大数跨境

مانا بۇ مېۋىنى يىسىڭىز 7خىل راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىسىز

مانا بۇ مېۋىنى يىسىڭىز 7خىل راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىسىز dastur
2019-07-17
3



  


مانا بۇ مېۋىنى يىسىڭىز 7خىل راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىسىز


ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ

بىرخىل مېۋە بار .ئۇبىر《دوختۇر》،ئوزۇقشۇناسلارنىڭ ھەممىسى تەۋسىيە قىلغان ساغلام يىمەكلىك .كۆپ خىل ئېپىدېمىئولوگىيە تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا كۈندە ئۇ مېۋىدىن بىرنى يىسە :
1.ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇشنى 11%ئازايتىدۇ .
2.بوغماق ئۈچەي راكىغا گىرىپدار بولۇشنى 34%ئازايتىدۇ .
3.سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇشنى 21%ئازايتىدۇ .
4.ھەزىم قىلىش يولى راكىغا گىرىپتار بولۇشنى 50%ئازايتىدۇ

... ...
بىر خىل مېۋە بار ئۇ بىزنىڭ مېڭىمىزگە، ئۆپكىمىزگە، تېرىمىزگە، سۆڭىكىمىزگە، كۆزىمىزگە، يۈرىكىمىزگە، چىشىمىزغا، ئۈچەي يولىمىزغا، بۆرىكىمىزگە، دوۋسىقىمىزغا، جىگىرىمىزگە پايدا قىلىدۇ .مېۋىلەر ئىچىدىكى 《دوختۇر》.ئۇنى تاپالىدىڭىزمۇ ؟ ئۇ ئالما



ئالما ئۇسسۇزلۇقنى باسىدىغان، ئۆپكە سىلىلايدىغان، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەپ تالنى ساغلاملاشتۇرىدىغان ئۈنىمى بار .سىلىقلاش رولى نەشپۈتتىنمۇ ياخشى، نەشپۈتتەك سوغوق ئەمەس، مەيلى قۇرغاق ئەتىياز، كۈز پەسلىدە بولسۇن، ۋەياكى سوغۇق قىش پەسلىدە بولسۇن سىلىقلاش رولىغا ئىگە مېۋىلەرنى يىيىش زۆرۈر



                        

                 ئالمىدا مول بولغان كاربۇن سۇ بىرىكمىسى، ۋىتامىن، مىكرو ئىلمىتلار، قەنت تۈردىكىلەر، ئورگانىك كىسلاتا، پىكتىن، كالتىسىي، فوسفور، كالىي، تۆمۈر، ۋىتامىن A، ۋىتامىن B، ۋىتامىن C، يىمەكلىك تالاسى يەنە كۇئېركىتىن، ئاتنوتسىئانىدىن، كاتېخول قاتارلىق ساغلاملىق تەركىبلىرىمۇ بار
شۇڭا ئالما يىمەكلىك قىممىتى يۇقىرى بولغان مېۋە بولالايدۇ .ھەر 100گىرام  ئالمىدا 50-60 كالورىيە ئىسسىقلىق بار .شۇڭا ئۇ تۆۋەن ئىسسىقلىق يىمەكلىككە كىرىدۇ، ئورۇقلىماقچى بولغانلارغا ماس كېلىدۇ


كۈندە بىر ئالما بولسا،دوختۇرغاكۆرۈنىش ھاجەتسىز】دېگەن گەپ راستمۇ ؟

راس


دائىم ئالما يەپ بەرسە ئۆپكە راكىغا، بوغماق ئۈچەي راكىغا، ئېغىز بوشلۇقى راكىغا، قىزىل ئۆڭگەچ راكىغا، جىگەر راكى قاتارلىق كۆپ خىل راك كېسەللىكلىرىگە پايدىسى بار، كۈندە بىر تال ئالما يەپ بەرسىلا مۇشۇنداق پايدا كۆرەلەيدۇ


ئۇزۇن مەزگىل ئالما يىگەندە  خولىستىرىننى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ،  تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىشىنى  تۆەنلىتىدۇ.
ئوكىسفۇرد ئونۋىرسىتىتىنىڭ   تەتقىق قىلىپ بايقىشىچە،  ئەللىك ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر ھەركۈنى بىر تال  ئالما يىيىشنى   يازغان، ھەريىلى 8500كىشىلەرنىڭ   يۈرەك،  شامالداراش كېسىلى    قاتارلىقلارنىڭ  ئالدىنى ئالغان .
يەنە بىر تەتقىقاتقا ئاساسەن ،  دائىم ئالما  يەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئالما يىمەيدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن   يۈرەك تىقىلما كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تۆۋەن بولىدىكەن

