
ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ تاشلىۋەتمە، ئۆزۈڭنى تاشلىدىڭ ھەممە سىنى تاشلايدۇ، كېپىنەكنى قوغلاش ھاجەتسىز، گۈلدەك ياشساڭ كىپنەك ئۆزى كېلىدۇ ...
ئۆتكەن كۈنۈمگە پۇشايمىنىم يوق! پەقەت پۇشايمان قىلدىغىنىم ناچار ئىنسانلارنى ياخشىمىكىن دەپ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغىنىم خالاس …
ھېچكىم يۈرىكى ئاغرىمىغۇچە باشقىلارنىڭ كوڭلىنى چۈشەنمەيدۇ، قەدرىڭ يوق يەردە قەدەملىرىڭگە نىمە بار؟ بوپتۇ مەيلىگە قويىۋەت خالىغىنىنى قىلسۇن ...
يۈرەك شۇنچە ئاغرىپ تۇرسىمۇ بىر قېتىم كۈلۈمسىرەشتىن ۋاز كىچىپ باقمىدىم، بىراق كىشىلەر مىنىڭ جاپايىمغا كۆز سالماي، خاتالىقىمنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۆچرەتتە ..
باشقىلارغا يەتكۈدەك ھۆرمەت بېرىمەن، ئەمما خۇشامەت قىلىشنى ياقتۇرمايمەن، ئويلىغانلىرىمنى ئىپادىلەشكە ئىقتىدارىم يېتىدۇ، لېكىن بەزىدە يەنىلا سۈكۈتنى تاللايمەن ...
مىنىڭ باشقىلارغا ياخشى بولۇش ۋەزىپەم يوق، مىنى يامان دەيدىغانلارغا دەيدىغىنىم: كۆزۈڭ قانچىلىك بولسا كۆرىدىغىنىڭ شۇنچىلىك !

