



يۇمغاقسۈتنى نۇرغۇن كىشىلەر ياقتۇرۇپ يەيدۇ ،لېكىن بۇنىڭ يەنە تەم تۇلۇقلاشتىن باشقا يەنە تېرە ئاقارتىش رولى بارلىقىنى بىلمەيدۇ

ئاقارتىش
يۇمغاقسۈتنىڭ غولىدا ۋىتامىنC كۆپ بولۇپ
غولىدا يۈز يۇغاندا يۈزدىكى داغنى يوقىتىپ ئاقارتىش رولى بار .كۈن نۇرىدا كۆيگەن ،رەڭگى ئۆزگەرگەن داغلارغا ۋە دانىخورەكتىن قالغان يەزگە ،تاتۇق قاتارلىقلانى ياخشىلاش رولى بار .

ئىشلىتىش ئۇسۇلى
پاكىز يۇيۇپ غولىنى ئېلىپ قالىمىز .سۇدا 10مىنۇت قاينىتىپ ،سۇ يېشىل بولغىچە تۇرغۇزىمىز .مۇزلىغاندىن كېيىن يۈزىمىزنى يۇساق بولىدۇ ،بىر ھەپتىدە 2-3 قېتىم قىلسىڭىز بولىدۇ . تېرىڭىز يۇمشاق ئاق بولىدۇ .

بۇنىڭدىن باشقا يەنە سۈيىنى ئىچسىڭىزمۇ بولىدۇ ،يۈرەكتىكى زەھەرنى تازلاش ،ئىچىنى ياخشىلاش ،قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش رولى بار

كۆز ئەتراپى قارداش
يۇمغاقسۈتنى ئۇششاق توغراپ ،شەربىتىنى كۆزنىڭ ئەتراپىغا سۈرۈپ بەرسەك ،ئىششىق ياندۇرۇپ ،قارىنى يوقىتىدۇ ھەم قورۇقنى يوقىتىدۇ .

ئىشلىتىش ئۇسۇلى
يومغاقسۈتنى ئۇششاق چاناپ ،ئازراق ئىسسىق سۇ قۇيۇپ ،سۈيى چىققاندىن كېيىن گىرىم پاختىسىنىڭ ئۈستىگە قۇيىمىز .

ئاستا كۆزنىڭ ئاستىغا قۇيۇپ10 مىنۇت بېسىپ تۇرساقلا بولىدۇ ،ئۇزۇن مەزگىل تۈنەيدىغانلار ،ئۇيقۇ يىتىشمەسلىكتىن كۆز ئەتراپى قارىدايدۇ ،شۇڭا بۇنى ھەپتىدە 2 قېتىم ئىشلىتىپ بەرسە بۇنىڭدىن قۇتىلىدۇ .

تېرىنى يۇمشىتىپ دانىخورەك يوقىتىدۇ
بۇنىڭ زەھەر تازلاش رولى بۇلۇپ ،زەخمىلەنگەن تېرىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ ،سالونىمىز سىزگە دانىخورەك يوقىتىش چاپلىقى قىلىشنى كۆرسىتىپ قويماقچى .

ماتىريال
يۇمغاقسۈت، قېتىق ،تەرخەمەك ،قاپاق،سۇلۇ ئۇنى
香菜80克 / 酸奶15克 / 黄瓜40克
芦荟40克 / 燕麦粉30克
ياسىلىشى
ماتىرياللارنى ئارلاشتۇرۇش ماشىنىسىغا سېلىپ ،تەكشى ھالدا يۈزىمىزگە سۈرتۈپ 15 مىنۇتتىن كېيىن يۇۋەتسەك بولىدۇ .

تەر تۆشۈكچىسىنى كىچىكلىتىدۇ
يۇمغاقسۈت تەر تۆشۈكچىسىنى كىچىكلىتىدۇ ،بۇنى ئاپلىسىن شەربىتى بىلەن بىرلەشتۈرسە ئۆلگەن تېرىنى چىقىرىدۇ ،تېرىنىڭ سىلىقلىقىنى ئاشۇرىدۇ .

ماتىريال
يۇمغاقسۈت ،ئاپلىسىن شەربىتى ،دېڭىز تۇزى ،كۇكۇس مېيى
ئۇسۇلى
يۇمغاقسۈت ،ئاپلىسىن شەربىتى ۋە كۇكۇس مېيىنى ئارلاشتۇرۇش ماشىنىسىغا سېلىپ تەكشى ئارلاشتۇرىمىز.

ئاندىن دېڭىز تۇزىنى سېلىپ تەكشى ئارلاشتۇرىمىز .

تەييار قىلغاندىن كېيىن ئۆلگەن تېرە ئۈستىگە سۈرتىسەك بولىدۇ .بۇنى توڭلاتقۇغا سېلىپ بىر ھەپتە ئەتراپىدا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ .


