大数跨境

ئادەمنى ئاسان قېرىتىۋېتىدىغان 10 خىل ناچار ئادەت

ئادەمنى ئاسان قېرىتىۋېتىدىغان 10 خىل ناچار ئادەت dastur
2018-11-24
0
导读:ئادەمنى ئاسان قېرىتىۋېتىدىغان 10 خىل ناچار ئادەتدوسلار



ئادەمنى ئاسان قېرىتىۋېتىدىغان 10 خىل ناچار ئادەت

دوسلار چەمبىركىگە چىقىرىپ قۇيۇڭ

1. ناشتا  قىلماسلىق :

 ناشتا قىلماسلىق ئاشقازان- ئۈچەيگە زىيانلىق، ئادەمنى ھارغىن قىپ قويىدۇ، ئاشقازان بىئارام بولىدۇ، باش ئاغرىيدۇ. ئۆتكە تاش چۈشۈش خەۋپى بار. قېرىشنىمۇ  تېزلىتىۋېتىدۇ.

2. ئاچ  قورساق  يۈگرەش : 

 ئاچ قوساق يۈگرەش يۈرەك ۋە جىگەرنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ. يۈرەك رېتىمسىزلىق، تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش قاتارلىق  قورقۇنچلىق ئاقىۋەتلەرنى  ئېلىپ  كېلىدۇ.

3. قاينىغان  چاي  دەملەش : 

 بەك  قايناپ كەتكەن  سۇدا چاي  دەملەش چاي  تەركىبىدىكى  ۋىتامىن نى خورىتىدۇ. شۇڭا  70~80 گىرادۇسلۇق سۇ بىلەن چاي دەملىگەن ئەڭ ياخشى، سالامەتلىككىمۇ  پايدىلىق.

4. ئۇخلاشتىن  بۇرۇن  چىش چوتكىلىماسلىق : 

 ئۇخلاشتىن بۇرۇن چىش چوتكىلىماسلىقنىڭ سالامەتلىككە زىيىنى ناھايتى چوڭ. دائىم چىش چوتكىلىمىغانلار  ئاسانلا زۇكام ۋە ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار  بولىدۇ. يەنە چىش  چۈشۈش،  چىش مىلىكى  قاناش، چىش  چىرىش  قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنى  ئېلىپ  كېلىدۇ.

ttps://mp.weixin.qq.co/s/mDlk-9GscvFx7DQzRZi0s


5. ئۇخلاشتىن بۇرۇن يۈز يۇيماسلىق:

يۇزدىكى يۇيۇلماي قالغان گىرىم بۇيۇملىرى ۋە چاڭ توزانلار يۈزنى  غىدىقلاپ تەر تۆشۈكچىلىرىنىڭ توسۇلىشىنى كەلتۈرۈپ  چىقىرىدۇ، تېرە  ساغلاملىقىغا  زىيان سالىدۇ.

6. سىرلانغان  چوكىدا  تاماق يېيىش : 

 سىر تەركىبىدە ئادەم  بەدىنىگە  زىيانلىق ماددىلار  ناھايتى كۆپ. بۇنىڭ ئىچىدىكى نىترو رادىكالى بەدەنگە سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن تەركىبىدە  خىلور  ئامىن بولغان  ماددىلار  بىلەن بىرلىشىپ  كۈچلۈك  راك قوزغاش  تەسىرى  بولغان  نىتروزامىننى  پەيدا  قىلىدۇ.

7. كانايغا بېلىق قىلتىرقى تۇرىۋالغاندىن كېيىن ئاچچىقسۇ ئىچىش:

 ئاچچىقسۇ  بېلىق قىلتىرقىنى يوقاتمايلا  قالماستىن يەنە  شىللىق پەردە يارىسى ۋە قىزىل ئۆڭگەچ سۇلۇقئىششىقىنى كەلتۈرۈپ  چىقىرىدۇ.


8. دورىلارنى پارچىلاپ ئىستىمال قىلىش: 

دورىنى  پارچىلاپ ئىستىمال  قىلغاندا  قىرلىرى قىزىل  ئۆڭگەچ، ئاشقازانغا زەخمە  يەتكۈزىدۇ.



9. يالتىراق داستىخان ئىشلىتىش: 

يالتىراق  داستىخان تەركىبىدە  زەھەرلىك  ئەركىن تەنچە  پولى  ۋىنىل خلورىد سمولىسى بولۇپ، تاماق قاچىلىرى داۋاملىق بۇنداق ماددا بىلەن ئۇچىرشىپ  تۇرسا  ئادەمنى ئاستا  خاراكتىرلىك  زەھەرلەيدۇ.

10. ھاراقتىن كېيىن قېنىق چاي ئىچىش:  

چاي تەركىبىدىكى كوففىئىن ئىسپىرت بىلەن  بىرلەشكەندىن  كېيىن  يامان  تەسىر پەيدا  قىلىدۇ. 



تارقىتىپ قويسىڭىز رەھمەت

【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读530
粉丝0
内容662