


ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ
چىلاننى يەنە خام يەۋاتامسىز؟ئۇنداق ئىسراپ قىلماڭ
تاتلىق يېمەكلىكلەر مىجەزنى ياخشىلايدۇ. چىلاننىڭ تەمى تاتلىق، قاننى ياخشىلاش رولى بار. لېكىن چىلاننىڭ يېيىش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشىمىغاسلىقىغا قاراپ، ئۈنۈمىمۇ ئوخشىمايدۇ، تۆۋەندە بىز كۆپچىلىككە چىلاننىڭ سەككىز خىل ئوخشىمىغان يېيىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمىز.

چىلاندا چاي دەملەپ ئىچسىڭىز، مىجەزنى تولۇقلاپ كاناينى ئاسرايدۇ.
چىلاننى قورۇۋالغاندىن كېيىن چاي دەملەپ ئىچسىڭىز، ئاشقازاننى سوغۇق ئېلىش، ئاشقازان ئاغرىش قاتارلىقلارنى داۋالايدۇ، ئەگەر لۇڭيەن سالسىڭىز، قاننى تولۇقلاپ مىجەزنى تەڭشەيدۇ، ئوقۇتقۇچى، مال ساتقۇچى قاتارلىق كاناينى كۆپرەك ئىشلىتىدىغانلارغا بەكرەك ماس كېلىدۇ.

چىلان بىلەن ئۇماچ قىلغاندا، يۆتەلنى توختىتىپ ئۆپكىنى نەمدەيدۇ.
ئاق موردىن يېرىم قۇلاق، چىلاندىن 10 تال، ناۋاتتىن 60 گىرام. ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تەم تەڭشىسە بولىدۇ. ئاق مورنى سۈزۈك سۇدا كۆپتۈرۈۋالىمىز، ئاندىن يىلتىزىنى ئېلىۋىتىپ، كىچىك پارچىلاپ، چىلان، ناۋاتلار بىلەن قازانغا سالىمىز، ئالتە چىنە سۇ قۇيۇپ، چوڭ ئوتتا قاينىتىمىز، ئاندىن ئوتنى كىچىكلىتىپ يېرىم سائەت قاينىتىپ ئالساق بولىدۇ.

چىلان بىلەن تۇخۇم پىشۇرساق، قان تولۇقلاپ ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
چىلانغا لۇڭيەن سېلىپ قارا شېكەر بىلەن قاينىتىمىز، چىلان ۋە لۇڭيەن يۇمشىغاندا تۇخۇمدىن بىرنى چاقىمىز؛ ئاندىن ئوتنى كىچىكلىتىپ تۇخۇمنى پىشۇرىۋالىمىز. چىلان، لۇڭيەن ۋە قارا شېكەرنىڭ قان تولۇقلاش رولى بار، پىشۇرغان تۇخۇم ناھايىتى قۇۋۋەتلىك بولىدۇ.

چىلان بىلەن شورپا قىلغاندا، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ.
چىلاننى سۇغا چىلاپ ئىچسە، جىگەرنى ئاسراپ زەھەر تازىلايدۇ.
تەتقىقاتلاردا مەلۇم بولۇشىچە، جىگەرنىڭ ئىقتىدارى ناچار كىشىلەر كۈندە چىلان سۈيى ئىچىپ ، بىر ھەپتە داۋاملاشتۇرسا، ئادەم بەدىنىدىكى گېموسىئانىننى ئاشۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق جىگەرنى ئاسراپ زەھەر قايتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدىكەن.

لېكىن دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، چىلاننى چىلاپ ئىچىشتە چوقۇم دىققەت قىلمىسا بولمايدۇ. چىلاننىڭ پوستى قېلىن بولۇپ ئاسان ھەزىم بولمايدۇ، ئەگەر پۈتۈن پېتى چىلىغاندا، ئۈنۈملۈك تەركىبلىرى پۈتۈنلەي ئېرىمەيدۇ، شۇڭلاشقا ئەڭ ياخشىسى چىلاننى كىچىك پارچىلاپ ئاندىن چىلىغان ياخشى. ئۇنىڭدىن سىرت، يېڭى چىلاننى چىلاشقا ياكى پىشۇرۇشقا ماس كەلمەيدۇ. چۈنكى يېڭى چىلاننىڭ تەركىبىدە ۋىتامىنC تەركىبى ناھايىتى مول بولۇپ، ئىسسىق سۇغا چىلىغاندا ۋىتامىنC غا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

چىلان بىلەن قېرىنقۇلاقنى بىللە پىشۇرغاندا، سەپكۈننى ئالغىلى بولىدۇ.
چىلان بىلەن قېرىنقۇلاقنى بىللە پىشۇرغاندا، سەپكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھۆسنىنى گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق روللىرى بار بولۇپ، يۈز قىسمىدىكى قارا سەپكۈنلەرنى سۇسلاشتۇرىدۇ.

چىلان بىلەن زەنجىۋىلنى بىللە چىلىغاندا، ئاشقازاننى ياخشىلاپ نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدۇ.
چىلان-زەنجىۋىل چېيىنىڭ ئاشقازاننى ئاسراش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى. چۈچۈكبۇيا، قەلەمپۇر،مۇشكى ئەنبەر قاتارلىقلارنى سوقۇپ ئازراق تۇز قوشۇپ، ھەر قېتىمدا 15-25 گىرامغىچە ئېلىپ چىلان، زەنجىۋىل بىلەن بىللە قاينىتىپ ياكى چاي دەملەپ ئىچسە قاننى ياخشىلاش، ئاشقازاننى ئاسراش، نېرۋىنى تىنىچلاندۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈمگە ئىگە.
يۈرەك سۆزىڭىزنى ئىنكاس يېزىپ قالدۇرۇپ قۇيۇڭ





dastur

