大数跨境

كۆك يۆتەلگە سىناقتىن ئۆتكەن ئىسىل رىتسىپلار

كۆك يۆتەلگە سىناقتىن ئۆتكەن ئىسىل رىتسىپلار dastur
2019-01-05
14



1. ئىككى تال خورمىغا بىردانە ئىللىتىلغان تۇخۇم سېرىقى قوشۇپ يەپ بەرسە ، كۆك يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ .

...............................................................



...............................................................


2. 10 گىرام زىغىر ئۇرقىنى ئېزىپ ، 24 گىرام ھەسەل بىلەن لوئوق تەييارلاپ يالاپ بەرسە ، كۆك يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ .

........................................................



3. پىيازدىن ئالتە گىرامنى قورۇپ سارغايتىپ ، 24 گىرام ھەسەل قوشۇپ ئېستىمال قىلسا ، كۆك يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ .

...............................................................



4. 500 گىرام پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنىڭ ( دۇفۇ ) ئوتتۇرسىنى ئازراق ئويىۋېتىپ ئارىسىغا 10 گىرام ئاق شىكەر سېلىپ دۈملەپ ھەركۈنى بىرقېتىمدىن 4-5 كۈن يىسە كۆك يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ .

...............................................................



5. 60 گىرام جىگەرنى يالپاقلاپ ، 30 مىللىلىتىر كۈنجۈت يېغىدا قورۇپ ، ئۈستىگە تۇز سېپىپ ، كۈندە ئىككى قېتىم يىسە كۆك يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ .




...............................................................

6. 30 گىرام يەرياڭىقى مېغىزى بىلەن 30 گىرام ھەسەلنى مۇۋاپىق مىقتاردىكى سۇدا يېرىم سائەت قاينىتىپ ، سۈيىنى كۈندە ئىككى قېتىم ئىچسە ، كۆك يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ .




7. كۆك كەپتەر گۆشىنى كاۋاپ ياكى شورپا قىلىپ يەپ بەرسە ، كۆك يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ .




...............................................................

8. تاتلىق ئاناردىن كىچىككىنە تۆشۈك ئېچىپ ، 30 مىللىلېتىر بادام يېغىنى قۇيۇپ ، ياغ ئانارغا سېڭىپ بولغۇچە سۇس ئوتتا قىزىتىپ شۈمىسە ، كۆك يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ .




...............................................................

9. ياڭاق ، بادام مېغىزى ، ئۇرۇقسىز قىزىل ئۈزۈم ، ھەسەلدىن باراۋەر مىقداردا ئېلىپ ، دورىلارنى سوقۇپ ، ھەسەل بىلەن ئارلاشتۇرۇپ ، كۈندە ئۈچ قېتىم ، ھەرقېتىمدا بىرقوشۇق ئىستىمال قىلسا ، كۆك يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ .




ئەسكەرتىش : بۇ رېستىپ بىر ياشتىن ئاشقان بالىلارغا ، ھامىلدارلارغا ۋە چوڭلارغا ئورتاق ماس كىلىدۇ .





دەستۇر                dastur        代斯图尔




【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读4.3k
粉丝0
内容662