大数跨境

ئېرىمنىڭ مەخپى خاتىرىسى

ئېرىمنىڭ مەخپى خاتىرىسى dastur
2019-01-06
1




ئېرىمنىڭ مەخپى خاتىرىسى 

 ئاۋازدا: راھىلە مۇسا، تاھىرجان يۈسۈپ

ئاۋاز تەھرىرى : ئەزىزە

 قولۇمدىكى بۇ كۆك تاشلىق خاتىرە مېنى بۈگۈن ئاجايىپ ئازاپلاپ قويدىكى، ئۇنىھ ئىچىدىكى ھەربىر خەت، ھەربىر جۈملە يۈرىكىمگە خۇددى نەشتەردەك، بېگىزدەك سانجىلىپ، قۇرۇت كەبى يۈرىكىمنى يەپ كېتىۋاتاتتى......

ئېرىمدىن نەپرەتلىنەيمۇ ياكى رەھمەت ئېيتايمۇ؟ "قىزىم ساڭا دەي كېلىنىم سەن ئاڭلا" دىگەندەك پۈتۈن ھېسىياتلىرىنى خاتىرىگە تۆكۈپ، ئارقىدىن بۇ خەتلىرىنى يەنە ماڭا كۆرسىتىش ئۈچۈن بالىلارنى چوڭ ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇپ مېنى ئۆيدە يالغۇز قويغان ئەقلىگە، قەستەنلىكىگە ئاپىرىن ئېيتايمۇ؟ ۋە ياكى ھېچ بولمىغاندا يۈز تۇرانە بۇ گەپلەرنى ماڭا ئېيتىپ مېنى خىجالەت قىلىپ، غورۇرۇمنى سۇندۇرمىغانلىقىغا خوشال بولايمۇ؟؟؟

كۆزۈمدە لىق ياش، قەلبىمدە مۇرەككەپ ھېسىيات، شۇنى يۇشۇرالمايمەنكى ئېرىم خاتىرىسىگە ھەقىقەتنى يېزىپتۇ.... 

كىيىم ئىشكابىمىزنى رەتلەۋېتىپ ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان كۆك تاشلىق خاتىرىگە كۆزۈم چۈشتى، تۇيۇقسىزلا قېلىن خەت يېزىقلىق خاتىرە قولۇمغا چىققاندا ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئىچىدە نېمە مەخپىيەتلىك بارلىقىغا قىزىقىمەندە، تولىمۇ تەبىئىي ھالدا ۋاراقلاشقا باشلىدىم.....

بىرىنچى بېتىنى ئېچىپلا ھەيران قالدىم، ئادەتتە شۇنچىلىك خىيالى، بىر ئىشلارغا ئانچىكى ئېرەن قىلمايدىغان ئېرىمنىڭمۇ ئەسلى ھاياتىدىكى ئەسلەشكە ئەرزىگۈدەك كۈنلەرنى خاتىرلەپ ماڭىدىغان ياخشى ئادىتىمۇ باركەن ئەمەسمۇ، تويۇقسىزلا ئۆزۈمنىڭ بىر ئايال تۇرۇپ ئۇنىڭچىلىك رومانتىك ئەمەسلىكىمدىن خىجالەت بولدۇم.

خاتىرىدە تونۇشقان كۈنىمىز، قىزغىن مۇھەببەتلەشكەن رومانتىك كۈنلەر، يېڭى توي قىلغاندىكى شېرىن كۈنلەر،تۇنجى بالىمىز تۇغۇلغاندىكى ئالەمچە خوشاللىق....شۇنچىلىك ئەستايىدىل خاتىرلىنىپتۇ، بۇلارنى كۆرۈپ ياشلىقتىكى شۇ گۈزەل مىنۇتلارغا قايتىپ قالغاندەك ھاياجانلىنىپ كەتتىم، ئەمما مېنىڭ بۇ ھاياجانلىق، خوشاللىق ھېسىياتىم 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى دىگەن خەت بىلەن پۈتۈنلەي بۇزۇلۇپ كەتتى......


