大数跨境

يەر مەدىكى ھەققىدە

يەر مەدىكى ھەققىدە dastur
2018-09-14
1
导读:dastur



بۇ يەر مەدىكى ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق تەييارتاپ سامان غوللۇق، سېمىز ئەتلىك، يەر مەدىكىگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 20 ~ 30 سانتىمېتىر كېلىدۇ. پۈتۈن تېنىنىڭ رەڭگى قىزىل خورما رەڭ، تۈۋى چوڭايغان بولۇپ، تەڭگىچە يوپۇرماقلىرى بار؛ گۆشلۈك باشاقسىمان گۈل رېتى ئۇچىدا ئۆسىدۇ، رەڭگى قارامتۇل بېغىر رەڭ، گۈل رېتىدە شالاڭ رتەڭگىسىمان ئورىغۇچى يوپۇرماقلىرى بار، گۈلى زىچ تىزىلىپ تۇرىدۇ.

ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ ئىچ سۈرۈش، قاناش ۋە تەرنى توختىتىش، جىگەر ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، بەدەندىكى قاتتىقلىقنى تارقىتىش، ھاردۇق چىقىرىش، پەي، مۇسكۇللارنى چىڭىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە .

15 گرام يەر مەدىكىنى 12 گرام ياچىۋەك تۇخۇمى، 35 گرام لوڭگۇ، 20 گرام پىچەكگۈل بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بۆرەك ئاجىزلىق، كۆپ ئېھتىلام بولۇش، بەل، پۇت ماغدۇرسىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 50 گرام يەر مەدىكىنى 280 گرام زىرىق، 041 گرام تاشپاقا قېپى، 70 گرام پىششىق ئەگرىسۇنا، 80 گرام ئاق چۇغلۇق، 35 گرام يىلپىز سۆڭىكى بىلەن بىللە يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ ئۇن ئارىلاشتۇرۇپ خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ ياساپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 8 ~ 15 تال كۇمىلاچنى تۇزلۇق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، بەدەن ئاجىزلىقى، پەي، سۆڭەكلەرنىڭ ماغدۇرسىزلىقى ۋە بەل، پۇت ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. يەر مەدىكى، توشقانزەدىكى، بۇغا مۈڭگۈزى قالدۇقى، نېلۇپەر گۈل چېڭى، لوڭگۇ قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 35 گرامدىن ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى چەككىلەنگەن ھەسەل بىلەن ياڭاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلاپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر تالدىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، كۆپ ئېھتىلام بولۇش، بەل، تىز سىرقىراپ ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

ساغلام تەندە ساپ ئەقىل



ئۈستىدىكى چىپار كود ئارقلىق بىزگە ئەگىشىڭ 

ساقلىق سالونىمىزغا ھەركۈنى يېڭى ۋە شۇنداقلا تولۇق پايدىلنىش قىممىتى بولغان ساغلاملىق ئۇچۇرلىرى يوللىنىدۇ ، سالامەتلىكىڭىز ئۈچۈن نەزىرىڭىز سالونىمىزدا بولسۇن


سىزگە پايدىلىق ھەممە مەزمۇنلار سالوننىڭ «مىۋە» تىزىملىكىدە 

 ساغلاملىقىڭىز ئۈچۈن تىلفۇندا تورغا چىقىش  ۋاقتىڭىزنى كونترول قىلىڭ 






【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读0
粉丝0
内容662