



يالغۇز قالغاندا چوقۇم بىرسى ھەمرا بولىشى كىرەكمۇ؟
يىقىلغاندا چوقۇم بىرسى يۆلىشى كىرەكمۇ؟
يۈرەك ئاغرىغاندا چوقۇم بىرسى تەسەللى بىرىشى كىرەكمۇ؟
يىغلىغان ۋاقىتتا بىرسى يىشىمىزنى سۈرتىشى 
كىرەكمۇ،
نىم بوپتۇ يالغۇز قالغانغا !
نىم بوپتۇ ئاغرىپ قالغانغا!
نىم بوپتۇ بىرەرسى يۆلەپ قويمىغانغا !
نىم بوپتۇ يۈرەك ئاغرىغانغا !
نىم بوپتۇ !.....
نىم بوپتۇ …ھە.!
قەدىرىمىز بولمىسا ،
نىم بوپتۇ ياش تۆكۈپ ،
نىم بوپتۇ يالغۇز قالغانغا ھىچكىشىگە بىلدۈرمەي تىزپۈكمەي ماڭالىدىڭغۇ؟
ئاياقسىز قالمىدىڭغۇ؟
سۈكۈت قىل داۋاملىق سۈكۈت قىل-------
بىرسى ھەمراھ بولمىغانغا قۇياش ئۆچۈپ قالامتى،
بىرسى يۆلەپ قويمسا ئۆزىمىز تۇرالمامتۇق،
بىرسى تەسەللى بەرمىگەنگە يۈرەك ئاغرىقى ساقايماسمىدى،
بىرسى يىشىمىزنى سۈرتمىسە يىشىمىز سۈرتۈلمەي قالامۇ؟!


يالغۇز قالغاندا يۈرەك ئاغرىغاندا باشقىلاردىن تەسەللى كۈتۈش سېنى خوش قىلالىدىمۇ ------
مانا ھىچكىشى يىقىلماي ماڭغان ئەمەس ......... تەسەللىنى ئۆزەڭدىن كۈتكىن !!! سەن ئىشەنگەن دىللاردا سەن چۈشەنمىگەن سىرلار كۆپ…......


!!

