
پۇل بىلەن تاپقان ھۆرمىتىڭ، پۇل بىلەن تەڭ خەجلىنىپ تۈگەيدۇ، لېكىن ياخشى مىجەزىڭ، ئېسىللىقىڭ بىلەن تاپقان ھۆرمىتىڭ ئۆزۈڭ بىلەن تەڭ تۈگەيدۇ.
ھايات ساڭا سۇئال قويمايدۇ، بىراق سەن ھاياتقا ھامان بىر جاۋاب بېرىسەن، توغرا بولسا بەختىڭ بىلەن، خاتا بولسا دەردىڭ بىلەن …
ئۆگىنىۋال تاتلىق كۈلۈشنى، كۈلۈپ تۇرۇپ ئەلەم يۇتۇشنى، ئازاپلارغا بەرداشلىق بېرىپ ، خارلانساڭمۇ ئېسىل يۈرۈشنى، سۆيگەنلەرگە مېھىرىڭنى بېرىپ، خۇشال يۈرۈشنى ...
ئېسىڭدە بولسۇن دۇنيا ئەكىس ساداغا تولغاندۇر، سەن نېمە دەپ ۋارقىرساڭ ساڭىمۇ شۇ قايتىدۇ. كىشىگە نېمە قىلساڭ ئۈزەڭگە شۇ يانىدۇ... مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدىغان ئىنسان، ئاغزىدىن چىققان سۆزىدىمۇ تۇرمايدۇ. پەقەت سېنىڭ باغرىڭنىڭ يۇمشاقلىقىدىن ھەم ساددىلىقىڭدىن پايدىلىنىپ سېنى ئالدايدۇ.
يالغۇزلۇق يامان دېيىشىدىكەن. ئەمما يالغۇزلۇق — ساختا مېھىرلەردىن، يالغان سۆيۈشلەردىن، توختىماي ئازار يېيىشلەردىن، ئۈنسىز ئالدىنىشلاردىن، يوشۇرۇن خىيانەتلەردىن مىڭ ياخشى…


