大数跨境

قىسقا ئەمما ئىنتايىن تەسىرلىك مىكرو ھېكايىلەر

قىسقا ئەمما ئىنتايىن تەسىرلىك مىكرو ھېكايىلەر dastur
2018-06-26
5
导读:ئەگەر ھاياتلىقنى بەش خىل تەملىك بوتۇلكىغا ئوخشاتساق، ئ

ئەگەر ھاياتلىقنى بەش خىل تەملىك بوتۇلكىغا ئوخشاتساق، ئۇنداقتا قېرىنداشلىق ئەڭ تاتلىقتۇر؛ ئەگەر ھاياتلىقنى بىر پارچە رەسىمگە ئوخشاتساق، ئۇنداقتا قېرىنداشلىق ئەڭ پارلاق بىر سىزىقتۇر.

تۆۋەندە كۆپچىلىككە ئالاھىدە قىسقا 12 ھېكايىنى سۆزلەپ بەرمەكچى. ھەربىرەيلەننىڭ يۈرىكىدە بىر ئاجىز بۇلۇڭ بولىدۇ، ئۇ يەردە مەڭگۈ يېنىپ تۇرىدىغان چىراغ بار، ئۇ بولسىمۇ «ئائىلە».

1. بىر كۈنى، ئانىغا مۇناسىۋەتلىك پارچىنى كۆرگەن ئوغۇل تەسىرلەنگەنلىكىدىن ئۆيىگە تېلېفون قىلىپ، تۇنجى قېتىم ئاپىسىغا سىزنى سۆيىمەن دېدى. ئانا بولسا، كۈلۈپ تۇرۇپ، دېگىنە، نېمە ئالىسەن، نەچچە پۇل لازىم؟ دېدى. بالا بولسا، ھېچنېمە ئالمايمەن، شۇ سىزنى سېغىندىم، دېدى. ئانا بولسا ئالدىراپ-تېنەپ، نېمە ئىش بولدى، بىرەر ئىش بولدىما؟ كاللاڭدىن ئۆتمەيدىغان ئىش بولمىسۇن جۇمۇ، دېدى. ئوغۇل قايتا-قايتا چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرىدا ئانا ئاران تەستە ئىشەندى. بالا بولسا تېلېفوننى قويىۋەتكەندىن كېيىن، ئىختيارسىز ئۆزىنى توختتىالماي يىغلاپ كەتتى...

2. شۇ كۈنى مەن بىر كىچىك قىزچاقنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلدىم، ئۇ ھاياجانلانغانلىقىدىن مېنى دادا دەپ چاقىرىپ، ئاپام بىلەن ئىككىمىز سېنى بەك سېغىندۇق، قاچان كېلىسەن؟ دەپ سورىدى. مەن ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىپ، ناھايىتى تېزلا بارىمەن قىزىم، دېدىم. ئەمدىكى بىر قانچە كۈندە، ئۇ توختىماستىن تېلېفون قىلىپ، مېنى قايتىپ كېلىشكە دەۋەت قىلدى. مەنمۇ ئامالسىزلىقتىن خاتا ئۇرۇپ قاپسىز، دەپ قويۇۋەتتىم. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ قايتا تېلېفون قىلمىدى. كېيىن مەن ئۇنىڭغا تېلېفون قىلغاندا، ئۇنىڭ ئاپىسى ماڭا ئۇ ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، دوختۇرخانىدا قازا قىلدى، دېدى...

3. تېلېفوندا: «The number you have dialed is not in service. Please check the number and dial it again (ياخشىمۇسىز، سىز ئۇرغان نومۇر توختىتىۋېتىلگەن، جەزىملەشتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن قايتا ئۇرۇڭ).

تېلېفون سىرتىدا: «بالام، سەن نېمىشقا ھەركۈنى ئىنگلىزچە پاراڭ سالىسەن، مەن يا بىلمىسىەم، بىراق سېنى سېغىندىم...»

4. ئۇ يۇرتىدىن ئايرىلىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ، يالغۇز بالىسىنى بوۋىسىغا تاپشۇردى. بالا كۈندە كەپسىزلىك قىلىپ، دائىم دېگۈدەك قوشنا تامدىكى قىز بىلەن ئۇرۇشۇپ تۇردى. ئۇ بالىنىڭ يامان ئۆگىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، چاغاندا ئۆيىگە قايتقاندا: «ئەمدى سوقۇشساڭ بولمايدۇ، مەن بىلەن بېرىپ كەچۈرۈم سورا»، دېدى. بالا بولسا، يىغلىغىنىچە: «كىم ئۇنى مېنى يالغانچى دەپ تىللىسۇن دەپتۇ»، دېدى. قوشنا تامدىكى قىزنى كۆرگەن بالا دەرھال ئاپىسىنىڭ قولىنى چىڭڭىدە تۇتۇپ، پەخىرلەنگىنىچە: «كۆردۈڭمۇ، سېنى ئالدىمىغاندىمەن، مېنىڭمۇ ئاپام بار».

