


يازدا تەرخەمەكنى سۇغا چىلاپ قويۇپ ياكى توڭلاتقۇدا ئازراق سوغۇق ساقلىغاندىن كېيىن ، سۇدا يۇيۇپ بىۋاستە ئىستېمال قىلغاندا ، ئۇسسۇلۇقنى بېسىپ ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ . تەرخەمەكنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن ، مىنېرال ماددىلار ئىنتايىن مول ، ئۇنىڭدىن باشقا ، تەرخەمەكنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن E ئۆمۈرنى ئۇزارتىپ ، بالدۇر قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . تەرخەمەكنىڭ تەركىبىدىكى ئېنزىمنىڭ بىيولوگىيەلىك ھاياتىي كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ ، ئورگانىزملارنىڭ مېتابولىزمىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .
تەرخەمەكنى سۇدا ئازراق تۇرغۇزۇپ يۇيۇپ ، بىۋاستىلا ئىستېمال قىلغاندىن باشقا ، توغراپ شېكەر ياكى ئاچچىقسۇ ئارىلاشتۇرۇپ سوغۇق سەي قىلىپ يېگەندە ، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىپ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قالغانلارنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچىدۇ ، ئۇسسۇلۇقنى باسىدۇ . بۇ سوغۇق سەي سېمىزلەرگە ، يۇقىرى قان بېسىمى بارلار ، قاندىكى ماي ماددىسى ئېشىپ كەتكەنلەر ۋە سۇلۇق ئىششىيدىغانلارغىمۇ ماس كېلىدۇ . لېكىن تال ، ئاشقازىنى ئاجىزلار ، قورسىقى ئاغرىپ ئىچى سۈرۈپ قالغانلارنىڭ ، ئاشقازىنىنىڭ سوغۇقى ئېشىپ كەتكەنلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ئانچە ماس كەلمەيدۇ . چۈنكى تەرخەمەكنىڭ تەبىئىيىتى سوغۇق كېلىدۇ .




