


چەتئەل تاراتقۇسىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ھىندىستان 30 يىلدا دۇنيانىڭ دورىخانىسىغا ئايلانغان. بۇ يىل 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولغان يىللىق خامچوتتىن قارىغاندا، ھىندىستان 19 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە دورا ئېكسپورت قىلغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11 ئاشقان، 30 يىل ئىچىدە ئۇ 10 چوڭ دورا ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەت قاتارىغا كىرىپ، نۇرغۇن دۆلەتنىڭ مال تەمىنلەش مەنبەسى ئايلانغان. ئامېرىكىنى مىسالغا ئالساق، ئامېرىكىدا سېتىلىۋاتقان %40 تەقلىدىي دورىنىڭ ھەممىسىنى ھىندىستان ياسىغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھىندىستان پۈتۈن يەر شارىدىكى ۋاكسىنىنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك تەمىنلەيدىكەن.
ھىندىستاننىڭ دورىچىلىقى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى ۋىدېيودا بولسۇن...

来源:中央广播电视总台
审稿:尼加提·卡德尔
记者、编辑:买合力亚
制作:乌斯曼江
www.uycnr.com









