

ئويلاپ باقسام ئىنسانغا دۇنيادا ئەڭ ئادىل تەقسىم قىلىنغان نەرسە ۋىجدان ئىكەن . چۈنكى ھەممە ئادەم پۇلۇم كەم، ئۆيۈم كەم، ماشىنام كەم دەيدىكەن ئەمما ھىچكىممۇ ۋىجدانىم كەم دېمەيدىكەن
ئېھتىمال بىر كۈنى شەھەرنىڭ قايسىدۇر بىر كوچىسىدا يانمۇ - يان ئۆتۈپ كېتىشىمىز مۇمكىن، بەلكىم قەدەملىرىمىزنى توختىتىپ كەينىمىزگە قاراپ « ئۇنى ياخشى كۆرگەنتىم ، ھە ؟ » دەپ ئويلاپ قالامىز ! مۇشۇنداق جاھان بۇ ھېچكىمنى مەڭگۈ سۆيىمەن مەڭگۈ ئايرىلمايمەن دېمىگىن! كىملەرنى تاشلاپ، كىملەرنى باشلاپ، كىملەردىن قېچىپ، كىملەرنىڭ كەينىدىن يۈرىمىز، تەغدىرىڭنى بەلگىلەشكە ئاجىزسەن !
ئېسىڭدە چىڭ ساقلا! قېيداش ۋە ئاداۋەتكە باھانە ئىزدەشنىڭ ئورنىغا، ياخشى كۆرۈش ۋە ياخشى كۆرۈلۈشكە چارە ئىزدە! رەنجىتكەن بولساڭ ئەپۇ سورا، رەنجىگەن بولساڭ ئەپۇ قىل ! چۈنكى بۇ ھايات تولىمۇ قىسقا !
مېھىر دىسەڭ قانغۇچە بېرەي، ئەمما دوستلىقىمغا ياكى كۆڭلۈمگە خىيانەت قىلما ! يۈز ئادەمنىڭ سېنى ياقتۇرۇپ قالغىنى، بىر ئادەمنىڭ سېنى ھەقىقىي چۈشەنگىنىگە يەتمەيدۇ، مەيلى ئۇ مۇھەببەت بولسۇن ياكى دوستلۇق بولسۇن ...