ئايالمىغا دىيەلمىگەن سۆزلىرىم

   

سۆيۈملۈكۈم:

سېنى بۇنداق چاقىرمىغىلى  شۇنچە ئۇزۇن يىل بوپتۇ، ئەمما بۈگۈن مەن ئۇنتۇلۇپ كىتەي دىگەن شۇ تاتلىق چاقىرىشلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم. بىر مەزگىللىك شېرىن مۇھەببەتلىك تۇرمۇشىمىزدىن كېيىنكى سۇسلىشىپ يوقۇلۇپ كېتەي دىگەن ھېسىياتلىرىمىز ئالدىدا شۇنچىلىك گاڭگىراپ ھالسىرىدىمكى، مەنىسىزلىك تەكرارلانغان تۇرمۇشۇمنى ئاۋۇندۇرۇش ئۈچۈن باشقىچە يولغا مېڭىشقا مەجبۇر بولدۇم، مانا بۇ مۇشۇ كۆك تاشلىق خاتىرىگە ئۈچ يىل ھېچنىمە يازماي بۈگۈن بۇ يازمىنى يېزىشىمنىڭ سەۋەبى....

سەن بىلەن تۇنجى تونۇشقان چاغدا ئوماق قىلىقلىرىڭ، شوخلۇقۇڭ، سۆزلەپ ھارمايدىغان گەپدانلىقىڭ بىلەن قەلبىمگە بۆسۈپ كىرىپ،خۇمار كۆزلىرىڭ بىلەن سۆيگۈ ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ نۇرغۇن كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز قويغانىدىڭ، بىرسىگە ئاشىق بولۇش ئازاپلىق بولسىمۇ، ئاشىقلىق يەنىلا شۇنچىلىك شېرىنكى مەڭگۈ مېنى شۇ ئىشقى ئوتۇڭدا كۈل قىلىۋەتسەڭمۇ رازى ئىدىم، شۇڭلاشقا سېنى ھېچكىمگە تارتقۇزۇپ قويماستىن خوتۇن قىلىپ ئالالىغانلىقىمدىن شۇنچىلىك پەخرلەنگەنىدىم.....

كۆڭۈل دىگەن ئاجايىپ نەرسىكەن، شۇ چاغلاردا ناۋادا كۈنلەرنىڭ بىرىدە سەن ھاياتىمدا بولماي قالساڭ ئۆلۈپ قالارمەنمۇ دىگەنلەرنىمۇ ئويلاپ قالاتتىم،ئەمما مۇھەببەت  يەنە بىرتالاي ناھانە-سەۋەپلەر بىلەن ھامىنى سۇسلىشىدىكەن، ئاجىزلىشىدىكەن ....

بىرئادەمنىڭ جېنىنى بىلەن بەدەل تۆلىشى، يەنە بىرسىنىڭ قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرىشى، بىرسىنىڭ ئېگىزدە تۇرىۋېلىشى، يەنە بىرسىنىڭ  بېشىنى ھەدىدىن زىيادە ئېگىپ قەدرىنى يوقۇتىشى مۇھەببەتتىكى يېڭىلىق تۇيغۇسىنىڭ يوقۇلىشىدىكى قورقۇنۇچلۇق ھەقىقەتكەن.

يېڭى توي قىلغان چاغدا سېنى شۇنچىلىك ئايايتىم، ئۇدا نەچچە كۈن ئاشخانىدا تاماق ئېتىۋاتقىنىڭنى كۆرۈپ" بولدى جېنىم ئىشلەپ چارچىغاندا تاماق ئەتمەڭ، سىرتتىن تاماق يىسەكمۇ بولىدىغۇ " دىسەم، " بۇنچىلىك تاماق ئەتكەنگە نېمە بولاتتى" دىدىڭ، " ئۇنداقتا مەن سىزگە ياردەملىشەي، بىردەمدىلا تەييار بولىدۇ" دىسەم، " ھاي، ئەر كىشى دىگەن قازان بېشىغا ئارلاشمايدىغان، سۈپىتىڭىز بىلەن ئولتۇرۇڭ" دېدىڭ.

سېنى ھېرىپ كەتتى دەپ ئۆيلەرنى بولسىمۇ سۈپۈرۋىتەي دىسەم" توۋا، ئەركىشىمۇ سۈپۈرگە كۆتۈرۈپ يۈرەمدۇ، ئەكىلىڭ بولدى ئۆزۈم گاچچىدە سۈپۈرۋىتەي" دېدىڭ....

ئەتىگەندە تۇرسام ناشتىلىق، كەچتە كەلسەم مەززىلىك تاماق، ئىشقا مېڭىش ئالدىدا مايلاپ تەييارقىلغان ئاياغ، دەزماللىنىپ چىرايلىق قاتلانغان كىيىملەر......مانا بۇ مۇھەببەت، كۆيۈنۈش، ئاسراش ئالدىدا مەن بارا-بارا كۆز ئالدىمدىكى نەرسىنىمۇ تاپالماس، ئالالماس تەييارتاپنىڭ ئۆزى بولدۇم.

