大数跨境

قەلبلەرنى يىغلاتقان بۇ كۆرۈنۈشلەر چەمبىرەكتە بەك مودا بولدى

قەلبلەرنى يىغلاتقان بۇ كۆرۈنۈشلەر چەمبىرەكتە بەك مودا بولدى dastur
2019-01-02
4





01


تاماق ۋاقتىدا ئاپىسى بالىسىنى سىناپ قاچىسىدىكى ئۇ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قىيزىنى قاچىسىغا سېلىۋالغان ئىدى، نەتىجىدە، بالىسى ھەممىنى ئاپىسىغا بۆلۈپ بەردى.




02

مەن كۆيەرمەن بالامغا، بالام كۆيەر بالىسىغا



03

يىراققا توي قىلغان قىزى ھەر قېتىم ئاپا دادىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قايتىپ كەلگەندە بوغچىسىنىڭ مەلۇم يېرىدىن قىزىل بولاقنى تېپىۋالىدۇ، ئاتا ئانسى دائىم چاندۇرماي سلېىپ قويىدۇ.



04

ئۇزۇن ۋاقىت داۋالاشنى قۇبۇل قىلغان ئۇ ئويغۇنۇپ ئايالىغا دىگەن بىرىنچى سۆزى: «يەنە پۇل بارمۇ؟».

ئۇ خوتۇن بالىلىرىنىڭ قىينىلىپ قېلىشىنى خالىمايتتى.




05

توي خېتىنى ئالغان كۈنى ئۇ يېرىم كېچىدە ئورنىدىن تۇرۇپ توي خېتىگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ توختىمىدى...



06

بالىسىنى يۈدۈۋالغان ئانا يولدىلا ئويۇن قويۇپ پۇل تاپماقتا، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياش توختىمايۋاتاتتى.




07

مومىسىدىن ئايرىلىپ ئاتا ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ماڭغان بالا يول بويى يىغلاپ توختىمىدى، مومىسى بولسا نەچچە كۈنگىچە كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ ئۆتتى.




08

بالىسىغا ئۆيدە ئىككى يىل قارىغان ئانا ئەمدى ئىشلىمىسە بولمايتتى، ئائىلە خىزمەتچىسى ئەۋەتكەن بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ ئانا چىدىيالمىدى.




09

ئاكىسىنىڭ كېلىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن قىز ئاكىسىغا ئىسىلىۋالدى، قېرىنداشلىق مىھرىگە نېمە يەتسۇن.





10

يۈرەك پارىسىنى تاشلاپ يىراقلارغا بېرىشكە قانچىلىك غەيرەت كېتىدۇ؟ ئۇ ئىشلىمىسە بولمايتتى، بۇ ئائىلىنى باقمىسا بولمايتتى، ئۇ ھەتتا ئۆرۈلۈپ بالىسىنى ئاخىرىقى قېتىم كۆرۈۋېلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى.


11

بالىسىنىڭ خاتىرجەم ئۇخلىشى ئۈچۈن ئۇ يول بويى بەدىنىنىڭ ئۇيۇشۇپ كېتىشىگە قارىماي، بىر خىل قىياپەتتىلا ئولتۇردى.




12

قىزى ياتلىق بولغان كۈنى، قىز يىگىت تىزلىنىپ ئۇلارغا قەدەھ تۇتقان شۇ پەيىتتە دادا ئۆزىنى پەقەتلا تۇتالمىدى.




13

پەللىدە يېقىلغان «پەتەك» قىز ئاخىرى يەنىلا چىمپىيون بولدى، ئۇنىڭدىكى غەيرەت بەزى چوڭلاردىمۇ يوق.




14

ئاسلانچاقنىڭ چۈشۈۋېلىشى ئۈچۈن، ئىككى ساۋاقداش مۇنداق ئەپچىل چارىنى ئويلاپ تاپتى، بولىدىغان كۆچەت مايسىدىن مەلۇم.




15

ئۇماق قىزچاق ھەر كۈنى ئامانلىق ساقلىغۇچى تاغىسىغا ئىگىلىپ تۇرۇپ سالام بېرىدۇ، تاغاشمۇ خەيىرلىك سەھەر مەلىكە دەپ ئۇنىڭ بىلەن سالاملىشىدۇ، ئەدەپ ئەخلاقلىق بولۇش ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق ئۆگۈتىلىدۇ.



16

بالا ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىكىدىن ئىتىغا بىر تال بەردى، دوستلۇق ئەنە شۇنداق باشلىنىدۇ.



17

بوۋاي موماي ئۈستەلگە چۈشۈرىۋەتكەن تۇخۇمنى ئۆزى ئېلىپ، تەخسىسىدىكى پاكىز تۇخۇمنى مومايغا بەردى، ھەممەيلەنگە مۇشۇنداق مۇھەببەت يار بولسۇن.



18

ئىنسانلار ھاياتى ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا داۋاملىشىپ ماڭىدۇ، خۇددى رەسىمدىكىدەك، ئولتۇرىدىغىنىڭىز ئوخشاشلا ھارۋا لېكىن ئوخشىمايدىغىنى نېمە؟



2018- يىلى ئاخىرلىشىدىغانغا نەچچە كۈن ۋاقىت قالدى، بۇ ھاياتىڭىزنىڭ قانچىنچى يىلى؟ يەنە قانچە يىلىڭىز قالدى؟ ۋاقىت قىممەتلىك، ھايات بىباھا! چەكلىك ھاياتىمىزنى مەنالىق ياشاش مەسئۇلىيىتىمىز بار! ھەر بىر كۈن سىز ئۈچۈن بېرىلگەن ئىنئام، ھەر بىر كۈنىڭىزنى قەدىرلەڭ، ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە مۇھەببەت بېرىڭ، يەنىمۇ مىھىرلىك بولۇڭ! ئادەم ئادەم بىلەن ئادەم!












دەستۇر           dastur             代斯图尔



【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读2.3k
粉丝0
内容662