大数跨境

سەن قانداق يولدا ماڭساڭ ساڭا شۇ يولنىڭ يولۇچىسى ئۇچرايدۇ

سەن قانداق يولدا ماڭساڭ ساڭا شۇ يولنىڭ يولۇچىسى ئۇچرايدۇ dastur
2019-06-14
1



   

1. سەن قانداق يولدا ماڭساڭ ساڭا شۇ يولنىڭ يولۇچىسى ئۇچرايدۇ.

2. سەمىمىيىتىڭ بەلكىم سىنى داڭلىق قىلالماسلىقى مۇمكىن. بىراق ھەر دۇنيالىقىڭدا يۈزۈڭنى يورۇق قىلىدۇ.


3. ئاداشقاندىن يول، بايدىن پۇل، ئىش كۆرمىگەندىن مەسلىھەت، ياخشى كۆرمىگەندىن مۇھەببەت، ھەسەتخوردىن نەسىھەت سورىما. مانا بۇ ھەقىقەت.

4. ئانىدىن تاياق يېگەن بالا يەنىلا ئانا دەپ يىغلايدۇ، مانا بۇ مۇھەببەت! دادا بالىسىنى ئەركىلىتىپ ئاسمانغا ئاتسا بالا كۈلىدۇ. چۇنكى، ئۇ داداسىنىڭ تۇتۇۋالىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، مانا بۇ ئىشەنچ!

5. كەلگەن يولۇڭنى ئۇنۇتساڭ، كېتىۋاتقان يولۇڭدا غايىب بولىسەن.

6. ئېغىزدىن كەتكەن بىر خاتا سۆز، نەپسىڭدىن كەتكەن بىر تىنىق، يۈرىكىڭدىن كەتكەن بىر خاتا مېھىرئادەمنى ئۆمۈرلۈك پۇشايماندا قالدۇرىدۇ. مانا بۇ ئىنساننىڭ ئاجىزلىقى.

7. قەلب سېنى تونۇسا كۆزگە نە ھاجەت،  قەلب قەلبنى چۈشەنسە سۆزگە نە ھاجەت.

8. ئەزەلدىن بەلگىلەنگەن قىسمەتنى زورۇقۇپ ئۆزگەرتىمەن دېيىش، قەلەمدە يازغاننى قايتۇرمەن دېيىش. قۇرۇقلۇقتا كېمە ھەيدەش دېمەكتۇر. بۇ كۆڭۈل ئۆيى ئىشەنچ نۇرىدىن يورىمىغان كىشىلەرنىڭ ئىشىدۇر.












新疆代斯图尔国际贸易有限公司


【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读530
粉丝0
内容662