك ئاجىرتىپ چىقىرىشتىن ئىبارەت.شۇڭا بۇنداق كىشىلەر سۈيدۈكىنى ساقلىيالمايدۇ.دوۋساقنىڭ سۈيدۈك ئاجىرتىپ چىقىرىش رولى بىلەن بۆرەكنىڭ كۈچلۈك ئاجىز بولۇشى ناھايتى زىچ مۇناسىۋەتلىك. تاقابىل تۇرۇش:بورەك ئوزۇقلىقىغا قىز ئوغۇللار ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا مۇئامىلە قىلىش كىرەك.ئوغۇللار،ھايۋاناتلارنىڭ بۆرىكىنى ،ئىت گۆشىنى، قوي گۆشىنى، بۇغا گۆشىنى،قۇچقاچ،يىلان بىلىق،راك، خوراز،ياڭاق،قاتارلىقلارنى،قىزلار قۇرۇق سەدەپ ،ئولۇن، كاشتان، ئالقات،قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلىش كىرەك.ئۈستىدە دىيىلگەن يىمەكلىكلەرنى بولسا قىز ئوغۇل بىمارلار ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا قاراپ ئىستىمال قىلسا بولىدۇ. قانداق ئوزۇقلانغاندا ئاق چاچنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟ قەدىمكىلەر چاچ قان بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغان، دىمەكچى بولغىنى چاچنىڭ ئۆسىشى ۋە چۈشىشى،نەم ياكى قۇرغاقلىقى بولسا بۆرەك ئىقتىدارى بىلەن جىگەر قان سىستىمىسىنىڭ ئوزۇقلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك .گۈرۈچ تامىقىنى ئاز يەيدىغان ياكى يىمەيدىغان كىشىلەر ئاشقازاننى ئاسان ئاغىرتىۋالىدۇ،يەنە كىلىپ بۇنىڭ جىگەرگىمۇ تەسىرى بار . ئادەمنىڭ ياش ۋاقتى بولسا جىگەر قۇۋۋىتى ئىشىپ تۇرغان ۋاقىت بولغاچغا شۇڭا چاچ تىز ھەم پاقىراق ئۆسىدۇ.ياشنىڭ چوڭىشىغا ئەگىشىپ چاچ ،ھەم ئاقىرىپ ھەم قۇرغاقلىشىشقا باشلايدۇ.بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئاشقازاننىڭ ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تەمىنلىشى يىتىشمەسلىكتىن كىلىپ چىققان . شۇڭا كۆپ مىقداردا كىراخمال، كەمپۈت،ئاقسىل،ۋە ھەرخىل ۋىتامىنلار،بار يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىپ بىرىش كىرەك. بۇلار ھەممىسى چاچنى قارا ھەم پاقىراق قىلىپ ساقلاپ قىلىشتا مۇھىم بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلىرى.ئوتتۇر ياشلاردىكى كىشىلەردە گۆشنى ئىستىمال قىلىش ياخشى بولماسلىقتىن ،چاچ بالدۇر ئاقىرىپ كىتىش ھادىسىسى كۆرىلىدۇ. چاچ ئاقىرىشنىڭ ئالدىنى ئىلش ئۈچۈن ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەر گۈرۈچ ،پۇرچاق،قىزىل پۇرچاق،كۈنجۈت،ياڭاق قاتارلىق يىمەكلىكلەرنى،يەنە ،توخو گۆشى،كالا گۆشى،دىڭىز مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنىمۇ ئىستىمال قىلسا بولىدۇ،بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەرنىڭ چىچىنى ئاسراشتا سەۋزە ،پالەك،موگۇ ،قارا مور قاتارلىقلارمۇ پايدىسى بار. ئاق چاچ يۇلغانسىرى كۆپىيەمدۇ؟بىرنى يۇلسا ئونى ئۈنۈپ چىقامدۇ؟ 

ئاق چاچ ئۈنۈپ چىقىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا ھۈجەيرىنىڭ قارا ئىلىمنىت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى توۋەنلەشتىن كىلىپ چىققان،شۇڭا ئاق چاچ يۇلغانسىىرى كۆپىيىدۇ،بىرنى يۇلسا ئونى ئۈنۈپ چىقىدۇ دىگەن گەپنىڭ پەننىې ئاساسى يوق.لىكىن ئاق چاچنى يۇلغاندا باش تىرە ياللۇغىغا ئاسان گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ،شۇنداقلا بىر تۈك خالتىسىدىن بىر قانچە چاچلار ئۈنۈپ چىقىدۇ،ئەگەر چاچنى مەجبۇرى يۇلىۋەتكەندە ،باشقا ساغلام چاچلارنىڭ ئۆسىشىگە تەسىر يىتىپ،چاچ چۈشۈش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.شۇڭا ئاق چاچنى يۇلىۋەتمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىمىز.ئەگەر بىشىڭىزدا ئاق چاچنىڭ تۇرىشىنى قوبۇل قىلالمىسىڭىز،ئاق چاچنى كىسىپ ئىلىۋەتسىڭىز بولىدۇ.

كۆرىدىغاننى كۆرىۋېلىپ چىقىپ كەتمەكچىمۇ؟ سالونىمىزنى قوشىۋېلىپ چىقىپ كېتىڭ ،ماقىما




【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读530
粉丝0
内容662