بۇنىڭ ئاقارتىش رولىدىن باشقا سالامەتلىككىمۇ بەك پايدىلىق ،سالونىمىز سىزگە تۇنۇشتۇرۇپ قويىدۇ
قان قېتىشلىق يۈرەك كېسىلىنى داۋالايدۇ
بۇنىڭدا قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدىغان تەركىب بولۇپ بۇ يەنە كۆكرەك بوشلۇقى ئاغرىش ،يۈرەك ئاغرىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ .

ئەسكەرتىش
10 گىرام يۇمغاقسۈت غولىدىن تەييارلاپ ،15 مىنۇت سۇدا قاينىتىپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە بولىدۇ ،ھەر ھەپتىدە 3 قېتىم ،ئۇدا 2 ھەپتە ئېچىپ ،2 كۈن ئارام ئالغاندىن كېيىن داۋاملاشتۇرسىڭىز بولىدۇ .كۆرەك ئاغرىش كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ .

كۆز چارچاشنى ياخشىلايدۇ
يۇمغاقسۈتتە ئادەم بەدنىگە كېرەكلىك نۇرغۇن ۋىتامىنلا بولۇپ كۆز ئاسرايدۇ ،كۆزدىكى ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ .

زۇكامغا شىپا قىلىدۇ
يۇمغاقسۈت مۆتىدىل بولۇپ ،ھاۋا سوغۇق چاغدا بۇنى يېسىڭىززۇكامنى ياخشىلايدۇ .

ئۇسۇلى
گۈرۈچ ئۇمىچى قىلىپ مۇۋاپىق يۇمغاقسۈت قوشۇپ كۈندە ئىچىپ بەرسىڭىز ئۇزۇنغا قالماي ساقىيىسىز

قىزىلنى داۋالايدۇ
بۇنىڭ يەنە قىزىلنى داۋالاش رولى بار تەر بېزى ئاجىرتىپ چىقىرىشقا ياردىمى بولۇپ قىزىتىپ قىزىلنى داۋالاش رولى بار .

ئۇسۇلى
500گىرام يۇمغاقسۈتنى قاينىتىپ قىزىل چىققان جاينى ھورىدا ھورداپ بەرسەك قىزىلغا مەنپەئەت قىلىدۇ .

قۇسۇشنى داۋالايدۇ
ناۋادا يېقىنلىرىڭىزنىڭ مىجەزى يوق قۇسۇش،باس قېيىش ئەھۋالى بولۇپ قالسا ،يۇمغاقسۈتنى ئىشلىتىپ بېقىڭ

ئۇسۇلى
يۇمغاقسۈتنى يانجىپ ،سۈيىنى ئايرىمىز ،شىكەر قۇمىچى شىرنىسىدىن ئىككى قۇشۇق قوشىمىز .كۈندە ئىككى قېتىم ئىستىمال قىلسا ،كۆڭلى ئېلىشىش ،قۇسۇش ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ .

بوۋاسىزنى ياخشىلايدۇ
بوۋاسىزنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىش رولى بار ،بوۋاسىر دوستلار سىناپ باقسا بولىدۇ .

ئۇسۇلى
يۇمغاقسۈتنى ئېزىپ ،شىرنىسىنى ئايرىۋالىمىز .ئاغرىق جاينى كۈندە يۇيۇپ بەرسەك ،ئاغېىقنى ياخشىلايدۇ .

يومغاقسۈت ياخشى بولغان بىلەن ھەممە ئادەمگە ماس كېلىشى ناتايىن
ئاشقازان ئىسسىق ئادەم
بۇ مۆتىدىل بولۇپ ،ئاشقازان ئىسسىق ئادەم يېسە ،ئېغىز پۇراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

بەدەن ئاجىز كىشىلەر
يۇمغاقسۈتنى كۆپ يەۋالسىڭىز مەنىۋىي خوراش بولىدۇ .شۇڭا ئاجىز كىشىلەر يېسە تېخىمۇ ئاجىزلايدۇ .

ئاسان تەلەيدىغانلار
تەر كۆپ چىقىدىغان ،بولۇپنۇ بەدەن پۇرىقى كۈچلۈك كىشىلەر كۆپ يىسە پۇراقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ .

ئېغىر كېسەلدىن ساقايغانلار
ئوپراتسىيەدىن كېيىن ياكى ئېغىر كىسەل كىشىلەرمۇ ئاز يىيىش كېرەك ،بولمىسا كېسەلنى قايتا قوزغاپ قويىشى مۇمكىن .

بۇنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر يومغاقسۈتنى كۆپ سېتىۋالغان بىلەن ياخشى ساقلىيالمايدۇ .بۇنىڭ ئۇسۇلىنىمۇ كۆرسىتىپ قوياي .

قەغەزگە ئورايمىز ،يىلتىزىنى چىقىرىپ قويۇڭ .

ئارقىدىن سۇلياۋ خالتىغا قاچىلاپ چىگىپ قويىمىز ،بۇ ئۇسۇل يۇمغاقسۈتنى بىر ئاي يېڭى پېتى ساقلىيالايدۇ .

بۇلارنى بىلگەندىن كېيىن ،نەچچە مىڭلىغان دورا گىرىم بويۇمىغا پۇل خەجلىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ .















