大数跨境

جىگەرنى ئاسراش، قۇۋۋەتلەشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك تۆت نۇقتا

جىگەرنى ئاسراش، قۇۋۋەتلەشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك تۆت نۇقتا dastur
2018-10-15
1
导读:ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ جىگەر ئادەم بەدىنىدىكى مادد



ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ

جىگەر ئادەم بەدىنىدىكى ماددا ئالماشتۇرىدىغان ئەڭ چوڭ ئەزا، بىز يېگەن يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى جىگەرنىڭ بىرىكتۈرۈشىگە، پارچىلىشىغا موھتاج. ئەمما جىگەر ئىنتايىن ئاسان «كېسەل» بولىدىغان ئەزا، ئۇنى كۈندىلىك ئاسراش ئىنتايىن مۇھىم. تۆۋەندە جىگەرنى كۈندىلىك ئاسراشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك تۆت نۇقتىنى كۆرۈپ باقايلى:


1. مۇۋاپىق يەپ-ئىچىش. جىگەرنى ئاسراش، قۇۋۋەتلەشتە ۋېتامىن، ئاقسىل مول بىر قىسىم يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن، يېڭى مېۋە-چېۋە، سەي-كۆكتاتلارنى يېيىشكە بولىدۇ. ئەمما چوقۇم مىقدارىنى كونترول قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىش كېرەك، ئەگەر قوبۇل قىلغان ئىسسىقلىق بەك يۇقىرى بولۇپ، بەدەن سەرپ قىلىپ بولالمىسىمۇ، جىگەر كېسەللىكى پەيدا بولىدۇ.

2. سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىش. سەھەر ۋاقتى جىگەرنىڭ ئەڭ جانلىنىدىغان ۋاقتى، بۇ ۋاقىتتا ھەرىكەت قىلغاندا، جىگەر ئىقتىدارىنى ئەڭ ياخشى ھالەتكە تەڭشىگىلى بولىدۇ.

3. قەرەللىك ھەرىكەت قىلىش. چارچاش ھېس قىلغاندا كېرىلىش، مۇسكۇل-سۆڭەك ھەرىكەتلىرىنى ئىشلەش ئارقىلىق، قان ۋە قۇۋۋەتنى جانلاندۇرغىلى بولىدۇ. ئارىلاپ ۋېلىسىپىت مىنىپ بېرىشمۇ جىگەرنى ئاسراشتىكى ياخشى ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ.

4. پەللە ئۇۋۇلاش. ئوڭ-سول يوتىنىڭ سىرتىنى ھەر كۈنى 50 قېتىم يېنىك ئۇرۇپ بەرگەندە، بەدەننىڭ سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ، شۇنداقلا بۇنىڭ ھەم كەيپىيات تەڭشەش، جىددىيلىكنى پەسەيتىش قاتارلىق رولى بار.



دەستۇر

بارماق ئىزىنى بىسىپ تۇرۇپ سالوننى قۇشۇڭ




【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读530
粉丝0
内容662