5. ئوغۇل: «ياخشى نەرسە يەيمەن».

ئاتا-ئانا: «بولىدۇ، بولىدۇ، بولىدۇ، ئالايلى، جىقراق يە».

ئوغۇل: «مەن كىيىم ئالىمەن»

ئاتا-ئانا: «بولىدۇ، بولىدۇ، بولىدۇ، ئالايلى، قېلىنراق كىيىنگىن».

ئوغۇل: «مەن توي قىلىمەن».

ئاتا-ئانا يېرىم ئۆمرىدىن كۆپرەك تۇرغان ئۆيىگە قاراپ، يەنە بىردە ئوغلىغا بىر قارىۋېتىپ، كۈلۈمسىرىگىنىچە: «... ماقۇل، ئۆي ئالايلى»، دېدى.

بىر قانچە يىلدىن كېيىن، ئوغۇل قەبرە ئالدىدا ئېسەدىگىنىچە: «مەن سىلەرگە ئېھتىياجلىق»، دېدى. بىراق بۇ قېتىم ھېچقانداق سادا كەلمىدى.

6. ئۇ سىرتلارغا چىقىپ ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولدى، ماڭار چېغىدا، ئانا: «بالام، ئۆيگە قايتىش يولىنى ئۇنتۇپ قالما» دېدى. ئۇ ناتونۇش شەھەرگە كېلىپ، قالتىس مەبلەغ سېلىش نەزىرى بىلەن تۇنجى قەدەمدە مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. شۇنىڭدىن كېيىن تىجارىتى روناق تېپىپ، نامى يىراق-يىراقلارغا تارالدى. چاغاندا ئانا ئوغلىنى چاقىرىپ تاماق يېيىشنى ئېيتتى، بىراق ئۇ ھەمىشە ئالدىراش دەپ بارمىدى. بىر قېتىم ئۇنىڭ تىجارىتى مەغلۇپ بولۇپ، ۋەيران بولغاندا، ئامالسىزلىقتىن ئۆيىگە قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر بولدى. بۇ ۋاقىتتا ئانا پەقەت: «ئۆيگە قايتىدىغان يولنى ئۇنتۇپ قالمىساڭلا بولدى»، دېدى.

7. ئۇ دارىلئېتامدا چوڭ بولدى، ئىلگىرى نەچچە قېتىم بىر قانچە ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر ئۇنى بېقىۋالماقچى بولسىمۇ، بىراق ئۇ جاھىللىق بىلەن رەت قىلدى. ھازىر 24 ياشقا كىرگەن ئۇ چوڭ بىر شەھەردە يالغۇز خىزمەت قىلىپ، يالغۇز تۇرمۇش كەچۈرۈپ، باشقا ئادەتتىكى قىزلاردەكلا تۇرىدۇ. ئۇ يەنە «ماما» (麻麻) ئىسىملىك مۈشۈكنى بېقىۋالدى، ئۇ مۈشۈكنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، گەرچە بىر قانچە قېتىم ئېھتىياتسىزلىقتىن «ماما» (妈妈) دەپ چاقىرىپ سالغاندا، ئىختىيارسىزلا كۆز ياشلىرىنى توختىتالماي قالىدۇ.

8. بەش ياش: «ئاپا، قورىغان گۆش يېگۈم بار».

«ماقۇل، قىپ بېرەي».

15 ياش: «ئاپا، كۈندە گۆش قورىۋەرمىگىن، باشقىچە بىر نەرسە يەيلى»

«ماقۇل، باشقا كۆكتات ئالاي».

35: «بالام، قاچان قايتىپ بىر ۋاق تاماق يەيسەن، ساڭا گۆش قورۇپ بېرىمەن»

«بولمايدۇ، يېقىندا بەك ئالدىراش»

50 ياش: «ئاپا بۈگۈن ئۆينىڭ ئالدىدىن ئۆتكەن، ساڭا قورىغان گۆش ئاپىراي»

«ياق، بۈگۈن مەن ئۆيدە يوق»

70 ياش: «ئاپا، قورىغان گۆش يېگۈم كېلىۋاتىدۇ».

بىراق ئۇ يەردىن ئاللىبۇرۇنلا ئانىنىڭ ئاۋازى ئۆچكەنىدى.