سەن مېنىڭ ئەرلىك غورۇرۇمنى ئايىدىڭ، مەن بارا-بارا سېنىڭ بۇ قۇربانلىق بېرىشلىرىڭگە كۆنۈپ كەتتىم، ھەتتاكى خۇددى بۇ ئىشلار سېنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىڭدەك ھېرىپ كەتكىنىڭنى كۆرسەممۇ ساڭا ئىچ ئاغرىتماس بولدۇم.

ئوتۇڭدا مەجنۇنلارچە ساراڭ ئاشىق بولغان ۋاقتىمدا،ئەگكىلى بولىدىغان يۇمشاق ۋاقتىمدا ئەركىشى دىگەنچۇ... دىگەندەك سۆزلىرىڭ بىلەن مېنى خۇددى ئېگىلمەس قارىغايدەك قاتۇرىۋەتتىڭ.

ئەمدى بالا ئىككى بولۇپ ئۆيدىكى جىددىيچىلىك كۆپۈيۈپ بىر قولۇڭنى ئىككى قىلالماس  بولغىنىڭدا كۈندە مېنى ھېچ ئىشقا ياردەملەشمەيسىز، كۆيۈنمەيسىز، ئايىمايسىز...” دەپ كوتۇلداشلىرىڭ مېنى بىزار قىلىشقا باشلىدى، ساڭا ھەرقانچە قارىساممۇ ئەينى چاغدا مېنى ئاشىق قىلغان شۇ شوخ، ئوماق، گەپدان قىزنىڭ سىيماسىنى تاپالمايتىم.

تۇرمۇشتا ئەرنىڭ خۇددى خوجايىنلاردەك سالاپەت بىلەن ئايالنىڭ خۇددى مالايدەك ئەپتى بىلەن يۈرىشى قىزغىن مۇھەببەتكە خۇددى سوغوق سۇ سەپكەندەك سوۋۇتىۋىتىدىكەن

مېنى تۇركوركەن دىمىگىن خوتۇن، سەن بىلەن ئۆي پاكىز، بالىلىرىم  پاكىز، مەن پاكىز. خىزمەتداشلىرىم كۈندە پاكىز ئەتىر پۇراپ تۇرىدىغان تۇرقۇمنى رەتلىك كىيىنىشلىرىمنى كۆرگەندە سېنى ماختىشىپ كېتىدۇ، مەنمۇ كۆڭلۈمدە خۇتۇنۇم راستىنلا بەك پاكىز، بەك چاققان جۇمۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن، ئەمما مېنىڭ ئۆيگە بېرىپ پاكىز ئېيتىلغان يەرگە ئەمەس بەلكى سېنىڭ يۈزۈڭگە، لېۋىڭگە سۆيىدىغانلىقىمنى ئويلىسام كۆڭلۈم  ئىنتايىن ئاچچىق بولىدۇ....

سەن ھازىر بۇرۇنقى رەتلىك، چاققان، كۆزنىڭ يېغىنى يەيدىغان ۋاقىتلىرىڭدىن كۆپ ئۆزگىرىپ كەتتىڭ، كۈندە تۈگىمەس ئۆي ئىشلىرى، مەن بىلەن قوشۇلۇپ ئۈچ بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بىلەن ۋاقتىڭنىڭ ئۆزۈڭگە ئاشماي كەلگەنلىكى، ئىشقا بېرىش ئۈچۈنمۇ كۆڭۈل قويۇپ ياسىنالماي قولۇڭغا چىققاننى ھاپىلا-شاپىلا كىيىپ، چېچىڭنى مۇنداقلا بوغۇپ ئۆيدىن ئالدىراش چىقىپ كېتىدىغىنىڭ ماڭا ئايان...

ئاستىدىكى ئىلاننى بىرنى چىكىۋىتىپ ئاندىن داۋامنى ئوقۈڭ

ئەمما سەنمۇ ئېسىڭدىن چىقارمىغىن خوتۇن: ئەرلەرنىڭ ھەممىسى لۈكچەك، ئۇلار نازكەرەشمىلىك بىر ئايالنىڭ جىلمىيىپ بېقىشىنى، مىھرىبانلىق بىلەن كۆيۈنىشىنى، كۆزلىرىگە قاراپ خۇمارلىق كۈلىشىنى ھەرگىزمۇ رەت قىلالمايدۇ، مەنمۇ ھەم مەنىسىزلەشكەن تۇرمۇشۇمغا مەلھەم بولىدىغان  شۇ قىزنى ئۇچراتقاندا سېنىڭ سىمايىڭ قەلبىمدىن تېخىمۇ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشكە باشلىدى.

