

بۆرەك كېسىلى «سۈكۈتتىكى قاتىل» دەپ ئاتىلىدۇ، بۆرەك زىيانغا ئۇچرىسىمۇ خېلى ۋاقىتقىچە سىزدە ھېچقانداق تۇيغۇ بولمايدۇ. سىز ھەمىشە خەۋەرلەردە كۆرىسىز، بەزىلەر تاماق يېگۈسى كەلمەسلىك، قان ئازلىق ياكى چارچاش سەۋەبىدىن دوختۇرغا كۆرۈنگەندە، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى بولۇپ چىققان.

بۇ يامان ئادەتلەرنىڭ نەچچىسى سىزدە بار؟
بىرىنچى، بەك كۆپ ئىچىملىك ئىچىش

سوغۇق ئىچىملىكلەرنى بەك كۆپ ئىچىۋىتىش بىۋاستە بۆرەككە زىيان قىلىدۇ.
ئادەم بەدىنىنىڭ كىسلاتا ئىشقارلىق دەرىجىسى 7.35 بولىدۇ، بۇ خىل سوغۇق ئىچىملىكلەر ئادەتتە كىسلاتالىقى يۇقىرى بولىدۇ، ئىچكەندىن كېيىن بۆرەكنىڭ كىسلاتالىقىنى ئاشۇرۇۋىتىدۇ.

ئىككىنچى: داۋاملىق سۈيدۈك قىستاش
سۈيدۈك دوۋساقتا بەك ئۇزۇن تۇرۇپ كەتسە ئاسانلا مىكروبلىنىپ قالىدۇ، مىكروب سۈيدۈك نەيچىسىنى بويلاپ بۆرەككە كىرىپ سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش ۋە بۆرەك ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۈچىنچى، ھەددىدىن زىيادە توق يېيىش
ھازىرقى ئادەملەر تولا ئولتۇرۇشقا بارىدۇ، ھەمىشە كۆپ يەۋالىدۇ، ئاخىرىدا كېرەكسىز كىسلاتا قاتارلىقلارغا ئايلىنىپ كېتىدۇ.

تۆتىنچى، سۇنى بەك ئاز ئىچىش
ئۇزۇن مەزگىل سۇ ئىچمىگەندە، سۈيدۈك مىقدارى ئازلاپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سۈيدۈكتىكى كېرەكسىز ماددىلار ۋە زەھەر مىقدارىنىڭ قويۇقلىقى ئېشىپ كېتىدۇ.

بەشىنچى، بەك يۇمشاق بولكا يېيىش
بولكا ۋە تورت تەركىبىدە بىر قوشۇمچە ماتىرىيال مەخسۇس يۇمشاق ۋە ئېلاستىلىكىلىققا ئىگە قىلىدۇ. بۇ قوشۇمچە ماتىرىيال كۆپ ئىستىمال قىلىنغاندا نېرۋا، قان ۋە بۆرەككە زىيان يەتكۈزىدۇ.

ئالتىنچى، ھاراقتىن كېيىن قېنىق چاي ئىچىش
چاي تەركىبىدىكى چاي ئىشقارى سۈيدۈككە پايدىلىق، لېكىن بۇ ۋاقىتتا ئىسپىرت تېخى پارچىلىنىپ بولالمىغان بولۇپ، بۆرەكنى كۆپ مىقداردىكى ئالكوگولنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۆرەك زەخىم يەيدۇ.

يەتتىنچى، بەك تۇزلۇق نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىش
بەك تۇزلۇك نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلغاندا قان بېسىمى يۇقىرىلاپ كېتىدۇ، بۆرەكتىكى قان نورمال بېسىمنى ساقلىيالمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن بۆرەك كېسەللىكلىرى كېلىپ چىقىدۇ.


原