9. ئۇ دادام بىلەن بىللە چوڭ بولغان. ئۇ دائىم: «نېمىشقا بالاڭغا بىر ئۆگەي ئاپا تاپمايسەن؟»، دەپ سورايدۇ. بۇ چاغدا دادام: «بۇ ئۆمرۈمدە پەقەت ئۇنىڭ ئاپىسىنىلا سۆيىمەن» دەيدۇ. كېيىن ئۇ چوڭ بولۇپ ئۆي-ئوچاقلىق بولدى. دادا توي قىلىمەن دېگەندە، ئۇ غەزەپ بىلەن ئاشۇ ئايالنى بىر تەستەك سېلىپ، دادىسىنى ئالدامچى دېدى. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن، دادا ئەزەلدىن بۇ ئىشنى قايتا تىلغا ئېلىپ باقمىدى. شۇنچە ئۇزۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن دادا ئالەمدىن ئۆتتى، ئۇ نەرسە-كېرەكلەرنى يىغىشتۇرۇۋاتقاندا، توساتتىن بوۋاق ۋاقتىدىكى سۈرەتنى بايقاپ قالدى، ئۇنىڭ ئارقىسىغا ئۆچۈپ سۇسلا ئىزى قالغان «سەپدىشىمنىڭ ئوغلى، ئۆز بالامدەك كۆرىمەن!» دېگەن خەت يېزىلغانىدى.

10. بۈگۈن تاماق يەۋاتقاندا، سىز توساتتىن غۇۋالا ئۇدۇلۇمدا ئولتۇردىڭىز. كۆزلىرىم نەمدەلدى، بىراق كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئاۋاز چىقارمىدىم. ھازىر كۆپ ئىقتىدارلىق ئەقلىيفونلار مەيدانغا كەلدى، بىراق مەن سېتىۋالمىدىم، چۈنكى سىزنىڭ يانفونىڭىزمۇ يوق ئىدى. مەن ھەمىشە يېڭى دۇنياغا قارشى تۇراتتىم، خۇددى مۇشۇنداق قىلسام، 16 يىل بۇرۇنقى سىز بىلەن ئۇچرىشالايدىغاندەك قىلاتتىم. گەرچە سىز بىر پۈتۈن ئۆمرىڭىزدە مېنىڭ يېڭىچە تۇرمۇش كەچۈرۈشۈمنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن بولسىڭىزمۇ...

11. شۇ يىلى ئۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەي تۈگىشىپ كېتەيلا دېدى. بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇ ھويلىدىكى سەگەنچۈكتە يېتىپ ئارام ئېلىۋاتقاندا، ئۆزىنى خۇددى ئەللەيلىنىۋاتقاندەك ھېس قىلدى. ئانا: «ئۇ كۈلدى، ئۇ كۈلدى، ئۇ كىچىك ۋاقتىدا ئەللەي ناخشىسىنى ئاڭلىسلا ئۇخلاۋېتىپمۇ كۈلەتتى، ئويلىماپتىمەن، ھازىرمۇ شۇنداقكەن»، دېدى. دادا: «بوشىراق، بۇ بالىنىڭ كۈلمىگىنىگە خېلى بىر مەزگىللەر بولدى، توختاپ قالماڭ ھە»، دېدى.

كۆزى ئەمدىلا ئۇيقۇغا بارغان ئۇ كۆزلىرىگە ياش ئالغىنىچە، داۋاملىق كۈلۈپ: 18 يىل بولدى، مەن پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىپتىمەن، دېدى.

12. ئۇنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ئىنتايىن ياخشى، دادىسى دېھقان بولغاچقا، دائىم دېگۈدەك يالاڭئاياغ، چىغ قالپاقنى كىيىگىنىچە ئۇنى يوقلاپ كېلىدۇ-دە، دېرىزە سىرتىدا ئۇنى كۆرۈپ، ھاماقەتلەرچە كۈلۈپ كېتىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ دەرغەزەپ بىلەن: «ئەمدى كەلگۈچى بولما» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن دادا ئۈن-تىنسىز كېتىپ قالىدۇ. كېيىن، ئۇ ئالىي مەكتەپكە ئۆتىدۇ، يەنە تېخى خىزمەت بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، مەسئۇلىيەتسىزلىكى بىلەن تۈرمىگە قامالىدۇ. دادا ئۇنى يوقلىغىلى بارغاندا، ئۇچىسىغا پەقەتلا ماس كەلمەيدىغان كاستيۇم-بۇرۇلكىنى كىيىپ، دېرىزە سىرتىدا ھاماقەتلەرچە كۈلۈپ: «يۈزۈڭ تۆكۈلۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، باشقىلاردىن ئارىيەت ئالدىم»، دەيدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى دەريا كەبى ئېقىشقا باشلايدۇ.

مەنبە : نۇر تورى

【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读4.3k
粉丝0
内容662