مېنى تىللىغىن، مېنى ئۇرغىن، ياقىلىرىمغا ئېسىلىپ ئەقىدەڭگە تۇزكورلۇق قىلغان مەندەك بۇزۇق ئەرنىڭ يۈزىگە نەچچىنى كاچاتلىۋەتكەن، ئەمما خوتۇن  شۇنى ئېسىڭدە چىقارمىغىنكى :ئەرلەر ھامان ئوتىدا كۆيدۈرەلەيدىغان، سۈيىدە  ئاقتۇرالايدىغان ئاياللارغا ئاشىقكەن، ئەركىلەپ تۇرۇپ ئىشقا سالالايدىغان، خۇيلىنىپ تۇرۇپ  دىگىنىنى قىلدۇرالايدىغان ئاياللارغا تەسلىم بولىدىكەن، ئۆزىنى ھەرقانچە ئالىيجاناپ سانىغان ئەرمۇ بۇ ھەقىقەت ئالدىدا يەنىلا ئاجىزلىق قىلىدىكەن.....

ئەمەلىيەتتە مەنمۇ سېنىڭ ئىچىڭدىن چىقىرىپ تېلىقىپ كۈلۈشلىرىڭگە، بوينۇمغا گىرە سېلىپ خۇددى كىچىك قىزلاردەك ئەركىلەشلىرىڭگە، خۇددى ئەركە مەلىكىلەردەك ھورۇنلۇق قىلىپ مېنى بوزەك قىلىشلىرىڭغا يەنە گاھىدا نازىنىن ئاياللاردەك مېنى ھاياجانغا سېلىپ ماڭا يېڭىلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلىشڭغا بەكمۇ تەشنا، لېكىن سەن شۇنداق قىلالمايۋاتىسەن.....

سىرتلاردا خوشاللىق ئىزدەپ يۈرگىنىم راست، كۆڭۈل ئىزدەپ ، يېڭىلىق ئىزدەپ يۈرگىنىم راست،  يولدىن ئېزىپ ساڭا ۋاپاسىزلىق قىلغىنىم راست ، ئەممامەن يەنىلا خىرەلىشپ ئۆچەي دەپ قالغان مۇھەببەت شامىمىزنى  پۈتۈنلەي ئۆچۈرۋىتىشنى ئەمەس بەلكى قايتىدىن ۋالىلدىتىپ ياندۇرۇشنى ئۈمۈد قىلىمەن......

ئۆزگەرگىن خوتۇنۇم....

سەن بەرگەن قۇربانلىقلار بەك كۆپ بولۇپ كەتتى، سېنىڭ تۆلىگەن بەدىلىڭ بارا-بارا مېنىڭ ئالدىمدا قىممىتىڭنى يوقۇتۇپ قويدى، خاسلىقىڭنى يۈتتۈرۈپ قويدى، سەندىن ئۆتكەن ئەڭ چوڭ سەۋەنلىك شۇكى سەن ئۆزۈڭنىڭ مەۋجۇتلىقىڭنى  ئۇنتۇپ قالدىڭ.غايەڭنى، ئارزۇلىرىڭنى خۇددى سۈپۈرگە بىلەن يەرنى سۈپۈرگەندەك نەلەرگىدۇر سۈپۈرىۋەتتىڭ،گۈزەللىكىڭنى، ياشلىقىڭنى قۇربان بېرىش، بەدەل تۆلەش يولىدا سارغايتىپ سامان قىلدىڭ.....

سۆيۈملۈكۈم، مېنى كەچۈر!!

خەتنى مۇشۇ يەرگىچە ئوقۇپ قانچىلىك يىغلىغىنىڭ، ئازاپلانغانلىقىڭنى كۆزئالدىمغا كەلتۈرۈپ تۇرىۋاتىمەن، ئەمما سەنمۇ بىر ئەرنىڭ قەلبىنى چۈشەنگىن، سەن جاپا تارتىش ئۈچۈنلا، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش ئۈچۈنلا تۆرەلمىگەن، ئۆي قالايمىقان بولسا بولسۇن مېنىڭ قەلبىم قالايمىقان بولماي ساڭىلا مەنسۇپ بولسۇن، مېنى ئۆزۈڭگە قايتىدىن ئاشىق قىلغىن ۋاپادارىم......

مەنبە: تور دۇنياس


【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读0
粉丝0
内容662