كۈندە 311گىرام ئالما ياكى  ئالما كونسىرۋاسى يىگەندە   سۈيدۈكنىڭ كېسلاتالىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىپ،  كالتىسىينىڭ سۈيدۈك ئارقىلىق   تۆۋەنلىشى ئازىيىپ  ،  سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ



دائىم ئالما يىسە،  دىئابىت كېسىلىنىڭ خەتىرىنى ئازايتىدۇ،  ئالمىنىڭ قان شېكىرىنى ئۆرلىتىشى ئاستا،  شۇڭا دىئابىت كېسىلى بىمارلىرى يىسە بولىدۇ



ئالما يىسە چىش مىلىكى پاكىزلىقىغا   پايدىسى بار،  ئۇنىڭدا شېكەر مىقدارى بولسىمۇ  چىش قۇرتلاش خەتىرى يوق

ئالما يىسە نەپەس كانەيچىلىرىنىڭ  ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ،  سوزۇلما توزۇلۇشچان  ئۆپكە كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ



ماي مىقدارى،  قاندىكى  شېكەر مىقدارى يوقىرى  بولۇش سەۋەبى  سەمىرىپ كەتكەن چاشقانلارغا   يىمەكلىك تالاسى 0.2% بولغان ئالمىنن   يىگىرمە كۈن ئۇدا بەرگەن،  ئۇلارنىڭ سېمىزلىك دەرىجىسى  يېنىكلىگەن



ھامىلدارلار ھەر ھەپتىدە تۆت تالدىن جىق ئالما يەپ  بەرسە، ھامىلىنىڭ نەپەس قىيىن بولۇش  ،  زىققا بولۇشىنى تۆۋەنلىتىدۇ

ئالما پوستىنى ئاقلاش كېرەكمۇ ؟ 
ئالما پوستىدا نۇرغۇن پايدىلىق تەركىبلەر بار،  لىكىن كىشىلەر دېھقانچىلىق دورا قېلىپ قالغان دەپ ئەنسىرەيدۇ .
ئەمەلىيەتتە ھازىر  مۇنتىزىم ئالنا تېرىيدىغان  يەر  ئاساسەن  زىيانسىز،  ئەگەر سىز يايمىچىلاردىن ئەرزان باھالىق ياكى شاللانغان ئالمىلارنى يىگەندە  پوستىنى ئاقلاپ يىسىڭىز بېخەتەر

ئەتىگەندە يىگەن ئالما ئالتۇن ئالما،  كەچتە يىگەن ئالما  سېسىق ئالما دىگەن گەپ راستمۇ ؟ 
ئالمىنى قايسى ۋاقىتتا يىسە  پايدىلىق قىممىتى ئۆزگەرمەيدۇ ،نورمال يىسە ئەڭ مۇۋاپىق،  لىكىن ئاشقازان ئۈچەي يولى ياخشى ئەمەسلەر ئەتىگەندە ئاچ قورساق يىسە بولمايدۇ

كۈندە چوقۇم بىر تال ئالما يىيىش زۆرۈرمۇ ؟

كۈندە بىر تال ئالما يىيىش شەرت ئەمەس،  ھەپتىدە ئۈچ تۆت تال يىسە،  ياكى  باشقا مېۋىلەر بىلەن ئارلاشتۇرۇپ يىسە بولىدۇ

ئالما قاتتىق پوستلىق،  شۇڭا  يىگەندە ئۇششاق چايناپ  ئاستا يۇتۇش كېرەك. بولمىسا ئاشقازان ئۈچەي يولىغا زەخمە يېتىدۇ،  ئالمىنى ئەڭ ياخشىسى ئىككى ۋاق تاماق ئارلىقىدا يىسە مۇۋاپىق.




















新疆代斯图尔国际贸易有限公司



【声明】内容源于网络
0
0
dastur
保健品、健康咨询
内容 662
粉丝 0
dastur 保健品、健康咨询
总阅读530
粉丝0
内容662